قول ئايروپىلانى
15-ئەسىردە ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام لېئوتاردو داۋىنچى بىر خىل قول ئايروپىلانى لايىھىلىگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
15-ئەسىردە ئىتالىيىلىك مەشھۇر رەسسام لېئوتاردو داۋىنچى بىر خىل قول ئايروپىلانى لايىھىلىگەن. ئادەم ئۇنىڭغا چىقىپ ئالدىدىكى توغرا بالداقنى قولى بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، كەينىدىكى بىر جۈپ تاختىنى پۇتلىرى بىلەن تېپىپ تۇرىدۇ، قول-پۇتى تەڭلا ھەرىكەتلەنسە، پەيلىك قانات قۇش قانىتىدەك لەپەڭشىيدۇ-دە، قول ئايروپىلان قانات ئۈستىگە دۈم يېتىۋالغان ئادەم بىلەن بىللە ئۇچىدۇ. كىشىلەر نەچچە يۈز يىللار تىرىشىپ، ئاخىر داۋىنچىنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر قول ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپلا قالماي، ئىنگلاند دېڭىز قولتۇقىدىنىمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ.
ھازىرقى زامان قول ئايروپىلانلىرى يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ، قاناتلىرى بەك ئۇزۇن، گەۋدىسى تولا ئىنچىكە بولغاننىڭ ئۈستىگە، قانىتىدىن كۆپ قىسقا بولۇپ، ئۇزۇن قانات بىلەن قۇيرۇق قانىتىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئايروپىلان قانىتىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىنىڭ ئاستىدىكى بىر سۈزۈك بۆلۈم ئىچىدە ئورۇندۇق ۋە زەنجىر بىلەن ئايلىنىدىغان قۇرۇلما بار. بۆلۈمنىڭ ئالدى-كەينىگە ۋېلىسىپىتنىڭ چاقىدەك بىردىن كىچىك چاق ئورنىتىلغان. ئۇچۇش ۋاقتىدا ئۇچقۇچى دەسسىگۈچنى تېپىپ ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن پىرقىرغۇچ ئايلىنىپ ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ. پۈتكۈل ئۇچۇش جەريانىدا ئادەم كۈچىدىن باشقا ھېچقانداق ئېنېرگىيە ئىشلىتىلمەيدۇ، شۇڭا «قول ئايروپىلانى» دەپ ئاتالغان.
پاۋلو ماكلىد 1979-يىلى «بورانقۇش» ناملىق قول ئايروپىلانىنى لايىھىلىگەن. ئامېرىكىلىق ۋېلىسىپىت تەنھەرىكەتچىسى ئاللىن ئۇنى ھەيدەپ، 2 سائەت 49 مىنۇتتا 35 كىلومېتىر ئۇچۇپ ئىنگلاند بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، قول ئايروپىلانى ئۇدا ئەڭ يىراققا ئۇچۇش دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.