مېۋە قۇرۇتۇش

قۇرۇق ئۇزۇم

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ مېۋە-چېۋە ماكانى دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، قاق، جىگدە، ياڭاق، ھەر خىل بادام، چىلان، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، پىستە، ئەنجۈر، قوغۇن قېقى، مېغىز ۋە ھەر خىل خورمىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى مېۋە قۇرۇتۇش
خەنزۇچە ئىسمى 果实干制

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ مېۋە-چېۋە ماكانى دېگەن نامى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرنى قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم، گۈلە، قاق، جىگدە، ياڭاق، ھەر خىل بادام، چىلان، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، پىستە، ئەنجۈر، قوغۇن قېقى، مېغىز ۋە ھەر خىل خورمىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

ئۇيغۇرلاردا مېۋە تۈرى كۆپ، ئۇلارنى قۇرۇتۇش ئۇسۇلىمۇ مىللىي ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇيغۇر باغۋەنلىرى ئادەتتىكى ئۆرۈك ۋە شاپتۇلنى كاۋاكشىغان مەزگىلدە ئۈزۈپ ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىدۇ.

ئۈرۈك قېقى ئۆرۈكتىن قاق(گۈلە) تەييارلاش ئۇسۇللىرى خىلمۇ خىل بولۇپ، سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك خۇۋەينى ئۆرۈكنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ ئۇنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا كۈنگە كۆرسەتمەي، نەم تەگكۈزمەي قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلە سۈزۈك، قارامتۇل گۆشلۈك قۇرۇيدۇ، قۇرۇش جەريانىدا شىرە باغلايدۇ. يەنە بەزىدە ئادەتتىكى خۇۋەينى ئۆرۈك ياكى باشقا سورتتىكى ئۆرۈكلەرنى مەي باغلاش ئالدىدا قېقىۋېلىپ شور تۇزنى قاينىتىپ سوۋۇتۇپ چويلا بىلەن تۇزغا سېلىپ بورىغا يېيىپ قۇرۇتىدۇ. بۇ خىل گۈلىگە چىۋىن قونمايدۇ، قۇرتلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈزۈك قۇرۇيدۇ. قۇرت چۈشمەسلىك ئۈچۈن قۇرۇتۇلغان گۈلە قاچىسىغا شور تۇزنى چوقۇپ سېلىپ قويىدۇ.

گۈلىدىن باشقا ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاش ئۇيغۇر باغۋەنچىلىك ئىگىلىكىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئىچىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۆرۈك خورمىسىنىڭ تۈرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسەن مېغىزلىق خورما، مېغىزسىز خورما، ئىسلانغان خورما، ئىسلانمىغان خورما دەپ تۆت خىلغا بۆلۈنىدۇ. 

ئۆرۈك شىرنە يىغىشتىن ئىلگىرى قېقىۋېلىنىپ سېۋەت بىلەن يۇيۇپ سۈيى ساقىپ بولغاندىن كېيىن بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ. ئىككى-ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن، سولىشىپ مەي باغلىغاندا ئۇنىڭ ئۈچكىسىنى ئاجرىتىۋېلىنىپ قول بىلەن يۇمىلاقلاپ يەنە بورا ئۈستىگە تىزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر تالدىن مېغىز سېلىپ قۇرۇتۇلسا مېغىزلىق خورما بولىدۇ. بۇنداق خورما توق جىگەررەڭ بولۇپ، تەمى شېرىن، تەبىئىتى ئىسسىق بولىدۇ. مېغىزلىق خورمىنىڭ قىممىتى مېغىزسىز خورمىغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.

خورما ئىسلانغان خورما قۇرۇتۇش مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن قۇرۇتۇش خۇمدانى ياسىلىدۇ. خۇمدان ئوتتۇرىسىغا قازان ئېسىپ قويۇلىدۇ. يۇيۇپ قۇرۇتۇلغان ئۆرۈكنى سېۋەت بىلەن يېرىم مېتر ئېگىزلىكتە تىزىلغان تاختاي ئۈستىگە دەستىلەپ تىزىدۇ، بىر خۇمدانغا ئوتتۇز-قىرىق سېۋەت، ھەر بىر سېۋەتتە قىرىق-ئەللىك كىلوگرامغىچە ئۆرۈك بولىدۇ. سېۋەت تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن سەككىز يۈز گرام ئەتراپىدا گۈڭگۈرت پوقىنى خۇمداندىكى قازانغا سېلىپ، خۇمدان ئىشىكىنى شامال كىرمەيدىغان قىلىپ يىم ئېتىپ لاي بىلەن سۇۋاپ، خۇمدان ئاستىدىن ئوت يېقىلىدۇ. قازان قىزىپ گۈڭگۈرت پوقى ئىس چىقىرىدۇ. گۈڭگۈرت پوقى بىر سوتىكىدا كۆيۈپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىسىدا ئۆرۈكلەر ئىسلىنىپ سارغىيىدۇ. بىر سوتكىدىن كېيىن خۇمداننىڭ ئاغزىنى ئېچىپ سېۋەتتىكى ئىسلانغان بورا ئۈستىگە تەكشى يېيىلىدۇ؛ ئىككى-ئۈچ كۈن ئاپتاپتا تۇرغاندىن كېيىن ئۈچكىسىنى ئېلىۋېتىپ تەڭگىسىمان قىلىپ خورما ياسىلىدۇ. كۈن ياخشى بولسا بىر ھەپتىدە خورما قۇرۇپ سارغىيىدۇ. بۇنداق خورما رەڭدار ۋە سۈپەتلىك بولۇپ، تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى مۆتىدىل بولىدۇ. 

شاپتۇل قېقىشاپتۇل قېقى تەييارلاشمۇ ئىسلانمىغان ئۆرۈك خورمىسى تەييارلاشقا ئوخشىشىدۇ. شاپتۇل قېقىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىق تۇتۇپ قالغان كىشىلەر ئۇنى يېسە ياكى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار قوغۇن، ئەنجۈر، قارىئۆرۈك، ئۈزۈم، ئەينۇلا، چىلان، ئۈجمە قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشمىغان ئۇسۇللار بىلەن قۇرۇتۇپ، ئۇنىڭدىن قاق تەييارلايدۇ. قۇرۇق يېمىش شۇنىڭ ئۈچۈن قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تاۋارلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#