قېيىق ھەيدەش

قېيىق ھەيدەش

قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. 2000 يىل ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ مىلۇجياڭ دەرياسىدا «ئەجدىھاسىمان قېيىقلارنىڭ بەسلىشىش» پائالىيەتلىرى بولغان. ھازىرقى زامان قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتى ئەنگلىيىنىڭ تامېس دەرياسى ۋادىسىدا پەيدا بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قېيىق ھەيدەش
خەنزۇچە ئىسمى 划船

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قېيىق ھەيدەشقېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. 2000 يىل ئىلگىرى، ئېلىمىزنىڭ مىلۇجياڭ دەرياسىدا «ئەجدىھاسىمان قېيىقلارنىڭ بەسلىشىش» پائالىيەتلىرى بولغان. ھازىرقى زامان قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتى ئەنگلىيىنىڭ تامېس دەرياسى ۋادىسىدا پەيدا بولغان. 400 −500 يىللار ئىلگىرى، بۇ دەريا ئەنگلىيىنىڭ ئاساسلىق سۇ يولى بولۇپ، كېمىچىلەر دائىم قېيىق ھەيدەش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈپ تۇرغان. مۇسابىقە قېيىقى 1900-يىلىدىكى 2-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، تۇلۇم قېيىق 1936-يىلىدىكى 11-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 

قېيىق ھەيدەش تەنھەرىكىتى قېيىقنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ھەيدەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ مۇسابىقە قېيىقى، تولۇم قېيىق ۋە قولۋاق دەپ ئۈچ ئاساسىي تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

مۇسابىقە قېيىقى

مۇسابىقە قېيىقىمۇسابىقە قېيىقىنىڭ گەۋدىسى تار ھەم ئۇزۇن بولۇپ، شەكلى موكىغا ئوخشايدۇ، قېيىققا ھەرىكەتچان ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ، پالاق پالاق ھالقىسىغا قوندۇرۇلۇپ ئۇرۇلىدۇ. مۇسابىقە بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك، تۆت كىشىلىك، سەككىز كىشىلىك ۋە روللۇق، رولسىز تۈرلىرىگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى ئادەتتە 2000 مېتىر بولىدۇ.

تۇلۇم قېيىق 

تۇلۇم قېيىقتۇلۇم قېيىق ئەسلىدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئېسكىموسلارنىڭ ھايۋان تېرىسىدىن ياسالغان قېيىقى بولۇپ، پالىقى ئىككى باشلىق بولىدۇ. مۇسابىقە بىر كىشىلىك، ئىككى كىشىلىك ۋە تۆت كىشىلىك دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى 500 مېتىر ۋە 1000 مېتىر بولىدۇ.

قولۋاقنىڭ شەكلى چاپما قېيىققا ئوخشايدۇ، گەۋدىسى قىسقا، پالاق قوندىقى يوق، بىر باشلىق پالاقتا ھەيدىلىدۇ.

 قولۋاق

قولۋاق قولۋاق ھەيدەش، قېيىق ھەيدەش ھەرىكىتىدىكى ئەڭ جاپالىق بىر تۈر بولۇپ، ھازىرغىچە ئەرلەر تۈرى بىلەنلا چەكلەنمەكتە. پالاق ئۇرۇشتا تەنھەرىكەتچى بىر پۇتتا تىزلىنىپ، يەنە بىر پۇتىنى پۈكۈپ تۇرىدۇ، مۇسابىقە بىر كىشىلىك ۋە ئىككى كىشىلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. مۇسابىقە ئارىلىقى 500 مېتىر ۋە 1000 مېتىر بولىدۇ. 

قېيىق ھەيدەش ھەرىكىتى نۆۋەتتە ياۋروپادا ئەڭ روناق تاپقان بولۇپ، سەۋىيىسىمۇ ئەڭ يۇقىرى. بولۇپمۇ سابىق دېموكراتىك گېرمانىيە بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 70-يىللىرىدىن بۇيانقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ۋە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى دېگۈدەكلا مونوپول قىلىۋالغان. 

ئېلىمىزدە بۇ تۈرنىڭ قانات يايغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس. 1988-يىلىدىكى سېئۇل ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كەلگەندىلا، ئېلىمىزنىڭ ئاياللار مۇسابىقە قېيىقى كوماندىسى كۈچلۈكلەر بىلەن ئېلىشىشتا بىر كۈمۈش ۋە بىر مىس مېدالغا ئېرىشىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىگىلىۋالىدىغان ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئەرلەر مۇسابىقە قېيىقى بىلەن تۇلۇم قېيىقىتۈرىدە ئېلىمىز ئاسىيادا بىرىنچى ئورۇندا مەزمۇت تۇرماقتا.  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#