شىۋاق
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىۋاقبۇ ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك تاجىلىق ئەمەن بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران مايسىسى «شىۋاق» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئەگرى – بۈگرى كاللەكسىمان، كۈل رەڭگە مايىل ئاق رەڭلىك ياكى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل رەڭلىك، تەمى سەل ئاچچىق، پۇراقلىق كېلىدۇ.
خىميىۋىلىك تەركىبى
جۇڭگو شىۋىقىدا سۈيدۈك ھەيدەيدىغان ئۈنۈملۈك تەركىب سكو پارون (Scoparone)، خلوروگېنىك كىسلاتا، مايلىق ياغ، ئۇچۇچان ماي قـاتـارلـىقـلار بار. تاجـىلىـق ئەمـەنـدە لاكتـۇن، ھىـدروكـسىئـاتسـېتـوفېـنـون (Hydroxyacetophenone)، ئاتسـىـدوم سـالىـستىـلىـكـۇم (Salicylic acid)، خلوروگېنىك كىسلاتا، مايلىق ياغ، ئۇچۇچان ماي قاتارلىقلار بار.
توسالغۇلارنى ئېچىش، تاش پارچىلاش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىششىق تارقىتىش، ھەيزنى راۋان قىلىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، نەزلىنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تەركىبىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ شىۋاقنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەيدىغان ئاساسىي تەركىبىدۇر، كاپۇللارسىن بولسا باكتېرىيىگە قارشى كۈچلۈك تەسىرى بار، تاجىلىق ئەمەن تەركىبىدىكى لاكتورننىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ھەيدەش تەسىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا ياللۇغلىنىشقا قارشى تەسىرى بار ھەم قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھاسىراشنى باسىدۇ، ئاتسىدوم سالتسىلىكۇم سىرتقا ئىشلىتىلسە، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە باكتېرىيە زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرىدۇ، سېسىق گازلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىگەردىكى زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ، ئېغىزدىن ئىچكۈزۈلسە، كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قىزىتما ياندۇرىدۇ. جىگەر كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلارنى تورمۇزلايدۇ، يۈرەك تاجىسىمان قىزىل قان تومۇر قان ئېقىمىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ ھەم نەپەسنى تەڭشەيدۇ.
جىگەر ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىششىقى، يەلدىن ۋە غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ھەر خىل ئىششىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ساقلاش
باھاردا مايسىسى 6 ~ 10 سانتىمېتىر بولغاندا ياكى كۈزدە گۈلى ئېچىلغاندا ئورۇۋېلىنىپ، ئارىلاش ماددىلىرى تازىلىۋېتىلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.