يۇتقۇنچاق ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يۇتقۇنچاق ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، زىيادە ھېرىپ-چارچاش، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش، خىمىيەلىك ماددىلار ۋە ئىسپىرت قاتارلىقلاردىن زەھەرلىنىش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش، تاماكا چېكىش، سوغۇق يەللىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، چاڭ-توزان، زۇكام ۋە نەزلىنىڭ تەسىرى، يۇتقۇنچاقنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كۆپىنچە گال قۇرۇش، كۆيگەندەك ئاغرىش، ئېچىشىش، قىچىشىش، بىئاراملىق، يات نەرسە تۇرۇۋالغاندەك سېزىلىش، تولا گالنى قېقىشقا مەجبۇر بولۇش، گالدىن چىقىدىغان ئاجرالمىلار تەستە چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: مۇدەببەر كۇچۇلا 100 گىرام، يىلان گۆشى 360 گىرام، قىزىل سىر 60 گىرام، چايان 20 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.