قەندالەتچىلىك
ئۇيغۇرلاردا قەندالەتچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇيغۇرلاردا قەندالەتچىلىكنىڭ تۈرى كۆپ، تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە.
ئۇيغۇرلار شېكەردىن ئاق، نوقۇت رەڭ، سېرىق ناۋات، ئون نەچچە خىل مەنپەسى، كۆپ خىللىق كەمپۈت، پاتاسا، پەشمەت، ئەدىرەك، پىچەك، قىيام قاتارلىق تاتلىق مەھسۇلاتلارنى ھەمدە شېكەر قىيامىغا مېۋە-چېۋە ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاق، ئەنجۈر مۇرابباسى، ئۆرۈك مۇرابباسى، ھەر خىل گىلاس مۇراببالىرى، قارىئۆرۈك(ئەينۇلا) مۇرابباسى، ئالما مۇرابباسى، سەۋزە مۇرابباسى، بېھى مۇۋابباسى، ئامۇت مۇرابباسى، قوغۇن مۇرابباسى، پىننە مۇرابباسى، گۈلقەنت قاتارلىق يەتمىش-سەكسەن خىل تاتلىق ۋە شىپالىق يېمەكلىكلەر ياسايدۇ.
قەندالەتچىلىكنىڭ سايمانلىرى ئاددىي بولۇپ، قازان، يىپ، چېلەك، چۆمۈچ، مەنپەسى قېلىپى، كەپكۈر، بىر قانچە تال چوكا تاياق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك ناۋات ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق: ئادەتتە بىر يۈز يىگىرمە جىڭ شېكەرگە ئىككى چېلەك سۇ قۇيۇپ، ئىتتىك ئوتتا قاينىتىپ، شېكەر قىيام بولغاندا ئوتنى پەسەيتىپ، تۇخۇمدىن تۆتنى چېقىپ، ئاق-سېرىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قىيامغا تۆكۈپ قاينىتىدۇ. تۇخۇم شېكەردىكى كىر، غەلدە-غەشتىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كۆپۈك بولۇپ لەيلەيدۇ. ئاندىن كەپكۈر بىلەن ئۇنى سۈزۈۋېتىپ، قىيامنى ئىتتىك ئوتتا قاينىتىدۇ. قىيام قۇيۇلۇپ تىرناقتا مارجاندەك توختىغاندا. ئېغىزغا سېلىپ باقىدۇ، ئېرىشى ئاستا بولغاندا، يىپ تارتىپ تەييارلىغان قازانغا تۆكۈپ ئۈچ كېچە-كۈندۈز قويغاندا پىشقان قىيام يىپقا نۆكچە باغلاپ ئاق ناۋات بولىدۇ، خام قىيام قازان تېگىدە قالىدۇ. خام قىيامغا شېكەر قوشۇپ يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن يەنە قاينىتىپ ئىشلىگەندە، نوقۇت رەڭ ناۋات، ئۇنىڭدىن قالغاننى ئىشلىگەندە سېرىق ناۋات، ئۇنىڭدىن قالغاننى ئىشلىگەندە مەنپەسى بولىدۇ.
مەنپەسى قىيامغا بىر ئاز لىمون سېلىنىدۇ. قىيامى ئۇشتالغۇدەك قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنى مايلانغان داسقا سېلىپ قېلىپتىن ئۆتكۈزۈپ ياسايدۇ. مەنپەسى قىيامىدىن قالغان خام قىيامنى قاينىتىپ، ئۇنى مايلانغان داسقا تۆكۈپ قوچۇغاندا قىيام قۇيۇلىدۇ. ئۇنى لېگەننى مايلاپ تۆككەندە، قېتىپ ئەدىرەك بولىدۇ. قىياملارنىڭ رەڭگى كۆپ قاينىغانلىقتىن ئۆزگىرىدۇ.
پاتاسا-ناۋاتتىن ئاشقان خام قىيامغا شېكەر سېلىپ يۇقىرىقى ئۇسۇلدا قاينىتىپ قىيام چوڭراق يۇغۇرۇلغان بۇغداي خېمىرىدەك بولغاندا قىيامنى سوۋۇتۇپ سۈزۈپ قوزۇققا ئاسىدۇ. قىيام سوزۇلۇپ ھاۋانى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئاقىرىپ كۆپىدۇ. سوزۇلغان قىيامنى قايچىدە ئاق داستىخانغا ئۆلچەملىك كېسىدۇ، قىيام قېتىپ پاتاسا بولىدۇ.
پەشمەت-بىر كىلوگرام ئېرىتىلگەن قوي مېيىغا بەش كىلو ئۇن سېلىپ تالغان قىلىپ كۆيدۈرمەي، قورۇيدۇ. چوڭ-بوشلۇقى ئەدىرەك قىيامىدەك بولغاندا مۇۋاپىق لىمون سېلىپ، سوۋۇغان قىيامنى قوزۇققا ئېسىپ سوزۇپ كۆپتۈرۈپ، ئىنچىكە سوزۇلغان قىيامنى جوزىغا تەكشى قويىۇلغان تالقانغا تەگكۈزۈپ تالقان يېگۈزىدۇ. ئاندىن ئۆلچەملىك كېسىپ تىزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەشمەت بولىدۇ.
نىشالا: تۇخۇم ئېقىنى مىس قازانغا تۆكۈپ باغلاق تاياق بىلەن بىرەر سائەت ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز ئىلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن كۆپۈكلىنىپ نىشالا بولىدۇ. نىشالا كۆپۈكلىنىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا بەرىكەتلىك بولىدۇ. بۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلاردا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ شەھەر ئىچىدىكى توي-تۆكۈن، مۇراسىملاردا مېھمانغا نىشالا ئېتىش ئومۇملاشقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.