ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى قۇشلارغا تەۋە. ئېلىمىزنىڭ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان قۇش. ئەركەك قىرغاۋۇلنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى 0.9 مېتىر. پەيلىرى چىرايلىق، قۇيرۇق پەيلىرى ئۇزۇن، مەركىزى قۇيرۇق پېيى ئۇزۇن، ئۇچلۇق، رەڭگى كۈلرەڭ ساغۇچ، سىممېترىك شۇنداقلا توغرىسىغا قارا سىزىقلىرى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل
ئىنگلىزچە نامى Ring necked pheasant
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
خەنزۇچە باشقا نامى 野鸡
خەنزۇچە ئاتىلىشى 环颈雉
تارقالغان رايونلار جۇڭگو
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
ئائىلىسى قىرغاۋۇللار ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلھالقا بويۇن قىرغاۋۇلنىڭ تاجىسى كۈل رەڭ قوڭۇر، مىس يېشىل رەڭدە پارقىراق، ئاق قېشى بار. بويۇن ئاستى تەرىپىدە بىر روشەن ئاق رەڭلىك ھالقا سىزىقچىلىرى بار بولۇپ، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل دەپ ئاتىلىدۇ. 

پېشانە، قۇلاق پېيى، بويۇن يانلىرى، ئېڭەك ھەممىسى قارا رەڭدە، كۆك يېشىل رەڭدە پارقىراق بولىدۇ. پەنجە ئارىلىقى بار، دۈشمەندىن قوغدىنىش قورالى قىلىشقا بولىدۇ. چىشى قىرغاۋۇل بىر قەدەر كىچىك، قۇيرۇق پەيلىرى قىسقا، قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك تاغىل سىزىقچىلىرى بار، تىكەنسىز، پەيلىرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، قوڭۇر رەڭلىك سىزىقچىسى بار.

دۆلىتىمىز تەۋەسىدە تەخمىنەن 19 تۈرى. قويۇق ئۆسكەن چۆپلۈك ئېدىرلىق ئىچىدە ياشاشقا ئامراق، يېيىلىپ ياشايدۇ. يازلىق كۆپىيىش مەزگىلىدە، ئېگىز تاغ باغرىغا كۆچۈپ بارىدۇ، قىش پەسلىدە تاغ باغرىغا كۆچۈپ، يايلاق ۋە ئېتىز ئارىلىرىدا ياشايدۇ.

دان، شىرنىلىك مېۋە، ئۇرۇق ۋە ھاشاراتلەرنى چوقىلاپ يەيدۇ.

مېڭىشقا ماھىر، ئۇچالمايدۇ. كۆپىيىش ۋاقتىدا چاتقاللىق ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا يەر يۈزىدىكى ئويمانلاردا ئاددىي ئۇۋا ياساپ، ئىچىگە يوپۇرماق، قۇرۇق ئوت-چۆپ تاشلايدۇ. ھەر بىر چاڭگىغا 6 ~ 15 كىچە تۇخۇم تۇغىدۇ، بالدۇر يېتىلىدۇ.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلنىڭ گۆشى مەززىلىك، قۇيرۇق پەيلىرىنى بېزەك قىلىشقا بولىدۇ. سىرتقى كۆرۈنۈشى توخۇغا ئوخشاش بولغانلىقتىن «ياۋا توخۇ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆپ ياشايدۇ، خەينەن ئۆلكىسى ۋە شىزاڭنىڭ چياڭتاڭ ئېگىزلىكىدە تا ھازىرغىچە بايقالمىغان.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل ئاساسلىقى ئوتتۇرا، پەس تاغلىق، ئېدىرلىق، چاتقاللىق، بامبۇكزارلىق ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا ياشايدۇ.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلھالقا بويۇن قىرغاۋۇلنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 46 ~ 100 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1990 ~ 410 گرام. ئەركەك قۇشنىڭ تاجىسى قوڭۇر رەڭلىك، قېشى ئاق رەڭلىك، كۆز ئەتراپى يالىڭاچ تۈكى يوق، تېرە رەڭگى قىزىل، بويۇن قىسمى كۆپىنچە يېشىل، بەزىلىرى ئاستىدا يەنە بىر ئاق رەڭلىك ھالقىسىمان بەلۋاغ بار.

ئۈستۈنكى بەدىنى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك، تۆۋەنكى دۈمبە ۋە بەل كۆپىنچىسى كۆكۈچ كۈل رەڭدە، كۆكرەك قىسمى بىنەپشە قىزىل مىس رەڭدە پارقىرايدۇ، قورساق قىسمى قارا رەڭلىك، قۇيرۇق پەيلىرى سارغۇچ كۈل رەڭ ھەمدە قاتار تىزىلغان قارا رەڭلىك تاغىل سىزىقچىلار بار. چىشى قۇشنىڭ پەيلىرىنىڭ رەڭگى قۇم قوڭۇر ياكى قوڭۇر سېرىق، ئۈستىدە ھەرخىل قارا ۋە قىزىل رەڭلىك بالدىقى بار. رەڭدار پەردىسى قوڭۇر رەڭلىك، ئاغزى يېشىل رەڭدە، پۇتى قۇڭۇر رەڭدە.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، ياۋروپانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا، موڭغۇلىيە، چاۋشيەن، رۇسىيە نىڭ شەرقىي جەنۇبى، جۇڭگو، ۋيېتنام نىڭ شىمالىي قىسمى، بىرمىنىڭ شىمالى قىسىمى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلھالقا بويۇن قىرغاۋۇل يۈگۈرۈشكە ماھىر، ئۇچۇشى تېز ھەم كۈچلۈك. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى، يۇمران، يۇمشاق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، مېۋە ۋە ئۇرۇقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، شۇنداقلا قۇرت-قوڭغۇز ۋە كىچىك تىپتىكى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلارنىمۇ ئوزۇق قىلىدۇ. كۆپىيىش مەزگىلى 5 ~ 2 ئايغىچە. يەر يۈزىدىكى چاتقاللىق، قومۇشلۇق ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا، ھەتتا ئېتىز-ئېرىقلارغىمۇ ئۇۋا ياسايدۇ. ھەر بىر چاڭگىغا 6 ~ 22 تالغىچە تۇخۇم تۇغىدۇ. تۇخۇم بېسىش مۇددىتى 24 ~ 25 كۈن بولىدۇ.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىنىدۇ، دورىلىق قىممىتى بار بولغان بىر خىل مۇھىم ئىقتىسادىي قۇش. خەلقىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئىستېمال قىممىتى ھەققىدىكى تونۇشى بىر قەدەر بالدۇر، يىراق شاڭ سـۇلالىـلىرى دەۋرىدىكى چىغناق-تاغاق يېزىقىدا، مىڭ سۇلالىسى لى شىجېننىڭ «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل، تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنىپ، ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلنىڭ گۆشى تەبىئىتى سەل ئىسسىق، تەمى تاتلىق، سەل قىرتاق، مەيدىنى ئىسسىتىپ، كۇچەيتىپ قۇۋۋەت پەيدا قېلىش رولىغا ئىگە دەپ خاتىرلەنگەن. توغرا تولغاق، شېكەر سىيىش كېسىلى، كىچىك تەرەت كۆپىيىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى مۇئەييەن داۋالاش رولىغا ئىگە.

«تېببىي ئىلىمدىن دەسلەپكى بايان»دا «سەكتە، زىققا، جىگەر، قان»لارغا پايدىلىق دېيىلگەن. تاڭ سۇلالىسىدىن چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە، بەزى ئوردا تاماق تىزىملىكىدە نۇرغۇن ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلدا تاماق ئېتىش ئۇسۇلى خاتىرىلەنگەن. ھالقا بويۇن قىرغاۋۇل پەيلىرىنى قەدىمكى زاماندا تاۋار، كىمخاپ قاتارلىقلارغا ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.

خەن سۇلالىسىنىڭ ئالتە سۇلالە دەۋرىدە «قىرغاۋۇل بېشى ئايلانغان جۇۋا ئەينى چاغدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەشەمەتلىك كىيىمى ھېسابلانغان.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلھالقا بويۇن قىرغاۋۇل پەيلىرىدە يەنە نەپىس ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ياسالغان. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ سۈنئىي باقمىچىلىقدا بىر قەدەر كۆپ بولغان تۈرى بولسا ئامېرىكا رەڭدار قىرغاۋۇل.

ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلنىڭ گۆشى مۇستەھكەم ھەم يۇمران، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، يەنى ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتا مىقدارى ئۆي تۇخۇسىنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان، ياغ ۋە خولىستېرىن تەركبى ئۆي توخۇسىدىن تۆۋەن. ھازىر سۈنئىي بېقىلىش جەھەتتە ناھايىـتى زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن.

دۆلىتىمىز 1986-يىلى، ئامېرىكا نېۋادادىن كىرگۈزۈلگەن رەڭدار قىرغاۋۇل دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىكى بېقىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، كېيىن يەنە كېڭەيگەن. رەڭدار قىرغاۋۇلنىڭ جۇغى چوڭ بولۇش، ئۆسۈشى تېز، بالدۇر يېتىلىدۇ، يەرلىك ھالقا بويۇن قىرغاۋۇلدىن تۇخۇم تۇغۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى، ئادەتتە يىلىغا 80 ~ 100 تۇخۇم تۇغىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#