قۇشقاچ ئۈزۈم
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قۇشقاچ ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەدىمكى سورتلىرىدىن بولۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدۇ ، 9 -ئاينىڭ باشلىرى پىشىدۇ ، بۇ ئۈزۈمنىڭ پىشىشى ئوتتۇراھال بولۇپ ، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم يىتىشتۇرۇشتە پايدىلىنىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ .
مېۋىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى
گۈلى قوش جىنىسلىق، مېۋە ساپىقىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردەك ئەمەس ، شەكلى كۇنۇسسىمان مېۋە دانچىلىرىنىڭ تارقىلىشى ئوتتۇراھال، دىئامېترى 6.5 * 7.5 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ساپاق ئېغىرلىقى 252 گرام ، يەككە مېۋە دانىسى يۇمىلاق ، رەتسىز ھەر بىر ساپاقتا 1 - 7 تال دانە چوڭ دانە بار ، چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 3 گرام ، دىئامېتىرى 19*19 مىللىمېتىر ، 1 - 2 تال ئۇرۇقى بار ؛ كىچىكىنىڭ ئوتتۇرىچە دانە ئېغىرلىقى 0.5 گرام ، دىئامېتىرى 0.7 * 0.7 مىللىمېتىر ،ئۇرۇقى يوق ، مېۋە شۆپەك رەڭگى سېرىق يېشىل ياكى سۇس قىزىل ، قېلىنلىقى ئوتتۇراھال ، ئېتىدىن ئاسان ئاجرايدۇ . شىرنىسى ئوتتۇراھال ، رەڭگى سۇس سېرىق ، تەمى تاتلىق ، قەنىت مىقدارى % 24.5 ، سۈپىتى ئەلا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.