قارا بۇلغۇن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قارا بۇلغۇننىڭ تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئەركىكى چىشىسىدىن چوڭ بولىدۇ. تېنىنىڭ ئېغىرلىقى 530–1050 گرام، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30–50 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12–16 سانتىمېتىر بولىدۇ. قۇلىقى چوڭ بولۇپ، ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە بولىدۇ. قۇيرۇقى نىسبەتەن قىسقا، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3/1 گە توغرا كېلىدۇ.
قۇيرۇق تۈكلىرى كۆپۈپ تۇرىدۇ، پۇتلىرى قىسقا، ئەمما كۈچلۈك، بارمىقى بەش بولۇپ، ھەربىر بارمىقىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولىدۇ.
قىش پەسلىدە بارماقلىرىنى تۈكلەر ئوراپ تۇرىدۇ. بەدەن تۈكلىرى قويۇق، تىۋىتلىرى قېلىن بولىدۇ. پۈتۈن تېنى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. باش قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس بولۇپ، كۈل رەڭگە مايىل كېلىدۇ. بوغۇز قىسمىدا سېرىق ياكى سۇس سېرىق ئالىسى بولىدۇ. بەزىلىرىدە بۇ داغلار ئانچە روشەن بولمايدۇ.
قارا بۇلغۇن سوغۇق بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمانلىقى ياكى ئارىلاش ئورمانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياشايدۇ. ئىپتىدائىي ئورمانلىقلاردا كۆپرەك بولىدۇ. ئۇ ئۇۋىسىنى دېڭىز يۈزىدىن 1000–2200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى كىلىماتى سوغۇق، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر مول بولغان قىيا تاشلىق جايلاردىكى تاش كامارلىرىغا، دەرەخ كاۋاكلىرىغا ياكى دەرەخ يىلتىزى ئاستىدىكى تۆشۈكلەرگە ياسايدۇ. ئۇۋىسىدا ياتىدىغان ئورنى بىلەن تەرەت قىلىدىغان ئورنى ئايرىم بولىدۇ. بۇلغۇننىڭ ئەركىكى بالا باقمايدۇ، بەزىدە بۇلغۇن بالىلىرى ئەركەك بۇلغۇنلارغا ئۇچراپ قالسا يەۋېتىدۇ.
بۇلغۇن ئۇۋىسىدا زاپاس ئوزۇقلۇق ساقلاش ئىسكىلاتى بولىدۇ، بۇلغۇن ئۇۋىسىغا ئوت–چۆپ، يۇڭ–تۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى يېيىتىدۇ. بۇلغۇن پەقەت تۇغۇش مەزگىلىدە مۇقىم ئۇۋا ياسايدۇ، ئادەتتە مۇقىم ئۇۋىسى بولمايدۇ.
ئۇ جۈپلىشىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا يالغۇز يۈرىدۇ، گۇگۇم ۋاقتىدا ھەرىكىتى ناھايىتى جانلىق بولىدۇ، دەرەخقە يامىشىشقا ناھايىتى ماھىر بولۇپ، رەقىبلىرىگە يولۇققاندا دەرەخلەرگە چىقىۋالىدۇ. ئۇنىڭ پۇراش سەزگۈسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، پۇراش سەزگۈسىگە تايىنىپ ئوزۇقلۇق تاپىدۇ.
قارا بۇلغۇن ئاساسەن كىچىك تىپتىكى غاجىلىغۇچىلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، يەنى چاشقاننى كۆپرەك ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تىيىن، توشقان، بىر قىسىم قۇشلار، بېلىقلارنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. قۇش تۇخۇملىرى، قارىغاي ئۇرۇقى، شىرنىلىك مېۋىلەرنىمۇ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. قارا بۇلغۇن ئادەتتە 16–20 يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۆرىدۇ.
كۈشەندىلىرى
قارا بۇلغۇننىڭ تەبىئىي كۈشەندىلىرى سۈلەيسۈن، بۆرە، مۈشۈكياپىلاق، بۈركۈت، لاچىن، قارچىغا قاتارلىقلار.
قارا بۇلغۇن يىلدا بىر قېتىم كۆپىيىدۇ، ئۇ 6–، 8–ئايلاردا چېتىشىپ بوغاز بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى 3–، 5–ئايلاردا تۇغىدۇ. ئۇ ئادەتتە بىر قېتىمدا 2–8 گىچە تۇغىدۇ. بالىلىرى تۇغۇلۇپ 35–40 كۈنلۈك بولغاندا كۆزىنى ئاچىدۇ.
بالىلىرى تەخمىنەن 50 كۈندە سۈتتىن ئايرىلىدۇ. ئۈچ يېرىم ياشتا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ. 3–، 4–ئايلاردا قىشلىق يۇڭىنى تاشلاپ يازلىق يۇڭغا ئالماشتۇرىدۇ، 9–ئايدا يازلىق يۇڭىنى تاشلاپ قىشلىق يۇڭغا ئالماشتۇرىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دا ئاساسەن ئالتاي تاغلىق رايونىغا تارقالغان، دۆلىتىمىز ئىچىدە چوڭ–كىچىك ھىنگان تاغلىرى ۋە چاڭبەيشەنگە تارقالغان، چەت ئەللەردىن چاۋشيەن، رۇسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقىستان ۋە تاشقى موڭغۇلىيەگە تارقالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دا تارقالغىنى ئۇنىڭ شىنجاڭ كەنجى تۈرىدۇر. قارا بۇلغۇننىڭ دۆلىتىمىز ئىچىدە تۆت كەنجى تۈرى بار، ئاپتونوم رايونىمىزدا پەقەت بىرلا كەنجى تۈرى بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.