خىبىسكۇس گۈلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 − 2 مېتىر ئەتراپىدا، يىرىك تۈكلۈك. يوپۇرمىقى ئادەتتە ئالىقانسىمان، دىئامېتىرى 6-15 سانتېمىتىر، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك تېمىنە شەكىللىك بولىدۇ، گىرۋىكى رەتسىز ھەرە چىشىسىمان، ئاندا - ساندا تېيىز يېرىلغان خۇددى ئېرەن دەرىخى يوپۇرمىقى شەكىللىك، تۈۋى يۈرەك شەكلىدە، يوپۇرماق سېپى ئۇزۇن 7-15 سانتىمېتىر، ھەمراھ يوپۇرمىقى يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى 7-8 مىللىمېتىر. گۈلى يەككە ھالدا يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈل سېپى ئۇزۇنلىقى 2-3 سانتىمېتىر، تەتۈر تۈكلۈك. كىچىك ئورىغۇچى ياپرىقى 8-10 تال، يىپ شەكىللىك،
يىپسىمان ئۇزۇنلىقى 10-13 مىللىمېتىر؛ گۈل كاسىسى يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2-3 سانتىمېتىر 5 پارچە بولۇپ يېرىلغان، دائىم بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ؛ گۈلى سېرىق، ئىچكى يۈزى تۈۋى قىسمى قارامتۇل سۆسۈن، دىئامېتىرى 7-12 سانتىمېتىر؛ ئاتىلىق تۈۋرۈك ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2.5 سانتىمىتىر، سىلىق تۈكسىز بولىدۇ؛ ئانىلىق بوينى كۆپ شاخلىق، تۈۋرۈك بېشى تەخسىسىمان. چاناقلىق مىۋىسى ئۇزۇنچاق دۈگلەك ئۇزۇنلىقى 5-6 سانتىمېتىر، چوققا تەرىپى ئۇچلۇق، ئۇرۇقى بۆرەك شەكىللىك، بەزسىمان تومۇرلۇق يوللۇق، پۇراقلىق چېچەكلەش مەزگىلى 6-ئايدىن 10-ئاي.
دائىم تۈزلەڭلىك، جىلغا تۇمانى، جىلغا سۈيى ۋە تاغ باغرىدىكى چاتقاللىقلاردا ئۈسىدۇ.
خىبىسكۇس گۈلى كۈچلۈك نۇرنى ياقتۇرىدۇ، سايىغا چىدامسىز، ئەگەر تېرىش زىيادە قويۇق بولۇپ، ئۆزئارا سايە بولسا ياخشى ئۆسەلمەيدۇ. كۈنگەي يەرلەردە، مۇۋاپىق دەرىجىدە قويۇق تېرىماسلىق. سېرىق لەيلىگۈل تۇپراققا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەمما سۇ چىقىرىشى ياخشى بولغان مۇنبەت شىغىللىق تۇپراققا ئەڭ ياخشى.
دورىلىق قىممىتى
يەنە بىر ئىسمى : ئىپار لەيلىگۈل، ياۋا كەندىر، ساختا پاختا غوزىكى
مەنبەسى : لەيلىگۈل ئائىلىسى لەيلىگۈل ئۇرۇقدىشى ئۆسۈملۈكلەر خىبىسكۇس گۈلى، يىلتىز، گۈلى دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە ئۇرۇقى يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ؛ ياز ۋە كۈز يوپۇرمىقى، كۆپ ۋاقىتلاردا تىرىك ئىشلىتىلىدۇ؛
تەبىئىتى: مۆتىدىل، تەمى : سەل تاتلىق.
شىپالىق رولى : ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ھۆللۈكنى سىرغىتىدۇ. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.