ئاچال يېزىسى

ئاچال يېزىسى

ئاچال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاچال يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 2696.8 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿恰勒乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كەلپىن ناھىيەسى
نوپۇسى 7649 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى تىنما تۈزلەڭلىككە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1060 مېتىر، يانتۇلۇق دەرىجىسى ئومۇمىي ئۆزگىرىشى ناھايىتى كىچىك، ئاساسلىقى قاقاسلىقنى ئاساس قىلىدۇ.ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 2696.8 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 2009-يىلىدىكى نوپۇسى 7649 ئادەم. 

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسى شەرق مېرىدىئان '20°79، شىمالىي كەڭلىك '40°39 قا، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 56 كىلومېتىر، جەنۇب-شىمال كەڭلىكى 48 كىلومېتىر، غەربىي تەرىپى ئاۋات ناھىيىسى،ئاقسۇ شەھىرى بىلەن قوشنا، شەرقىي كەلپىن بازىرىغا يېقىن، شىمالى چىلان يېزىسى بىلەن چېگرىداش، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 24.5 كىلومېتىر، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي دەرۋازىسى، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ. 

ئاچال يېزىسى ئاچال يېزىسىغا قاراشلىق تۇراق كەنتى، قارا ئات كەنتى، قۇم لوك كەنتى، گەزلىك كەنتى، كۆل كەنتى، ئىتتىپاق كەنتى، چىلانباي كەنتى قاتارلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت، 23 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار. 

يېزا ئىگىلىك بايلىقى 

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسىنىڭ يورۇقلۇق، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى قاتارلىق جۇغراپىيىلىك شارائىتى ئەۋزەل، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى چوڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ھازىر 53 مىڭ مو تېرىلغۇ يەر (ئەمەلىي تېرىلغان يەر 18060 مو)، 13 مىڭ 600 مو ئوتلاق ۋە 10 مىڭ مو تېرىشقا بولىدىغان بوز يەر بار. ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، تېرىق؛ ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قوغۇن، چامغۇر قاتارلىقلار بار. 2009-يىلى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ مو؛ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 21 مىڭ 600 مو؛ چامغۇر تېرىش كۆلىمىنى 5000 مو؛ قوغۇن تېرىش كۆلىمى 2500 مو. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تەبىئىي توغراقلىق ئورمان رايونى بار، بۇ ئورمان كەلپىن ناھىيەسىنىڭ بىردىنبىر يېقىلغۇ ئورمىنى ۋە ماتېرىيال ئورمىنى بازىسى. 

سۇ بايلىقى 

ئاچال يېزىسىئاچال تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر شەكلى تۈز، سۇ ئورنى تېيىز، ئادەتتە 10-3 مېتىر. يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئاستا ئېقىشى ۋە كۈچلۈك پارلىنىش ترانسپىراتسيىسى رولى قاتارلىقلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىدە، يەر ئاستى سۇ سۈپىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە مىنېراللاشقان. 100-60 مېتىردىن يۇقىرى يەر ئاستى سۈيى ۋە تېيىز قاتلام بېسىملىق سۇ سۇ سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئادەتتە 10-5 گىرام/لىتىر ياكى تېخىمۇ يۇقىرى؛ چوڭقۇر يېرىدىكى بېسىملىق سۇ قاتلىمىدىكى سۇنىڭ سۈپىتىدە يەر ئاستى سۈيى ۋە تېيىز قاتلام بېسىملىق سۇ سۇ سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي مىنېراللىشىش دەرىجىسى ئادەتتە 5-3 گىرام/لىتىر. « شىنجاڭ كەلپىن ناھىيىسىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى دوكلات» دا كۆرسىتىلىشىچە : ئاچال تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 958.8 تۈمەن كۇب مېتىر، ئېچىشقا بولىدىغان مىقدارى 335.6 تۈمەن كۇب مېتىر (قېزىش كوئېففىتسېنتى 0.35)؛ يەر ئۈستى سۇ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 4291 تۈمەن كۇب مېتىر، يىللىق پايدىلىنىش مىقدارى 2963 تۈمەن كۇب مېتىر، ئېچىپ پايدىلىنىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچى 1328 تۈمەن كۇب مېتىر.

كان بايلىقى 

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسىنىڭ كان مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت بايلىقى مول، شىمالىي تاغلىق رايونىدا گۈڭگۈرتلۈك تۆمۈر رۇدىسى، گۈڭگۈرت كېنى، كرىستال كېنى ۋە سېمونت ھاك تېشى رۇدىسى قاتارلىقلار مول ساقلانغان. 

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسىدا چىلان قەدىمىي شەھىرى، چېلان تۇر لەخمە، يايدى تىم تۇر لەخمە، دوئەيتىم تۇر لەخمە، ئاقشار قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق 13 ساياھەت بايلىقى بار، لېكىن سۇ بايلىقى كەمچىل، يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى (ئاچال تۈزلەڭلىكىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىنېراللىشىش دەرىجىسى 6 گرام / لىتىردىن يۇقىرى)، 100 مىڭ مو يەردە تېرىشقا بولىدىغان بوز يەر ئىچىدە 400 نەچچە مىڭ مو تۇپرىقى ياخشى يەر بار، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ھەر يىلى ئەمەلىي تېرىلىدىغان يەر كۆلىمى تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ %5 نى ئىگىلەيدۇ.

ئاچال يېزىسىئاچال يېزىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىر قەدەر ئارقىدا قالغان، 2009-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 4810.8 تۈمەن يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى6290 يۈەن؛ يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 3985 تۈمەن يۈەن؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 3292 يۈەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#