ئالتۇن-كۈمۈش
ئالتۇن-كۈمۈش تەبىئەت دۇنياسىدا ساپ ئالتۇن ۋە ساپ كۈمۈش شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. باشقا مېتاللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خىمىيىلىك بىرىكمە ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە كىشىلەر بايقىغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 112 كىلوگرام، ئەڭ چوڭ كۈمۈشنىڭ ئېىرلىقى 13.5 توننا كېلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپتە بايقىغان مېتال. تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا، بۇنىڭدىن 5000-6000 يىللار بۇرۇن مىسرلىقلار كۈمۈش ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلى ئالتۇن زىبۇزىنەتلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىغان، مۇزېيلارغا تىزىپ قويۇلغان قەدىمكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆزنى قاماشتۇرۇپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
ئالتۇن-كۈمۈش ئاسان داتلاشمايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئاكتىپ ئەمەس. ئالتۇننى ھاۋا ياكى ئوكسىگېن ئوكسىدلاشتۇرالمايدۇ، كۈچلۈك كىسلاتا ياكى كۈچلۈك ئىشقار چىرىتەلمەيدۇ. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ «ساپ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ» دېگەن گېپىنىڭ داۋلىسى. كۈمۈشنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتىمۇ ئاكتىپ ئەمەس، ئادەتتە ئوكسىدلانمايدۇ. ئازوت كىسلاتاسى ئۇنى ئوكسىدلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، باشقا قويۇقلۇق دەرىجىسى سۇيۇقراق كىسلاتالار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، كۈچلۈك ئىشقارلارمۇ ئۇنىڭغا ئا مال قىلالمايدۇ. دەرۋەقە، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى مۇتلەق داتلاشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئوكسىدلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان پادىشاھ ھارىقى(قويۇق ئازۇت كىسلاتاسى بىلەن قويۇق تۇز كىسلاتاسىنى 1 : 3 ھەجىملىك نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان بىرىكمە) غا يولۇقسا، ئالتۇن بىلەن كۈمۈشمۇ ئوكسىدلىنىپ ئېرىپ، ئېرىيدىغان خىمىيىلىك بىرىكمە ماددىغا ئايلىنىدۇ.
ئادەملەر ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ ئاسان داتلاشمايدىغان خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلار زىبۇزىننەت ھەم تىللا قىلىپ ياسىدى. ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلاردىكى نۇرغۇن نازۇك ئەسۋابلارنىڭ ھەر خىل ئۇچلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بەزى سۈنئىي ھەمراھنىڭ بىر قىسم تاشقى قەۋىتىگە بىر قەۋەت ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەل بېرىلگەن بولۇپ، بۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.