ئالبانىيە

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى
ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى  (The Republic of Albania) قىسقارتىلىپ ئالبانىيە دىيىلىدۇ. ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلى غەربىي قىرغىقىدا. شىمال تەرىپى سېربىيە ۋە خېيشەن (مونتېنېگرو)، شەرقىي شىمال ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شەرقىي گرېتسىيەبىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى ئادرىئاتىك دېڭىزى ۋە ئىئونىيە دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 472 كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئالبانىيە 阿尔巴尼亚
ۋاقىت رايونى UTC+1 (يازلىق ۋاقىت تۈزۈمى: UTC+2)
دۆلەت تىلى ئالبان تىلى
نوپۇسى 2 مىليون 886 مىڭ (2016-يىلى)
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿尔巴尼亚共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى تىرانا
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 117.6/ كىۋادرات كىلومېتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى  (The Republic of Albania) قىسقارتىلىپ ئالبانىيە دىيىلىدۇ. ئورنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلى غەربىي قىرغىقىدا. شىمال تەرىپى سېربىيە ۋە خېيشەن (مونتېنېگرو)، شەرقىي شىمال ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شەرقىي گرېتسىيە بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى ئادرىئاتىك دېڭىزى ۋە ئىئونىيە دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 472 كىلومېتىر. ئالبانىيىنىڭ 2016-يىلى 1-ئايدىكى نوپۇسى 2 مىليون 886 مىڭ، زىمىنى 28 مىڭ 748 كۋادىرات كىلومېتىر.

تىلى : ئاھالىنىڭ %95 نى ئىگەللەيدىغان ئالبان تىلى دۆلەت تىلى بولۇپ بۇلاردىن باشقا يەنە ئاھالىنىڭ %3 گىرىك ۋە %2 سىگان قاتارلىق باشقا مىللەتلەر بار.

دىنى : %70 دىن ئارتۇق ئاھالە ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىبىدە. %20 ئاھالە گىرىك پراۋسلاۋىيە دىنىغا، %10 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئىشىنىدۇ

دۆلەت بايرىمى : (1912-يىلى) 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ؛

ۋاقىت رايونى : ياۋروپا ۋاقتى (2-ۋاقىت رايونى)؛

پايتەختى : تىرانا، ئاھالىسى 350 مىڭ؛

پۇلى : لېك. (2006-يىلى) 98.384لەك=بىر دوللار، 2004-يىلى 102.78 لەك=بىر دوللار، 2002-يىلى140.155 لەك=بىر دوللار ؛

جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋاقتى: 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى .

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىئالبانىيە ئالبان مىللىتىنىڭ ئەجدادى ئىرىلىيىلىكەرنىڭ ئانا زىمىنى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرى ئالىكساندىرىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان، مىلادى 168-يىلىدىن كېيىن شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ، 4-ئەسىردە ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ، 9-ئەسىردە سېربىيەنىڭ،11-ئەسىردە ۋېنتسىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان. 1190-يىلى مۇستەقىل ئالبانىيە پادىشاھلىقىنى قۇرغان. 1415-يىلىدىن كېيىن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى نىڭ ئارناۋۇت ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋە يەرلىك ئاھالىلەر تەدرىجى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان. 1912-يىلى11-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1925-يىلى سوگۇ ئىتالىيىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئالبانيەنىڭ پىرىزدېنرى بولغان ۋە1928-يىلى ئالبانىيىنى پادىشاھلىق تۈزۈم دىكى دۆلەت قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان. 1939-يىلى ئىتالىيە ئالبانىيەنى بېسىۋالغاندا سوگۇ چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالبانىيەلىكلەر ئىتالىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ 3قېتىملىق ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ تاغ بۈركۈتى دەپ نام ئالغان. 1945-يىلى سوۋېت ئىتىپاقى ئالبانىيەنى ئەنۋەر خوجا كومپارتىيىسىگە تاپشۇرۇپ ئالبانىيەدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا سەۋەپ بولغان. 1990-يىلى ئالبانىيەمۇ باشقا شەرقى ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويۇپ جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. 1992-يىلى ئالبانىيە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت نامىىنى ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتكەن.

جۇغراپىيەلىك ئورنى 

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىئورنى شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپادىكى بالقان يېرىم ئارىلى غەربىي قىرغىقىدا. شىمال تەرىپى سېربىيە ۋە خېيشەن (موندىنېگرو)، شەرقىي شىمال ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن، شەرقىي گرېتسىيە بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى ئادرىئاتىك دېڭىزى ۋە ئىئونىيە دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 472 كىلومېتىر. 

يەر شەكلى

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىتاغلىق ۋە ئېدىرلىق پۈتۈن مەملىكەت كۆلىمىنىڭ 4/3 قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى تۈزلەڭلىك. سۇبتروپىك بەلباغ ئوتتۇرا يەر دېڭىزى كلىماتىغا تەۋە. شەرقىي قىسمى دىنالا تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبقا سوزۇلغان قىسمى بولۇپ، ئادەتتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 − 2000 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ ئېگىز چوققا يېزىر تېغى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2694 مېتىر. تاغ ئارىسىدىكى دەريا جىلغىلىرى ئويمانلىقلارغا تارقالغان. تاغ تىزمىسى غەرب تەرىپىدە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000-200 مېتىرغىچە كېلىدىغان ئىدىرلىقلاردىن ئىبارەت.  

كىلماتى 

كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ ئوتتۇرا دېڭىز - ئوكيان كىلىماتىغا تەۋە. يامغۇر مىقدارى مول، ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 1300 مىللىمېتىر. يازدا قۇرغاق. بىر يىل ئىچىدىكى 7-ئايدا ئەڭ ئىسسىق، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 24 سېلسىيە گرادۇس، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 41.5 سېلسىيە گرادۇس؛ 1-ئايدا ئەڭ سوغۇق بولۇپ، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 7 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇس. 

تەبىئىي بايلىقلىرى

ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، خروملۇق پولات، مىس، نىكېل(Ni)، كۆمۈر قاتارلىقلار بار. ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 43 مىليون 700 مىڭ توننا خروم رۇدىسى زاپىسى 32 مىليون توننا. سۇ بايلىقى بىر قەدەر مول.

بايرىقى

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىئالبانىيە دۆلەت بايرىقى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 5:7. بايراقنىڭ تېگى قېنىق قىزىل رەڭلىك، ئوتتۇرىسىغا بىر قارا بۈركۈتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن. ئالبانىيەنىڭ يەنە ‹‹بۈركۈت دۆلىتى›› دېگەن نامىمۇ بار، بۈركۈت مىللىي قەھرىمانى ئىسكەندەربەگ تۈركلەرنىڭ سىمۋولى دەپ قارالغان. 1939-يىلى ئىتالىيە ئالبانىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، قوش باشلىق بۈركۈت بەلگىسى بولغان دۆلەت بايرىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، لېكىن خەلقنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى پارتىزان ئۇرۇشى داۋامىدا، يەنىلا قوش باشلىق بۈركۈت سىزىلغان دۆلەت بايرىقىنى ئىشلەتكەن. 1946-يىلى ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، دۆلەت بايرىقى ئۈستىگە يەنە سېرىق قىرلىق قىزىل بەش يۇلتۇز 1994-يىلى 4-ئايدا قىزىل بەش يۇلتۇز ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

گېربى

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتىئالبانىيە دۆلەت گېربى ئوتتۇرسىغا قارا رەڭلىك قوش باشلىق بۈركۈتنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن، ئۈستى قىسمىغا يەنى بۈركۈت بېشىغا زەر تۇتۇلغان ئىسكەندەربەگ تۈركلەرنىڭ قالپىقىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن.  

يېڭى يىلى : 1-ئاينىڭ 1-2-كۈنى؛ 

نېفۇلۇس بايرىمى : 3-ئاينىڭ 22-كۈنى؛ 

كاتولىك دىنىنىڭ پاسخا بايرىمى : 4-ئاينىڭ 8-كۈنى؛ 

پراۋوسلاۋىيە دىنى پاسخا بايرىمى : 4-ئاينىڭ 15-كۈنى؛ 

خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى : 5-ئاينىڭ 1-كۈنى؛ 

مۇستەقىللىق كۈنى : 11-ئاينىڭ 28-كۈنى (1912-يىلى)؛

ئازادلىق كۈنى : 11-ئاينىڭ 29-كۈنى (1944-يىلى)؛

دۆلەت ياشلار بايرىمى : 12-ئاينىڭ 8-كۈنى؛ 

مىلاد بايرىمى : 12-ئاينىڭ 25-كۈنى؛ [2]

ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى2008-يىلى ئالبانىيەنىڭ ئىقتىسادى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %7 ئاشقان بولۇپ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 13 مىليارت 306 مىليون دوللار بولۇپ كىشى بېشىغا 6400 دوللار توغرا كەلگەن. ئۇمۇمى دارامەتنىڭ %3 ى مائارىپ ئىشلىرىغا، %1.5 ى ھەربى ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن.

ئالبانىيەدە زامانىۋى سانائەت ئاساسەن يوق بولۇپ، ئىقتىسادىدا نېفىت ۋە كانچىلىق ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. ئاھالىنىڭ %23 دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن، %19 سانائەت بىلەن، %57 مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئالبانىيەنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى%5 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

 2008-يىلى مۇقىم تېلېفون ئابونتى 353 مىڭ، يانفون ئابونتى 2 مىليون 300 مىڭ، ئىنتېرنېت ئابونتى 471 مىڭ بولغان. [1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

ئوكيان قامۇس تورى 

http://qamus.okyan.com/index.php?doc-view-399

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#