- تاتلىق ئانار (خام دورا)
- تاتلىق ئانار (مېۋىنىڭ تۈرى)
تاتلىق ئانار
تاتلىق ئانار بولسا ھەممىگە تونۇشلۇق ئانار ئائىلىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخ ئانارنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت.مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈشقاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈشەندۈرۈشى
ھەممىگە تونۇشلۇق ئانار ئائىلىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخ ئانارنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت.تاتلىق ئانار بولسا ئانار ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، 9- 10- ئايالاردا پىشقان مېۋىسىنى يىغىۋېلىندۇ . شىنجاڭنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەندىن كۆپ چىقىدۇ.
خۇسۇسيىتى
يۈرەك، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆكرەك ۋە گالنىڭ يىرىكلىكىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش،سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچنى توختىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈشقاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
خاس تەسىرى
يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
ئەكىس تەسىرى
ئاشقازاندا سوغۇق يەل پەيدا قىلىدۇ. كېزىك بىمارلىرىغا زىيان قىلىدۇ.
ئۈنۈملۈك تەركىبى
مېۋە تەركىبىدە شېكەر، مېۋە شېكىرى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار، ئۇرۇقـىـنـىـڭ تەركىـبــىـدە مـاي، يـوپۇرمـىـقىـنـىـڭ تـەركىبىـدە بىـئـولوگـىيـىلـىـك ئىشـقـار (2-propenyl piperidine plarsenin) لار بار.
1.ئانار دانىسىنى سىقىپ، سۈيى بىلەن شەربەت تەييارلاپ بېرىلسە، يۈرەك، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ھارارەتنى پەسەيتىدۇ، كېسەلدىن كېيىنكى بەدەن ئاجىزلىقىنى ياخشىلايدۇ، قاننى نورماللاشتۇرىدۇ.
2.تاتلىق ئانار سۈيىنى ئەرقى كۇل، ئەرقى سەندەل بىلەن ئىچسە يۈرەك چالاڭغۇراشقا شىپا بولىدۇ.
3.تاتلىق ئانارنىڭ سۈيىنى سىركەنجىۋىل ساددە بىلەن بىرگە ئىچسە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كېسەللىك مىسالى
يۈرەك ئاجىزلىقى، جىگەر ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى، يەرقان،ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، كەم قانلىق،ئىچى سۈرۈش،تولغاق، سوڭى چىقىپ قېلىش، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش، ئېغىز پىشلاقلىشىش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، كۆپ ئۇسساش، قىچىشقاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.