3D+كۆك نۇر تېخنىكىسى

3D كۆك نۇر تېخنىكىسى

«كۆك نۇر» تېخنىكىسى بىلەن 3D تېخنىكىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس. 3D تېخنىكىسىنىڭ كۆرسىتىش سۈپىتى ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش بۇلۇڭىدىكى كارتىنا (جانلىق تەسۋىر، سۈرەت) بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى كۆرۈش ئارىلىقىدىن چەتنەپ كەتكەن جىسىمنى كۆرگەندەك «خاتا تونۇش» قا ئىگە قىلىپ قويغانلىقتىن، ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى دائىرىسى ئىچىدە خۇددى تەسۋىر (فوكۇس) چوڭقۇرلۇقى بار بولغان ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە بولغاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى 3D+كۆك نۇر تېخنىكىسى
خەنزۇچە نامى 3D+蓝光技术

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

three-dimensional) 3D) دېگىنىمىز، «ئۈچ ئۆلچەملىك گىرافىك» ئارقىلىق، ئوخشاش بىر تەكشىلىك ئىچىدە ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىرىي سۈرەتنى ئىپادىلەش (كۆرسىتىش) نى كۆرسىتىدۇ.

دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بىر قەدەر قىسقا بولغان405nm  لىق كۆك رەڭ (Blu-ray) لىك لازېر نۇردىن پايدىلىنىپ، ئوپتىك دىسكىغا سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ كىرگۈزۈش ۋە ئوقۇش (يېشىش) تەرتىپىنى قاچىلاش كۆك نۇر تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆك نۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ئوپتىكىلىق دىسكا «كۆك نۇر دىسكىسى» (Blu-ray Disc، قىسقارتىلىپ BD) دەپ ئاتىلىدۇ.

«كۆك نۇر» تېخنىكىسى بىلەن 3D تېخنىكىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. چۈنكى، 3D تېخنىكىسىنىڭ كۆرسىتىش سۈپىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئادەمنىڭ بىر جۈپ كۆزىنى ئوخشاش بولمىغان كۆرۈش بۇلۇڭىدىكى كارتىنا (جانلىق تەسۋىر، سۈرەت) بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنى كۆرۈش ئارىلىقىدىن چەتنەپ كەتكەن جىسىمنى كۆرگەندەك «خاتا تونۇش» قا ئىگە قىلىپ قويغانلىقتىن، ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى دائىرىسى ئىچىدە خۇددى تەسۋىر (فوكۇس) چوڭقۇرلۇقى بار بولغان ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە بولغاندەك بىر خىل سېزىم پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مەيلى قۇتۇپلانغان يورۇقلۇق تېخنىكىسى ياكى ۋاقىت ئايرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ تەسۋىر (سۈرەت) ھاسىل قىلىنغان 3D  فىلىملىرىدە بولسۇن، ھەممىسىدە سۈرەتكە ئالغاندا مەخسۇس ئوڭ كۆز ۋە سول كۆز مەنزىرىسىنى ئايرىم-ئايرىم سۈرەتكە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تەسۋىر (سۈرەت) نى ساقلىغاندا 3D فىلىملىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادەمنىڭ ئوڭ كۆزى ۋە سول كۆزى كۆرەلەيدىغان ئىككى باسقۇچلۇق سىن ئېقىمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى زۆرۈر. بۇ دەل 3D   نۇسخىسىدىكى فىلىمنىڭ سىغىمى2D  نۇسخىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئېنىقلىقنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 1920×1080 پىكسېل بولغان پۈتۈنلەي يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى  1080Pلىق 2D  نۇسخىسىدىكى بىر قىسىملىق كۆك نۇرلۇق فىلىمنىڭ سىغىمى 30GB بولغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى 3D نۇسخىلىق فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىغىمىنى 60GB غا يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمما، ئەينى چاغدىكى بىر دانە قوش قەۋەتلىك كۆك نۇرلۇق ئوپتىكىلق دىسكىنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىمى پەقەت 50GB ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر توشۇغۇچى ۋاسىتە (ئوپتىكىلق دىسكا) نىڭ سىغىم مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ مۇناسىپ ھالدا 1080P لىق كۆك نۇرلۇق3D  نۇسخىسىدىكى فىلىم بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالاتتى. شۇڭا، نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلار پەقەت ئۆيىدە ئولتۇرۇپ سۈرەت سۈپىتى يۇقىرى بولمىغان 3D نۇسخىلىق فىلىملەرنى كۆرۈشكە مەجبۇر بولاتتى.

3D+كۆك نۇر تېخنىكىسىدەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، «كۆك نۇرلۇق دىسكا بىرلەشمىسى» (Blu-ray Disc Association) نىڭ 3D تېخنىكىسى ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق،MPEG4-MVC  كۆپ بۇلۇڭلۇق سىن كودلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى بىلەن بۇ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى. MPEG4-MVC كودلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن 3D تەسۋىرىي سۈرەتلەر، سول كۆزنى ئاساس قىلغان بىر باسقۇچلۇق ئاساسىي كۆرۈنمە چاستوتىلىق تەسۋىر ئېقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئوڭ كۆز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر باسقۇچلۇق بېقىندا سىن ئېقىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسىي سىن تەسۋىر ئېقىمى دەل ئەنئەنىۋى 2D نۇسخىسىدىكى كۆك نۇرلۇق سىن تەسۋىر ئېقىمى بولۇپ، ئۇنى مۇستەقىل قويۇشقا بولىدۇ ھەمدە ماسلاشمىغان 3D سىستېمىسىدىمۇ ئادەتتىكى 2D لىق شەكلى بىلەن فىلىمنى قويۇپ كۆرگىلى بولىدۇ.

تېخنىكا ۋە ئىستېمال نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆك نۇر تېخنىكىسى 3D نى ئائىلىلەرگە باشلاپ كىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، كۆك نۇرلۇق ئوپتىك دىسكىنىڭ چوڭ سىغىملىقى ۋە يۇقىرى بىت نىسبىتى، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى 1080P ئېنىقلىقىنى پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىگە ئىگە 3D مەزمۇنلىرىنى يەتكۈزۈپ تارقىتىشقا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 

كۆپ بۇلۇڭلۇق سىن كودلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئاساسىدا، «كۆك نۇرلۇق دىسكا بىرلەشمىسى» كۆك نۇرلۇق 3D نىڭ ئىستېرېئولۇق كود ئۆلچىمىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، 3D فىلىملىرىنىڭ تەسۋىر (سۈرەت) سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاش ۋە تەسۋىر كود يېشىپ (تەرجىمە قىلىش) كۆرسىتىش قاتارلىقلارغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.

تەكىتلەپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئۆلچەم بىلەن كونكرېت كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى (تېلېۋىزور) مۇناسىۋەتسىز، يەنى كۆك نۇرلۇق3D فىلىملىرى 3D لىق سۈرەت (فىلىم) لەرنى ھەرقانداق ماسلىسىشچانلىققا ئىگە 3D كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسى (تېلېۋىزور) گە بىمالال يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ، كۆرسىتىش ئۈسكۈنىسىگە ھەرقانداق سۇيۇق كىرىستاللىق ياكى تەڭ ئىيونلۇق كۆرسىتىش ئېكرانى ۋە باشقا ئېكران تېخنىكىسى، ھەتتا كۆرسىتىش ئېكرانىغا قايسى خىل3D  تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن قەتئىينەزەر سۈرەتنى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. 

نۆۋەتتە، باشقا تۈردىكى فىلىم ئوپتىك دىسكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۆك نۇرلۇق 3D دىسكىسىنىڭ تاماشىبىنلارنى تەمىنلەيدىغان فىلىم سانى ئىنتايىن چەكلىك. لېكىن، كۆك نۇرلۇق3D بازىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە كۈچلۈك ئۆرلەشتەك ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىشىدا قىلچە شەك يوق. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى شەكىل نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە بۆسۈپ كىرىش بىلەن بىرگە، بۇ خىل شەكىل قوللىنىلغان يېڭى فىلىملەرمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا پارچە سېتىش يوللىرىغا قاراپ يۈزلەندى. كۆك نۇرلۇق 3D تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى كىشىلەرنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپلا كىنو-تىياتىرخانىلاردىكى كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەڭ كەلگىلى بولمايدىغان كىنو-فىلىملەردىن بەھرىلىنىش ئارزۇسىغا يەتكۈزدى. 

دېمەك، ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان +3D «كۆك نۇر» تېخنىكىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلاش ۋە كۆرسىتىش (قويۇش) تېخنىكىسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى  كۆتۈرۈلۈشىنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، ئىنسانلارنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولىدۇر. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#