لىن يۇڭجيەن
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لىن يۇڭجيەن شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى شىمالى رايۇنىدا تۇغۇلغان، 1986-يىلى چىڭداۋ شەھەرلىك دراما ئۆمىكىگە ئىمتاھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن. 1989-يىلى گۇاڭجۇغا بېرىپ، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونىنىڭ جەڭچىلەر دراما ئۆمىكىگە كىرگەن، گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى جەڭچىلەر دراما ئۆمىكى نەق مەيداندا يۈگۈر-يېتىم ئىشلارنى قىلغان.
1997-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىنچلىق يىللىرى»دا گۇاڭدۇڭلۇق كىچىك خوجايىننىڭ رولىنى ئالغان، 17-نۆۋەتلىك «پەرۋاز مۇكاپاتى»دا ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رول نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. 2000-يىلى، 30 ياشلىق لىن يۇڭجيەن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بېيجىڭغا بېرىپ شىنجاڭلىقلار سېپىگە قېتىلغان. شۇ يىلى «رومانتىك ئۆلىما جى شاۋلەن»دە خې بازىنىڭ رولىنى ئالغان؛ 2001-يىلى، لىن يۇڭجيەن جاڭ گولى رېژىسسورلۇق قىلغان باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە «جى شاۋلەن 2»دە لۇ چاۋنىڭ رولىنى ئالغان.
2002-يىلى ھاۋا ئارمىيە سىياسىي دراما ئۆمىكىگە كىرگەن.
2004-يىلى جاڭ فېڭيى، لى شۆجيەن رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تارىخ ئاسمىنى»دا مۇئاۋىن جۈنجاڭ جۇ يىداۋنىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى «دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئالاھىدە خادىم ئەترىتى»دە ۋەتەن خائىنلىرى ليۇ كۈيشىڭنىڭ رولىنى ئالغان، تۇنجى 17-نۆۋەتلىك پۈتۈن ئارمىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئالتۇن يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، «مۇنەۋۋەر ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى ۋە جاڭ گولى، جاڭ مو، دېڭ جيې بىرلىكتە رول ئالغان تارىخىي رىۋايەت دىرامىسى «غەيرىي ئەجدىھا-سۇمۇرغ»دا رول ئالغان.
2006-يىلى، يېزا كومېدىيە «يەر ھەققىدە ھېكايە»دە ئەر باش پىرسۇناژ سەمىمىي-ساددا دېھقان شى گېڭتىيەننىڭ رولىنى ئالغان، 24-نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئالتۇن بۈركۈت تېلېۋىزىيە سەنئەت مۇكاپاتى»دا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا، تاماشىبىن ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2007-يىلى، لىن يۇڭجيەن جاڭ گولى رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئالتۇن توي»دا كىچىك مەمەدان دا جاڭنىڭ رولىنى ئالغان.
2009-يىلى «مېڭ مالىيە رىۋايىتى»دە رول ئالغان. شۇ يىلى يۈ خەيچىڭ رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ھېسسىيات تىياتىرى «ۋاڭ ئاننا»دا دېھقانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ گۈينىڭ رولىنى ئالغان، بىر قېتىم «بەي يۈلەن ۋاڭ مۇكاپاتى»دا ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
2010–يىلى، كۈرەش سۈرەتلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تاڭ ئېتىش ئالدىدا يۇشۇرنۇش»دا گومىنداڭ مەركىزىي ئاخبارات ئەمەلدارى تەن جوڭرۇنىڭ رولىنى ئالغان، بەي يۈلەن مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۇنجى 17-نۆۋەتلىك ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
لىن يۇڭجيەن ئايالى جوۋ دوڭچى ھەر ئىككىلىسى ئارتىس، ئىككىلىسى قۇرۇقلۇق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ھەربىيلەر، لىن يۇڭجيەن تىياتىر ئۆمىكىگە قاراشلىق، جوۋ دوڭچى تېلېۋىزور سەنئەت مەركىزىگە تەۋە، ئىككى ئادەم ھەمكارلىشىپ بىر ئىتوت ئىشلىگەن ۋاقىتتا تونۇشقان. 2003 -يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تىزىملىتىپ توي قىلغان. 2010–يىلى ئوغلى لىن داجۈن تۇغۇلغان.
2009-يىلى 4-ئايدا بېيجىڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى پروگرامما «پىدائىيلار ھەقىقىي چاقنىغان جۇڭخۇا»غا قاتناشقان. 2013-يىلى نۆل جامائەت پاراۋانلىقى مىكرو كىنو «ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى»، «بەختلىك يۈرەك»تە رول ئالغاندا ھەق ئالمىغان.
2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى 30-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان.
كىنو-تېلېۋىزىيە تۈرى
لىن يۇڭجيەن2015-يىللىق دۆلەت تىياتىرى مۇراسىمىدا 2015 يىللىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئورۇنلاش ماھارىتى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىللىق 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا كىنو فېستىۋالى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 5-نۆۋەتلىك يېڭى يېزا تېلېۋىزىيە سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2012-يىللىق 26-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2008-يىلى-24 نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2005-يىلى 17-نۆۋەتلىك پۈتۈن ئارمىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئالتۇن يۇلتۇز مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1997-يىلى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىر بايرىمىدا مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇنىۋېرسال تۈرى
2011-يىلى 2010-يىللىق ئەتىيازلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىنتېرنېت تورىدا ئەڭ زور بۆسۈش ھاسىل قىلغان ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 2010-يىللىق دۆلەت تىياتىرى مۇراسىمىدا 2010-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2010-يىلى 4-نۆۋەتلىك سەنئەت ساھەسىدىكى جۇڭگو ئون چوڭ ۋاپادار ئوغۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2009-يىلى تېلېۋىزىيە سەنئەتچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشقان.
1999-يىلى 3-نۆۋەتلىك ئېتوت مۇسابىقىسىدە مەملىكەتلىك ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1999-يىلى 7-نۆۋەتلىك ئارمىيە بۇيىچە ئەدەبىيات سەنئەت كۆرىكىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.