قوغۇن دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قوغۇن (دورا)
  2. قوغۇن (مېۋىنىڭ تۈرى)
دورا
قوغۇن

قوغۇن بولسا ئۆسۈملۈك قوغۇننىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەتلىك بولغانلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار.

ئۇيغۇرچە نامى قوغۇن
ئەرەبچە نامى بىتتىخ
ئىنگلىزچە Muskmelon
تونۇش ئۆسۈملۈك قوغۇننىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەتلىك بولغانلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甜瓜
پارسچە نامى خەربوزە
ئوردۇچە نامى خەربوزە
تەمى تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوغۇن قوغۇن بولسا كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياماشقۇچى ياكى يەر بېغىرلىغۇچى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك  قوغۇننىڭ مېۋىسى بولۇپ، ئەتلىك بولغانلىرى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.تەمى تاتلىق، خۇش پۇراق. 7-،8-،ئايلاردا تولۇق پىشقاندا يىغىۋېلىنىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھىندىستان قاتارلىق ئىسسىق بەلۋاغ ئەللىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەنگە ئوزۇق بولۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، مېڭە ۋە بەدەندە ھۆللۈك پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

كۆپ يېسە ئىچنى سۈرىۋېتىدۇ، ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

 باكتىرىيەلەرنى تورمۇزلاش تەسىرى يوق، لىكىن مەلۇم زەمبۇرۇغلارنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

قوغۇن تەركىبىدە %2.68 شارچە ئاقسىل، لۇمۇن كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىڭ كىسلاتالار، β-كاروتېن، ۋىتامىنB،  Cقاتارلىقلار بار.

دورىلىق ئورنى

قوغۇننىڭ مېۋىسى.

مىقدارى

مۇۋاپىق مىقداردا يېيىشكە بېرىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

سىركەنجىۋىل،  ئانار سۈيى،  مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل بىلەن  قوشۇپ يېيىش لازىم.

ئورۇنباسارى

تەرخەمەك

مۇراببائى خىربوزە.

مېڭە ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، بۆرەك ۋە دوۋسۇن يارىسى، ھەيز تۇتۇلۇش، كۆپ ئۇسساش، قەۋزىيەت، جىگەر ۋە بۆرەك يوللىرى توسۇلۇش، تېرىنىڭ يىرىكلىشىشى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=271

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#