ﻗﯩﺰﯨﻞ زەرﻧﯩﺦ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ﺑﯘ ﺳﯘﻟﻔﯩﺪﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯧﺘﺎل ﻣﺎددا زەرﻧﯩﺨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ گۈﯕگۈرت ﭘﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﺎن ﻣﺎددﯨﺴﯩﻐﺎ ﮬﯩﺪروﮔﯧﻦ ﺳﯘﻟﻔﯩﺪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ زﯦﻤﯩﻦ ﻣﺎددﯨﺴﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ۋە ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻰ ﺋﺎرﺗﯘق، ﮔﯜﯕﮕﯜرت ﭘﯘﻗﻰ ﻣﺎددﯨﺴﻰ ﺋﺎز، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻮﺗﺘﺎ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪۇ، ﺑﯘ ﺳﯧﺮﯨﻖ، ﻗﯩﺰﯨﻞ، ﻛﯚك، ﺋﺎق، ﻗﺎرﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﻪش ﺧﯩﻞ رەﯕﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاﻗﻰ ﻳﺎﭘﯩـلاق ﺳﯧﺮﯨﻖ رەﯕﺪە ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﺎرﻗﯩﺮاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﯘ ۋاراﻗﻰ زەرﻧﯩﺦ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ زەرﻧﯩﺦ دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪۇ. زەرﻧﯩﺨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺳﯧﺮﯨﻖ زەرﻧﯩﺦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ زەرﻧﯩﺦ دۇر.
ﺋﺎرﺗﯘق ﮬﯚﻟﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯘرۇﺗﯘش، ﻗﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﺶ، زەﺧﯩﻤﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯘق ﮔﯚﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻮﻗﺘﯩﺶ؛ ﺗﺎز، ﻗﻮﺗﯘر، ﮔﯚﺷﺨﻮر ﭼﺎﻗﯩـلارﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ؛ ﻗﻮرﺳﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﻗﯘرﺗـلارﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈش، ﺗﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش، ﻧﻪﭘﻪﺳﻨﻰ راۋاﻧـلاﺷﺘﯘرۇش، ﻳﯚﺗﻪل ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
1. ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮى: زەرﻧﯩﺨﻨﯩﯔ ﺳﯘدﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﻰ(2:1 ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ) ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻧﻪﻳﭽﯩﺴﯩﺪە ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺗﯧﺮە زەﻣﺒﯘرۇﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻮرﻣﯘزلاﻳﺪۇ. ئىگىر، ﺋﻪﻣﻪن ۋە زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ 2~3 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﻛﯚﻳﺪۈرۈپ ﺋﯩﺴـلاﻧﺴﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘن رەﯕﻠﯩﻚ ﺋﯜزۈﻣﺴﯩﻤﺎن ﺷﺎرﭼﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﯜﭼﻰ ﺗﺎﻳﺎﻗﭽﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﯩﺮﯨﯔ ﺗﺎﻳﺎﻗﭽﻪ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪۇ. 2. ﻗﺎن ﺷﻮرﯨﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘرﺗﻘﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮى: ﻗﺎن ﺷﻮرﯨﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘرت ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻗﯘﻣـلاﻧﻐﺎن ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻗﯘﻳﺮۇﻗﻠﯘق ﭼﺎﺷﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪە زەرﻧﯩﺦ، ﻓﯘﻓﻪل، ﭼﯩﯔ، دارﭼﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دورﯨـلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪر 20 ﮔﺮام ﺑﻪدەن ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن 0.2 ﻣﯩﻠﻠﯩﮕﺮام ﮬﯧﺴﺎﺑـلاپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ داۋاﻣﻠﯩﻖ 12 ﻛﯜن ﻣﯘﺷﯘ دورا ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎن ﺷﻮرﯨﻐﯘﭼﻰ ﻗﯘرﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎزﯨﻴﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 75 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن.
ﺋﯩﭽﻜﻰ - ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺑﻮۋاﺳﯩﺮ، ﮬﻪر ﺧﯩﻞ ﻳﺎرا، ﺗﺎز، داﻧﯩﺨﻮرەك، ﻗﯩﭽﯩﺸﻘﺎق، ﻗﻮﺗﯘر، ﺳﯚﮔﻪل، زەﺧﻤﻪ، ﺑﻪرەس، ﻧﻪﭘﻪس ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶ، ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯚﺗﻪل ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘـلارﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ.
1. زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﮬﺎﻛﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪۈرۈپ ﭼﺎﭘﺴﺎ ﺗﯜك ﭼﯜﺷﯩﺪۇ (ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﻳﺪۈرﮔﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﺮاق).
2. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ زەرﻧﯩﺨﻨﻰ زەﭘﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺳﻮﻗﯘپ ﺗﺎﻟﻘﺎﻧـلاپ ﮔﯜل ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨـلاﺷﺘﯘرۇپ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺗﯩﺮﻧﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪرەﺳﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
3. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﭼﺎۋا ﻳﺎغ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﭼﺎﭘﺴﺎ داﻧﯩﺨﻮرەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪۇ.
4. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردﯨﻜﻰ زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﮔﯜل ﻳﯧﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﭼﺎﭘﺴﺎ ﺑﻮۋاﺳﯩﺮ ۋە ﺑﯘرۇﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎراﮬﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، (ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮاق).
5. ﻣﯧﻐﯩﺰى، ﺑﺎدام ﻣﯧﻐﯩﺰى ۋە زەرﻧﯩﺨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 0.35 گراﻣﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﻮي ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪﻳﭽﻪ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎ، ﻧﻪﭘﻪس ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯚﺗﻪل ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪۇ( ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك ۋە ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘﻏﺪاي ﺋﯘﻧﻰ، ﺑﺎدام ﻣﯧﻐﯩﺰى ۋە ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯧﺮﯨﻘﻤﺎي ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﯩـلا ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﯧﭽﯩﺶ لازﯨﻢ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪزﻛﯘر ﺋﺎﺗﯩـلا دورا ﺋﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﻟﻐﺎ ﻳﺎﻣﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ).
6. ﻗﻮلتۇق ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﻪزاﻏﺎ ﺗﯜك ﺋﯜﻧﺪۈرﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘ ﺋﻪزاﻧﯩﯔ ﺗﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰە ئېلىۋېتىپ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﯨﻞ زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﺎر ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘز ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪزﻛﯘر ﺋﻪزاﻏﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﺳﯜرﻛﻪپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯜك ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪۇ.
7. ﺋﻪﮔﻪر ﻗﯩﺰﯨﻞ زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﻛﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻰ، ﮬﻪﻣﺸﯩﺒﺎﮬﺎر، ﺳﯧﺮﯨﻘﭽﯧﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪزاﻏﺎ ﭼﯧﭙﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﺴﺎ ﺋﻮت ﻛﯚﻳﺪۈرﻣﻪﻳﺪۇ.
8. ﻛﯚﻳﺪۈرۈﻟﮕﻪن زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﺋﺎق ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻨﯩﯔ ﭘﻮﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﮔﻪﻟﮕﻪ ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺳﯚﮔﻪﻟﮕﻪ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ.
9. زەرﻧﯩﺨﻨﻰ ﺳﻪﺑﺮى، ﮬﻪﺑﺒﯘﻟﺒﺎن ۋە ﻛﯜدە ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﭘﺴﺎ، ﺑﻮۋاﺳﯩﺮﻧﯩﯔ داﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ زەﺧﻤﻪ، ﺟﺎراﮬﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﯨﺪۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.