تاشپاختا كېنى

تاشپاختا كېنى

شىنجاڭدا تاشپاختا چىقىدىغان ئورۇندىن 30 نەچچىسى بايقالغان، ئۇلار ئاساسەن ئالتۇن تاغ، تەڭرىتاغ، غەربىي كوئېنلۇن تېغى، غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى تاشپاختا كېنى
خەنزۇچە نامى 石棉矿

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشپاختا چىقىدىغان ئورۇندىن 30 نەچچىسى بايقالغان، ئۇلار ئاساسەن ئالتۇن تاغ، تەڭرىتاغ، غەربىي كوئېنلۇن تېغى، غەربىي جۇڭغار قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئاساسلىق كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى ئالتۇنتاغ تاشپاختا كان پەيدا بولۇش بەلۋېغى بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر كېلىدۇ ، يەتتە ئورۇندىن كان ياتمىسى تېپىلغان، چوڭراقلىرىدىن يىتىمبۇلاق كېنى، ئىگېتلىك كېنى، ئارپا تاشپاختا كېنى قاتارلىقلار بار، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ؛ تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي جۇڭغار تاشپاختا كېنى ھاسىل بولۇش بەلۋېغى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ كان ياتمىسىنىڭ تىپى ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلارنىڭ سېرپېنتىنلاشقان تۈرىنى ئاساس قىلىدۇ. چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يىتىمبۇلاق تاشپاختا كان ياتمىسى تىپىك كان ياتمىسى بولۇپ، چاقىلىق ناھىيىسىدىن شەرقىي جەنۇبقا 250 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بۇ كان كۈچلۈك سېرپېنتىنلاشقان ئۇلترا ئاساسلىق جىنىسلار گەۋدىسىدە ھاسىل بولغان بولۇپ ، تۆت تاشپاختىلاشقان جىنىس گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 0.98 ~ 9.5 كىلومېتىر ، كەڭلىكى 50~800 مېتىر كېلىدۇ . پاختا تومۇرى تورسىمان تومۇر ۋە ئىنچىكە تومۇرنى ئاساس قىلىدۇ، تاشپاختا توغرا تالالىق بولۇپ ، بوي تالالىقلىرىمۇ ئاندا – ساندا ئۇچراپ قالىدۇ. تالا ئۇزۇنلۇقى 0.5 ~ 10 مىللىمېتىرغىچە ئايرىمىلىرى 50 مىللىمېتىردىن ئاشىدۇ ، تەركىبىدىكى تاشپاختىنىڭ مىقدارى %4 ~ %8 نى تەشكىل قىلىدۇ. تاشپاختىنىڭ فىزىكىلىق ، خىمىيىلىك ئىقتىدارى ياخشى سوزۇلۇشقا تاقابىلچانلىقى 300 كىلوگرام / كۋادرات مىللىمېتىر . ئىشقاردا چىرىش مىقدارى %2.63 ~ 6.63 بولۇپ، ئىزولياتسىيىلىك ۋە ئادىئاباتىك ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى . بۇ كان ياتمىسىدا ئېنىقلانغان تاشپاختا مىنېرالىنىڭ مىقدارى جەمئىي 19 مىليون 335 مىڭ توننا، كەلگۈسى زاپىسى 74 مىليون 730 مىڭ توننا بولۇپ ، مەملىكىتىمىز بويىچە پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى تاشپاختا كان ياتمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#