بارماق ئىزى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بارماق ئىزىنىڭ يولى، شەكلى شۇ ئادەمنىڭ باشقا فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىكى ئىرسىيەت ماددىلىرىغا باغلىق بولىدۇ، ئادەملەرنىڭ ئىرسىيەت ماددىلىرى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەم تۆرىلىپ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا شەكىللەنگەندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، جۈملىدىن بارماق ئىزى شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، يەنە كېلىپ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. بارماق ئىزىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئالىملارنىڭ كۈچلۈك ھەۋىسىنى قوزغىدى، ھازىر بارماق ئىزى ئۈستىدىكى تەتقىقات بىر مۇھىم پەن تۈرى بولۇپ قالدى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىرسىيەت ئىلمى، قانۇن دوختۇرلۇقى، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئالىملار بارماق ئىزىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەگەر ئىرسىيەت ماددىسىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەمنىڭ بارماق ئىزىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇڭا، بارماق ئىزىدىكى(جۈملىدىن ئالىقان، تاپاندىكى ئىزلار) ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى قىياس قىلغىلى ۋە بۇ ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرنى تېپىپ چىققىلى بولىدۇ.
بارماق ئىزىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالىملار يەنە «بارماق ئىزى ئاچقۇچى» دەيدىغان بىر نەرسىنى كەشىپ قىلدى. يەنى ئۆي ئىگىسىنىڭ بارماق ئىزىنى ئىشىك قۇلۇپىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۆزىكىگە كىرگۈزۈپ قويىدىغان بولدى. ئىشىك قۇلۇپلانغاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچقانداق ئاچقۇچ ئاچالمايدۇ؛ ئەمما ئۆي ئىگىسى بارمىقىنى ئىشىك قۇلۇپىغا باسسىلا، ئىشىك ئېچىلىپ كېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.