سۇپۇپى قابىز
سۇپۇپى قابىز ساغۇچ توپىرەڭلىك تالقان بولۇپ،خۇشپۇراق،تەمى سۇس. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇپ،ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سۇپۇپى قابىز ساغۇچ توپىرەڭلىك تالقان بولۇپ،خۇشپۇراق،تەمى سۇس. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش،ياللۇغ قايتۇرۇپ،ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.ئىچ سۈرۈش،تولغاق،ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
سۇپۇپ
يۇقۇرىدىكى 4 خىل دورىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ سوقۇپ يۇمشاق تالقانلاپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، نىشاستە بىلەن 1000g سۇپۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىدىن 20g ئېلىپ. 10ml قۇيۇق ئاممونياك ئېرىتمىسى قوشۇپ،30ml خلوروفورم قوشۇپ،قايتىلانما ئېقىمدا 30 مىنۇت تامچىلىتىپ،قىزىق ۋاقتىدا سۈزۈپ، سۈزۈلمىنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،دورا قالدۇقىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ،سىناق ئېرىتمىسى قىلىپ تەييارلايمىز.مورفىن،كودېئىن فوسفات،پاپاۋېرىن ھىدروخلورىد سېلىشتۇرما دورىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ،مېنتانول قوشۇپ،ھەر 1ml سۇيۇقلۇقتا 1mg دورا تۇتقان سېلىشتۇرۇلىدىغان ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى تەجرىبىسىگە ئاساسەن،يۇقۇرىدىكى 2 خىل دورا ئېرىتمىسىدىن 5µl دىن شۈمۈرۈپ ئېلىپ،نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىدىكى ئايرىم-ئايرىم نوقتىغا تېمىتىپ،(20∶20∶3∶1)تولۇئول-ئاتسېتون-سۇسىزئېتانول-قۇيۇق ئاممونياكنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرۇتۇپ، سۇيۇق كالىي-بىسموت يودىد ۋە ناترىي نىترىت ئېتانول ئېرىتمىسىنى پۈركۈيمىز. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدا،سېلىشتۇرۇلىدىغان خام دورا ۋە سېلىشتۇرۇلىدىغان دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىرىدىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا سۇپۇپ ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل، قوشۇمچە IB) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.