داتۇڭ شەھىرى

داتۇڭ شەھىرى

داتۇڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى يىنشەن تېغىغا، جەنۇب تەرىپى تەيخاڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ، ساڭگەن دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر ۋە مۇھىم ھەربىي ئىشلار بازىسى بولغان.

نامى داتۇڭ شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
يەر مەيدانى 14176 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق يېرىم قۇرغاق ھاۋا كىلىماتى
جۇغراپىيىلىك ئورنى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان
خەنزۇچە نامى 大同
ئۆلكىسى شەنشى ئۆلكىسى
نوپۇسى 337.48 تۈمەن(2013)
مەمۇرىي رايون تۈرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

داتۇڭ شەھىرىداتۇڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، شىمال تەرىپى يىنشەن تېغىغا، جەنۇب تەرىپى تەيخاڭشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ، ساڭگەن دەرياسى بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مەشھۇر تارىخىي شەھەر ۋە مۇھىم ھەربىي ئىشلار بازىسى بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 200-يىلى خەن سۇلالىسى پادىشاھى ليۇ باڭ لەشكەر باشلاپ بېسىپ كىرگەن ھونلارغا ئۇدۇلدىن زەربە بەرگەندە، قورشاۋغا چۈشۈپ قالغان پىڭچېڭدىكى بەيدىڭشەن تېغى دەل مۇشۇ يەردە. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە بۇ يەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 100 يىلغا يېقىن پايتەخت قىلىنغان. لياۋ، جىن سۇلالىلىرىمۇ بۇ يەرنى قوشۇمچە پايتەخت قىلغان ھەمدە شىجىڭ، دەپ ئاتىغان. كېيىن يەنە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەددىچىن سېپىلى بويىدىكى توققۇز مۇھىم بازارنىڭ بىرى بولغان داتۇڭ بازىرى باش بۇغ تۇرۇشلۇق ئورۇن بولغان.

 ئاساسلىق تارىخىي ئاسارئەتىقىلەردىن: يۈنگاڭ تاش غارى، شاڭخۇايەن ئىبادەتخانىسى، شياخۇايەن ئىبادەتخانىسى، شەنخۇا ئىبادەتخانىسى، توققۇز ئەجدىھا تېمى قاتارلىقلار بار. يۈنگاڭ تاش غارى داتۇڭ شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، قېزىلغىنىدىن تا ھازىرغىچە 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاش غار توپىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۇنياغا داڭلىق سەنئەت خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 53 غار بار، ئۇلارنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان تۇتاش ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىرچە كېلىدۇ، غار ئىچىدە 30 مىڭدىن ئارتۇق تاش بۇت بار. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#