كورېيە جۇمھۇرىيىتى
كورېيە جۇمھۇرىيىتى (كورېيە تىلى : <대> <한> <민> <국>)، قىسقارتىلىپ كورېيە ، يەنە بىر خىل ئاتىلىشى جەنۇبىي كورېيە ۋە جەنۇبىي چاۋشيەن. شەرقىي ئاسىيا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ 210 كۇۋادىرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 50 مىليون 41 مىڭ.

ئۇيغۇرچە نامى كورېيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى كورېيە 韩国
پايتەختى سېئۇل
نوپۇسى 50 مىليون 41 مىڭ
يەر مەيدانى 100 مىڭ 210 كۇۋادىرات كىلومېتىر
خەنزۇچە نامى 大韩民国
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا قىتئەسى
دۆلەت تىلى كورېيە تىلى
نوپۇس زىچلىقى 503.13 / كىۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Republic of Korea

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كورېيە جۇمھۇرىيىتىكورېيە جۇمھۇرىيىتى (كورېيە تىلى : <대> <한> <민> <국>)، قىسقارتىلىپ كورېيە ، يەنە بىر خىل ئاتىلىشى جەنۇبىي كورېيە ۋە جەنۇبىي چاۋشيەن. شەرقىي ئاسىيا چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 100 مىڭ 210 كۇۋادىرات كىلومېتىر، (چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ % 45 نى ئىگىلەيدۇ ) ، ئاساسلىق مىللەت چاۋشيەن ۋە كورېيەلىكلەر ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 50 مىليون 41 مىڭ (2014-يىلى) . 

كورېيەنىڭ تولۇق ئاتىلىشى بۈيۈك كورېيە دۆلىتى .

كىلماتى 

كورېيە جۇمھۇرىيىتىشىمالىي قىسمى مۆتىدىل بەلباغ پەسىللىك شامال كىلىماتىغا تەۋە ، جەنۇبىي قىسمى تروپىك بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە ، دېڭىز - ئوكيان خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك. قىش پەسلى ئۇزۇن سوغۇق، ياز ئىسسىق ، نەم ، ئەتىياز ۋە كۈز پەسلى خېلى قىسقا . قىش پەسلىدە ئەڭ تۆۋەن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃ 12- ، ياز پەلىسدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37 ℃ . يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1500 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يامغۇر مىقدارى بىر قەدەر چوڭ، يامغۇر مىقدارى پۈتۈن يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ  % 70 نى ئىگىلەيدۇ . يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن مىقدارى 1500 يېغىن مىقتارى جەنوبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئازىيىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى

كورېيە جۇمھۇرىيىتىقۇياش قۇتۇپ بايرىقى ، ئوتتۇرىسىدىكى قۇياش قۇتۇبى كائىناتنىڭ سىمۋولى بولۇپ ، ئۈستى قىزىل ، ئاستى كۆك رەڭدە . قىزىل رەڭ مۇسبەت قۇتۇپقا ، كۆك رەك مەنپىي قۇتۇپقا ۋەكىللىك قىلىپ ، مۇسبەت قۇتۇپ بىلەن مەنپىي قۇتۇپنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئىناقلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . قۇياش قۇتۇپىنىڭ ئەتراپىدا تۆت گۇرۇپپا رەم بەلگىسى بولۇپ ، سول تەرەپتىكىسى ئاسمانغا ، ئوڭ تەرەپتىكىسى يەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . ئوڭ تەرەپتىكى ئازگال -ئويمانلار ئاي بىلەن سۇغا ، سول تەرەپتىكى ئارىلىق قۇياش بىلەن ئوتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ . 

دۆلەت گېربى

كورېيە جۇمھۇرىيىتى يۇمىلاق شەكىلنىڭ ئەتراپىدا بەش تال ھىندى پەرەڭگۈل شەكلى بار بولۇپ ، بۇ گۈل كورېيەنىڭ دۆلەت گۈلى ، ئۇ يەنە <<توزىماس>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە ئېگىلمەس، سۇنماس مىللىي روھقا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئوتتۇرىسىدىكى قۇتۇپ شەكلى بولۇپ ، ئۈستىدىكى مۇسبەت ،ئاستىدىكى مەنپىي شەكىل. ئاستىدىكى لېنتا ئۈستىگە <<بۈيۈك>> دېگەن خەتلەر بېزەلگەن . [0]

كورېيە جۇمھۇرىيىتىكورېيە تىلمۇ ئالتاي تىل سېستىمىسغا كىرىدىغان بولۇپ، جۈملىنىڭ گرامماتىكلىق تەرتىپى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. يەنى ئاۋۋال ئىگە، ئاندىن تولدۇرغۇچى، ئاخىرىدا خەۋەر تەرتىپى بۇيىچە تۈزۈلىدۇ. ھازىرقى زامان كورېيە تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى بولسا تەخمىنەن %50 خەنزۇچە سۆزلۈكلەر بىلەن ئوخششىپ كېتىدۇ. مەسلەن : تەييارلىق. تەييارلاش . بۇ سۆز خەنزۇچىدا 准备 بولسا، كورېيەتىلىدا : 준비 ] جۇنبى [ دەپ ئوقۇلىدۇ . خۇددى zhunbei دېگەن سۆزنى خەنزۇچە توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغاندەكلا ئاڭلىنىدۇ. تاماشا قىلىش، سەيلە قىلىش 观光دېگەن سۆز،كورېيە تىلىدا 관광 بۇلۇپ، ] گۇان گۇاڭ [ دەپ ئوقۇلىدۇ. تازلىق ئۆيى(ھاجەتخانا) بولسا 화장실 ]خۇا جاڭ شىل [ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 化妆室 دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ. 

جۈملىدىن مىسال كەلتۈرسە : 아이산 씨가 시장에 갔어요 (ھەسەن بازارغا كەتتى) ] ئائى سان شى گا شى چاڭ ئېي كاتسويو[ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇيەردىكى 시장 ]شى چاڭ[ نىڭ 市场 ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ -دەيمەن. كورېيە تىلىدا يەنە ھۆرمەت شەكلى دەيدىغان مۇرەككەپرەك بىرخىل جۈملە شەكلى بۇلۇپ، چوڭلارغا، مېھمان ياكى خېرىدارلارغا سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسى، ياكى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا بايان قىلماقچى بولسىمۇ ، يەنىلا جۈملىنىڭ ھۆرمەت شەكلىنى قوللىنىدۇ. 

ئۇندىن باشقا ئامىرىكىنىڭ كورېيەگە بولغان تەسىرى تۈپەيلى ، كورېيە تىلىدا ئېنگىلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس. كورېيەلىكلەرنىڭ تىلى قاتتىق بولغاچقا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈشتە ئەڭ قىينىلدىغان مىللەت دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئېنىگلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر كىشىنى بىر خىل بىئارام قىلىدۇ. 

مەسلەن: express دېگەن بۇ سۆز، كورېيە تىلىدىمۇ كەڭ ئىشىلىتىلىدىغان سۆز بۇلۇپ . 엑스프레스 ]ئېك سى پې رې سى [ دەپ ئوقۇلىدۇ. كورېيە تىلىد<< ف،F>> ھەرىپى يوق. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى fighting سۆزىنى يېزىقچە 파이팅 ] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلىسە، ئېغىزتىلىدا ] خۇاي تىڭ [ دەپ ئىپادىلەيدۇ. 

كورېيە جۇمھۇرىيىتىكورىيانلارنىڭ ئاساسلىق يەيدىغىنى گۈرۈچ. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىققىمۇ گۈرۈچ تامىقى (مىغەن) يەيدۇ. ئۇن يمەكلىرىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. تاماق يىگەندە قايناقسۇ ياكى چاي ئىچمەستىن،قىش ياكى ياز بۇلىشىغا قارىماي توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغان مۇزدەك سۇنى ئىچىدۇ. كورېيەدە كالا گۆشى ھەممىدىن قىممەت. قوي گۆشى ئەرزان. مەيلى قانداقلا تاماق يسىۇن، چىلىغان يېسىۋېلەك كەم بولسا بولمايدۇ. 

كورىيە قېزىلما بايلىقلىرى ئاز، بايقالغان مىنېراللار 082 خىلدىن ئاشىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادىي قىممىتى بارلىرىدىن تەخمىنەن 50 نەچچە خىل بار. ئېچىش، پايدىلىنىش قىممىتى بار مېنىرال ماددا تۆمۈر ، ئىسسىز كۆمۈر ، قوغۇشۇن ، سىنىك ، ۋولفرام قاتارلىقلار ، لېكىن زاپاس مىقدارى كۆپ ئەمەس. تەبىئىي بايلىقنىڭ كەمچىل بولغاچقا ، ئاساسلىق سانائەت خام ئەشيالىرى ھەممىسى ئىمپورت قىلىندۇ. 

كورېيە جۇمھۇرىيىتىكورىئانلارنىڭ مىللى ئېڭى ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۇك، شۇڭا ئۇلار باشقا دۆلەتنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماي، مىللى كارخانىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي كورېيە ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. كوچىلارغا قارايدىغان بولسىمۇ، چەتئەلنىڭ داڭلىق باۋما، بېنىز دېگەندەك ماشىنلىرىنى كۆپ ئۇچىرىتالمايسىز. ئاساسەن كورېيەنىڭ داڭلىق ماشىنا كارخانىلىرىدا ئىشلەنگەن <شىيەندەي - hyonday >، <كىيا - KIA >,< شۇاڭلۇڭ - 双龙 - SSANG YONG >, <دايۈ -DAEWOO > قاتارلىق ماشىنلىرىنى ئىشلىتىدۇ. كورېيەنىڭ مىللى كارخانىلىرىمۇ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچقا ، ساختا مەھسۇلات ئاساسەن يوق دىيەرلىك. سېتىۋېلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمۇ كىشىنى شۇنداق رازى قىلىدۇ. سېتىۋالغان مەھسۇلات يارىماي قالسا، مەھسۇلات سۈپىتىدە چاتاق بولمىغان تەقدىردىمۇ ، قايتۇرىۋېتىپ پۇلىڭىزنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ئېلىۋالالايسىز. كورېيەلىكلەر ئۆز -ئارا بەك ئىشىنىشىدۇ. شۇڭا توردىن مال سېتىۋىلىشتىنمۇ قىلچىلىك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەرقانداق مەھسۇلاتنى دىگۈدەك پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان《 按揭》قىلىپ سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا كورېيەلىكلەر قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىككىلەنمەي سېتىۋالالايدۇ. كورېيەلىكلەر مال باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن يۇقۇرى مۇئاش ئالىدۇ. ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بىر ئايلىق مۇئاشىغا لەپتوپ كومپىوتېرىدىن 3 -4 نىمۇ سېتىۋالالايدۇ.

كورېيەدە دىموكراتىيەمۇ خىلى يۇقۇرى پەللىگە چىققان. ھەرقانچە چوڭ ھوقوقى بار ئەمەلدارنى ئادەتتە بىر ساقچى تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلالايدۇ. خىيانەتچىلىكى بايغالغان ئەمەلدارنى خەلق بايغاپ قالغان ھامان ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ھەرقانداق بىر پۇقرا ئۆزىگە يارىمىغان ئەمەلدارغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلالايدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق كورېيە زوڭتۇڭى دېھقانلار ئىچىدىن چىققان زوڭتۇڭ بۇلۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن 2 تۈمەن خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەيىپلىنگەچكە، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىۋالغان. ئاخىرى ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. كورېيەنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى خۇسۇسىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تارقىتىش ئەركىنلىككە ئىگە. ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئىشلارغا ئارلىشالمايدۇ. [1]


50 مىليون 41 مىڭ
100 مىڭ 210 كۇۋادىرات كىلومېتىر

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#