كولۇمبىيە دەرياسى
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا كانادانىڭ جەنۇبىدىكى روكى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئا ق ش دىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چوڭ دەريالارنىڭ بىرى. بۇ دەريا كانادانىڭ جەنۇبىدىكى روكى تاغلىرىدىن باشلىنىپ، غەربىي جەنۇبقا قاراپ ئا ق ش دىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا قۇيۇلىدۇ.ئۇزۇنلىقى 2044 كىلومېترغا يېتىدۇ. كۆلىمى 415 مىڭ 211 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. سىناكى دەرياسى ئەڭ چوڭ تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 7000 كۇب مېتر سېكونتقا يېتىدۇ. ئەتىياز، ياز پەسىللىرى ئېگىز تاغلاردىكى قار-مۇزلار ئېرىگەن مەزگىلدە سۈيى ئەڭ كۆپ بولىدۇ، قىش پەسلى ئەڭ ئاز بولىدۇ. 1000 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، چوڭ ئوكيان پاراخوتلىرى دەريا ئاغزىدىن 150 كلومېتر يىراق ئورۇنغا جايلاشقان پورتلىند شەھەىرىگىچە كېلەلەيدۇ.
دەريانىڭ سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، غول ھەم تارماق ئېقىنلىرىدا نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك سۇ قۇرۇلۇشلىرى بار، بۇ جايلاردا ھەرخىل تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. چوڭ گورىي سۇ قۇرۇلۇشى بەك مەشھۇر بولۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 233 كىلومېتر كېلىدۇ. سۇغىرىشى ھەم توك ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىش ئىقتىدارى بىر مىليون 960 مىڭ كىلۋات سائەتكە يېتىدۇ. ئېلېكتر قۇۋۋىتى، ئاليۇمىن تاۋلاش، كېمىسازلىق، ئاتوم ئېنىرگىيىسى بىرلەشمە كارخانىلىرى، ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. دەريادا تېز ئېقىنلىق ئورۇنلار، شارقىراتمىلار ھەم تار جىلغىلار ناھايىتى كۆپ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بېلىق تۇتۇلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.