ئاۋسترىيە

ئاۋسترىيە

ئاۋسترىيە  ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 83 مىڭ 850 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى
قىسقارتىلغان نامى ئاۋسترىيە
ۋاقىت رايونى UTC+1
دۆلەت شېئىرى قول تۇتىشايلى
سىيسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
خەنزۇچە نامى 奥地利共和国
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
پايتەختى ۋيېنا
دۆلەت تىلى نېمىس تىلى
نوپۇسى 8530000 (2014-يىل)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاۋسترىيەياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 83 مىڭ 850 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، شەرقىي ئالپ تاغلىرى دۆلەتنى غەربتىن شەرققە كېسىپ ئۆتىدۇ، بۇ تاغلىق پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 70 نى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغان چوڭ گلوكنېر چوققىسى 3797 مېتر كېلىدۇ. بۇ جايدىكى تاغ چوققىلىرى تىك بولۇپ، مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. دوناي دەرياسى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ. دوناي دەرياسى بويىدا ئاتاقلىق ۋېنا ئويمانلىقى بار.


پايتەختى 

ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا، يەنى ئالپ تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى كىچىك ئويمانلىققا جايلاشقان، مەزكۇر شەھەر تاغ-دەريالارغا تۇتاشقان شەھەر بولۇپ، ھەممە يېرىنى يېشىللىق قاپلاپ تۇرىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، تەبىئىي مۇھىتى ئىنتاين كۆركەم، شۇڭا ئۇنىڭ «دۇناي دەرياسىدىكى ئىلاھە» دېگەن نامى بار.

يەر شەكلى 

ئاۋسترىيە غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى قىسمىدىكى تاغلىق رايون (ئالپىس)، شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي شىمال تۈزلەڭلىك ۋە ئېدىرلىق بەلباغ بولۇپ ، %47 كۆلىمى ئورمان بىلەن قاپلانغان. 

 ئىقلىم ئالاھىدىلىكى

ئاۋسترىيە ئاۋسترىيەنىڭ ئىقلىمى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. دۆلەتنىڭ قىشلىق ھاۋاسى يىللىق يازلىقى سالقىن بولىدۇ. تاغلىق رايونلار سوغۇق بولىدۇ. 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃1 دىن ℃5 قىچە، 7-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 17℃-19℃ بولىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 700-900 مىللىمېترغا يېتىدۇ. ئاۋسترىيەنىڭ يېرى تاغلىق، ھۆل-يېغىنى خېلى كۆپ بولغانلىقتىن، دەريا، كۆللەر خېلى كۆپ، سۇ كۈچى بايلىقى مول.

 ئاۋسترىيەنىڭ ئاھالىسى 7 مىليون 555 مىڭدىن ئاشىدۇ(1981) ، بۇنىڭ  % 99 نى ئاۋسترىيىلىكلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن سىلوۋېنىيە، خورۋاتىيە، چېخ، سىلوۋاك، ۋېنگر، ئىتالىيان قاتارلىق بار. ئاھالىنىڭ % 88 ى كاتولىك دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نېمىس تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. پايتەختى ۋېنا شەھىرى.

دۆلەت بايرىقى

ئاۋسترىيەقىزىل، ئاق، قىزىل رەڭلىك، ئۆر ئارا تەڭ تىڭ تۆت بۇلۇڭ شەكىلدىن تۈزۈلگەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە ، گىراف رېئوباد ‹‹v›› شەرققە يۈرۈش قىلغاندا جەڭچىلەرنىڭ كىيىملىرى قانغا مىلىنىپ قىزىل رەڭگەكىرگەن، لېكىن بەلباغلىرى يەنىلا ئاق رەڭلىك تۇرغانىكەن . كېيىن رىم پادىشاھى ئۇلارغا قىزىل، ئاق، قىزىل رەڭلىك ئوردېن تەقدىم قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلار ئۈچ رەڭلىك بايراق ئىشلەتكەنىكەن .

دۆلەت گېربى 

ئاۋسترىيەشۇڭقار ئاۋىسترىيەنىڭ بەلگىسى ، ئالتۇن تاج شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىمۋولى . ئورغاق بىلەن بولقا دېھقانلار ،ئىشچىلارنىڭ سىمۋولى . ئۈزۈۋېتىلگەن زەنجىر ئاۋىستىرىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ، ئازادلىققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ سىمۋولى .

ئاۋسترىيە 12-ئەسىردىن باشلاپ كاروللۇق دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان، 13-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە خابوس پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1867-يىلى ۋېنگرىيە بىلەن بىرلىشىپ ئاۋسترو—ۋېنگرىيە ئېمېرىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىسترو—ۋېنگرىيە ئېمپېرىيىسى تارمار بولغاندىن كېيىن 1918-يىلى ئاۋسترىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان. 1938-يىلى گېرمانىيە فاشىستى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1945-يىلى گېرمانىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى، ئا ق ش، ئەنگلىيە، فرانسىيىلەردىن ئىبارەت تۆت دۆلەت بۆلۈپ ئىگىلىۋالغان. ئاۋسترىيە 1955-يىلى يۇقىرىقى تۆت دۆلەت بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم بويىچە مەڭگۈ بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1971-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئونارتقان. ئاۋسترىيە ھازىر خەلقئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسەت يۈرگۈزىدۇ.

قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى سۈرمە تاش، ماگنىي، قوڭۇر كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىقلار بار. ئورمانلىق، سۇ بايلىقى مول. ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %42، ئورمانچىلىق مەيدانى 4 مىليون گىكتار، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 990 مىليون كۇب مېتىر.

 ئاۋسترىيە خېلى تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇنىڭ مېتاللۇرگىيە، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىميە، ئېلېكتر، توقۇمىچىلىق، قەغەز، ياغاچچىلىق سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئاۋسترىيە ئاھالىسىنىڭ % 7.4 ى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ(1983) ، يېزا ئىگىلىكىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇھىم ئىككى تارماق ھېسابلىنىدۇ. بۇغداي، قارا بۇغداي، ئۈزۈم، ياڭيۇ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا سۈتلۈك، گۆشلۈك كالا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ. 

ئاۋسترىيەئاۋسترىيە تاغلىق دۆلەت. يېرىنىڭ % 44.2 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇك، ياز پەسلى ھەممە جايدا ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئۆسىدۇ، شۇڭا بۇ جاي «ئوتتۇرا ياۋروپا باغچىسى، ئورمانلىق دۆلەت» دەپ نام ئالغان. ئاۋسترىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان. ھەر يىلى بۇ جايدا ساياھەت قىلىدىغانلار(چەت ئەللىك) 14 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ(1982) ، ساياھەتچىلىك كىرىمى سىرتقى پېرېۋوتىنىڭ 1/3 نى تەشكىل قىلىدۇ.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3836.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#