ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسى
بانكا ۋە چوڭ تىپتىكى سودا سارايلىرىدا خېرىدارلار خالىغان ۋاقتىدا پۇل ئالالايدىغان ئاپتوماتىك پوكەي تەسىس قىلىنغان، ئۇ ATM ماشىنىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسى. ATM ماشىنىسى بانكىنىڭ ئامانەت پۇل خادىمىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئېلېكترونلۇق كاسسىر» دۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ATM ماشىنىسى بىخەتەرلىك قوغدىنىش ئۈسكۈنىسى ئاساسلىقى مۇھاپىزەت قاپقىقى، ATM مۇداپىئە بوتكىسى، ATM مۇداپىئە بۆلۈمچىسى قاتارلىقلار ATM ماشىنىسىنىڭ سىرتىدىن
سەپلەنگەن. ئىلغار، ATM مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولۇشى بىلەن مۇستەقىل ھالدا تاللا بازارلىرىغا ئاستا-ئاستا مەنپەت يەتكۈزۈپ، ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇستەقىل مەشغۇلات ئالاھىدىلىكى بىلەن يەنە ئولتۇراق رايونلارغا، مەكتەپ، مەيدان قاتارلىق ئاھالىلەر زىچ توپلاشقان سورۇنلارغا سەپلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
ATM ماشىنىسىنىڭ پۇل چىقىرىپ بېرىش جەريانىنى كومپيۇتېر كونترول قىلىدۇ. ATM ماشىنىسى ئاساسلىقى مىكرو كومپيۇتېر، كارتا ئوقۇش ماشىنىسى، پۇل چىقىرىپ بېرىش ماشىنىسى قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى مىكرو كومپيۇتېر تور ئارقىلىق بانكىنىڭ كومپيۇتېردا كونترول قىلىش سىستېمىسىغا ئۇلانغان. نەرسە سېتىۋالغىلى چىققاندا نۇرغۇن نەق پۇل ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز، چۈنكى بۇ ماشىنا ئارقىلىق خالىغان چاغدا پۇل ئېلىپ ئىشلىتىش ئىنتايىن قۇلايلىق.
ATM ماشىنىسىدىن پۇل ئالماقچى بولغانلار ئاۋۋال كرېدىت كارتىسى بېجىرىشى كېرەك. كرېدىت كارتىسى ماگنىتلىق كارتا بولۇپ، ئۇنى ATM ماشىنىسىغا سالغاندا، ئوقۇش ماشىنىسى دەرھال ماگنىتلىق لېنتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ، كرېدىت كارتىسىنى ئىشلەتسە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر كارتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە ياكى ساختا كارتا بولسا، كارتىنى قايتۇرۇپ چىقىرىۋېتىدۇ، ياكى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر كارتىنى ئىشلەتكىلى بولسا، تور ئارقىلىق بانكىدىكى كومپيۇتېردىن ھېسابات نومۇرىنى ئاختۇرىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئۇ مەخپىي شىفىر ۋە ئالماقچى بولغان پۇلنىڭ سانى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. بارلىق مەشغۇلات توغرا بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا پۇل چىقىرىپ بېرىش ماشىنىسى پۇل بىلەن بىللە ھېسابات تالونىنى چىقىرىپ بېرىدۇ ھەمدە كرېدىت كارتىسىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.