ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى

سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国全民所有制工业企业法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىلىرى قانۇنى

1988-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1988-يىلى 4-ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 3-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى ئىگىلىكنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ۋە راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىسىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»غا ئاساسەن تۈزۈلدى.

2-ماددا ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى سانائەت كارخانىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ كارخانا دېيىلىدۇ) قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغان، پايدا-زىيانغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان، مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن.

كارخانىنىڭ مۈلكى ئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دۆلەت ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش پرىنسىپى بويىچە ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى كارخانىغا تاپشۇرىدۇ. كارخانا دۆلەت ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن مۈلۈكنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلىتىش ۋە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

كارخانا قانۇن بويىچە قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى دۆلەت ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن مۈلۈك بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.

كارخانا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ قارارى بويىچە ھۆددىگەرلىك، ئىجارىكەشلىككە ئوخشاش ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى شەكىللىرىنى قوللانسا بولىدۇ. 

3-ماددا كارخانىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى دۆلەت پىلانى ۋە بازار ئېھتىياجىغا قاراپ، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش، بايلىق يارىتىش، جۇغلانمىنى كۆپەيتىش، جەمئىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارىدىغان ماددىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش.

پشسپولا س

4-ماددا كارخانا سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزاملىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.

5-ماددا كارخانا قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشى لازىم.

6-ماددا كارخانا دۆلەت ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرغان مال-مۈلۈكتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ قانۇن بويىچە باج، راسخوت ۋە پايدا تاپشۇرۇشى لازىم. 

7-ماددا كارخانىدا زاۋۇت باشلىقى (جىڭلى) مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. 

زاۋۇت باشلىقى ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ.

8-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كارخانىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئۆز كارخانىسىدا ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

9-ماددا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خوجايىنلىق ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ. 

10-ماددا كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى شەكلى ۋە باشقا شەكىللەر ئارقىلىق دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ.

11-ماددا كارخانىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل قانات يايدۇرىدۇ. كارخانىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا ۋە دېموكراتىك نازارەتچىلىككە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

كارخانا ياش ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ، ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا كارخانا ئىگىلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى، كارخانىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشى لازىم.

13-ماددا كارخانا ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ. كارخانا قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە باشقا تەقسىمات شەكىللىرىنى قوللانسا بولىدۇ.

14-ماددا دۆلەت كارخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن مۈلۈك قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ئۇ دەخلىسىزدۇر. 

15-ماددا كارخانىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتى قانۇن بىلەن قوغدىلىدۇ، ئۇ دەخلىسىزدۇر.

2–باب كارخانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋە ئىشتىن توختىتىش

16-ماددا كارخانا قۇرۇشتا، قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھۆكۈمەتنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىش لازىم. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئېلىپ تىجارەت كىنىشكىسى بەرگەندىن كېيىن، كارخانا قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

كارخانا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزىمغا ئالدۇرغان تىجارەت دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

17-ماددا قۇرۇلىدىغان كارخانا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك:

(1) مەھسۇلاتىغا جەمئىيەت ئېھتىياجلىق بولۇشى؛

(2) ئېنېرگىيە، خام ئەشيا-ماتېرىيال، قاتناش-ترانسپورت جەھەتتە زۆرۈر شارائىت ھازىرلىغان بولۇشى؛

(3) ئۆزىنىڭ نامى ۋە ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئورنى بولۇشى؛

(4) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن مەبلىغى بولۇشى؛

(5) ئۆزىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى بولۇشى؛

(6) ئىگىلىك دائىرىسى ئېنىق بولۇشى؛

(7)قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر ھازىرلانغان بولۇشى.

18-ماددا كارخانىلار بىرلەشتۈرۈلسە ياكى بۆلۈنسە، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھۆكۈمەتكە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

19-ماددا تۆۋەندىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى كۆرۈلسە كارخانا ئىشتىن توختىتىلىدۇ:

(1)قانۇن، نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بۇيرۇلغان بولسا؛

(2)ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلغان بولسا؛

(3) قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى جاكارلانغان بولسا؛

(4) باشقا سەۋەبلەر بولغان بولسا.

20-ماددا كارخانا بىرلەشتۈرۈلگەن، بۆلۈنگەن ياكى ئىشتىن توختىتىلغان ۋاقتىدا مال - مۈلۈكنى قوغدىشى، قەرز ھوقۇقى، قەرز مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئېنىقلىشى لازىم.

21-ماددا كارخانىلار بىرلەشتۈرۈلسە، بۆلۈنسە، ئىشتىن توختىتىلسا ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تىجارەت دائىرىسى قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرۈپ تىزىملىتىش كېرەك.

3-باب كارخانىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

22 - ماددا كارخانا دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەمئىيەتكە ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ياكى جەمئىيەتكە مۇلازىمەتچىلىك قىلىش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

23-ماددا كارخانا پىلانلىق تەمىنلەپ بېرىلىدىغان زۆرۈر ماددىي ئەشيالار كىرگۈزۈلمىگەن ياكى مەھسۇلات بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى تەڭشەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

كارخانا ھەرقانداق تارماقنىڭ ۋە ئورۇننىڭ بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلان سىرتىدا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشقا ياكى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

24-ماددا كارخانا ئۆز كارخانىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئالدىغا سېتىشقا ھوقۇقلۇق. گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى ئۈستىگە ئالغان كارخانا پىلان سىرتىدا ئارتۇق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ۋە پىلان ئىچىدە پىرسەنت بويىچە ئۆزىگە قالدۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئالدىغا سېتىشقا ھوقۇقلۇق.

25-ماددا كارخانا مال تەمىنلىگۈچى ئورۇنلارنى ئۆزى تاللاپ، ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

26-ماددا گوۋۇيۈەن باھاسىنى مال باھا تارمىقى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل تارماق تىزگىنلەيدۇ، دەپ بەلگىلىگەن مەھسۇلات ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتىدىن باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ۋە ئەمگەك مۇلازىمىتىنىڭ باھاسىنى كارخانا ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

27-ماددا كارخانا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چەت ئەل سودىگەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە توختام تۈزۈشكە ھوقۇقلۇق.

كارخانا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىگە قالدۇرۇلغان تاشقى پېرېۋوتنى ئېلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق.

28-ماددا كارخانا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆزىگە ئېپقالغان مەبلەغنى نېرى-بېرى قىلىشقا ۋە ئىشلىتىشكە ھوقۇقلۇق.

29-ماددا كارخانا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىغا بەرگەن تۇراقلىق مۈلكىنى ئىجارىگە بېرىشكە ياكى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئۇنىڭدىن بولغان پايدىنى ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشقا ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىش لازىم.

30-ماددا كارخانا ئۆز كارخانىسىنىڭ ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان ئىش ھەققى شەكلى ۋە مۇكاپات پۇلى تەقسىم قىلىش چارىسىنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

31-ماددا كارخانا قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىشچى-خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇلارنى ئىشتىن بوشىتىشقا ھوقۇقلۇق.

32-ماددا كارخانا ئاپپارات قۇرۇلمىسىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملار شتاتنى بەلگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

33-ماددا كارخانا ھەرقانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ ئۆزىگە ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتلەردىن سالغان سېلىقىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قانۇن، نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەرقانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ كارخانىدىن ھەرقانداق يول بىلەن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى تەلەپ قىلىشى سېلىق سېلىش جۈملىسىگە كىرىدۇ.

34-ماددا كارخانا قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باشقا كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن شېرىكلىشىشكە، باشقا كارخانىلارغا، كەسپىي ئورۇنلارغا مەبلەغ سېلىشقا، باشقا كارخانىلارنىڭ پايلىرىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

كارخانا گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قەرز چېكى تارقىتىشقا ھوقۇقلۇق.

35-ماددا كارخانا بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلانىنى ئورۇندىشى كېرەك.

كارخانا قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختامنى ئىجرا قىلىشى لازىم. 

36-ماددا كارخانا تۇراقلىق مۈلۈكنىڭ نورمال ئاسرىلىشى ۋە رېمونت قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، ئۈسكۈنىلەرنى ياخشىلىشى ۋە يېڭىلىشى لازىم. 

37-ماددا كارخانا دۆلەتنىڭ مالىيە، ئەمگەك ئىش ھەققى ۋە مال باھا باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، مالىيە، مۇپەتتىشلىك، ئەمگەك ئىش ھەققى ۋە مال باھاسى ئورگانلىرى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

38-ماددا كارخانا مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋە مۇلازىمەتچىلىك سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خېرىدارلار ۋە ئىستېمالچىلار ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى لازىم. 

39-ماددا كارخانا ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ماتېرىياللارنى تېجەپ، تەننەرخنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىشى كېرەك. 

40-ماددا كارخانا قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ساقلىشى، دۆلەت مۈلكىنى قوغدىشى كېرەك. 

41-ماددا كارخانا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مەدەنىي ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

42-ماددا كارخانا ئىدىيىۋى-سىياسىي تەربىيىنى، قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى، پەن-مەدەنىيەت تەربىيىسىنى ۋە تېخنىكا تەربىيىسى، كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

43-ماددا كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىغا، كەشپىيات-يېڭىلىق يارىتىشىغا، تېخنىكا يېڭىلاش، ئورۇنلۇق تەكلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىنى ۋە سوتسىيالىستىك ئەمگەك مۇسابىقىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ۋە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئىلھام بېرىشى لازىم.

4–باب زاۋۇت باشلىقى

44-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زاۋۇت باشلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى كارخانىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ:

(1) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەيىنلەش ياكى تەكلىپ قىلىش؛

(2) كارخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سايلاش.

ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى ۋەزىپىگە تەيىنلىمەكچى ياكى تەكلىپ قىلماقچى بولغان زاۋۇت باشلىقىنىڭ نامزاتى ھەققىدە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئېلىشى لازىم؛ كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سايلانغان زاۋۇت باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ياكى تەكلىپ قىلغان زاۋۇت باشلىقىنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ياكى بوشىتىشنى ھۆكۈمەتنىڭ شۇ مەسئۇل تارمىقى قارار قىلىدۇ ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئالىدۇ؛ كارخانىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدا سايلانغان زاۋۇت باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى قارار قىلىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

45-ماددا زاۋۇت باشلىقى كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى.

كارخانىدا زاۋۇت باشلىقى باشچىلىقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. زاۋۇت باشلىقى كارخانىدا مەركىزىي ئورۇندا تۇرىدۇ، كارخانىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنيەت قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.

زاۋۇت باشلىقى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) قانۇن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كارخانىنىڭ تۈرلۈك پىلانلىرىنى بېكىتىدۇ ياكى يۇقىرىغا تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىدۇ؛

(2) كارخانىنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛

(3) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىشى، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشى ياكى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىشى، ۋەزىپىدىن بوشىتىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. قانۇندا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىدە ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(4) كارخانىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ ياكى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ، ۋەزىپىدىن بوشىتىدۇ. قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛

(5) ئىش ھەققىنى تەڭشەش لايىھىسىنى، مۇكاپات پۇلىنى، تەقسىم قىلىش لايىھىسىنى ۋە مۇھىم قائىدە - تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىغا سۇنىدۇ. پاراۋانلىق فوندىنى ئىشلىتىش لايىھىسىنى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا ئالاقىدار باشقا مۇھىم ئىشلار توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ قارار قىلىشىغا سۇنىدۇ؛

(6) ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ؛ ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلارنى مۇكاپاتلىشى ۋە جازالىشىنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

46-ماددا زاۋۇت باشلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، كارخانىنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىنى قوللىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنغا ئاساسەن چىقارغان قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. 

47-ماددا كارخانا باشقۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىش ياكى باشقا شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق زاۋۇت باشلىقىنىڭ كارخانىنىڭ چوڭ - چوڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە قارار چىقىرىشىغا ياردەملىشىدۇ. باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانىنىڭ ھەر ساھە مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن تەشكىل قىلىنىدۇ، زاۋۇت باشلىقى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

(1) ئىگىلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە يىللىق پىلان، ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھىسى ۋە زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش لايىھىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش پىلانى، ئىش ھەققىنى تەڭشەش لايىھىسى، ئۆزىگە ئەپقالغان مەبلەغنى تەقسىم قىلىش ۋە ئىشلىتىش لايىھىسى، ھۆددىگە ئېلىپ ۋە ئىجارىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى لايىھىسى؛

(2) ئىش ھەققى كارخانىنىڭ تەننەرخ چىقىمىغا كىرگۈزۈلگەن كارخانا خادىملىرى شتاتىنى بەلگىلەش ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ھەم تەڭشەش؛

(3) مۇھىم قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈش، تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش لايىھىسىنى قويۇش، يۇقىرىقى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر بويىچە مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغان لايىھىلەرنى زاۋۇت باشلىقى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

48-ماددا زاۋۇت باشلىقى كارخانىغا رەھبەرلىك قىلىپ پىلاننى ئورۇنداش، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتسا، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ.

5-باب ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى

49-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر كارخانىنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق؛ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خىزمىتى ھەققىدە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ قانۇن بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتىدىن، ئەمگەك سۇغۇرتىسىدىن، دەم ئېلىشتىن، ئاتپوسكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق؛ دۆلەت ئورگىنىغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشقا، كارخانىنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەنقىد قىلىشقا ۋە ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ئەمگەك سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق.

50-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر دۆلەتنىڭ خوجايىنلىق پوزىتسىيىسى بىلەن ئىشلەپ، ئەمگەك ئىنتىزامىغا ۋە قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

51-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى كارخانىدا دېموكراتىك باشقۇرۇشنى يولغا قويىدىغان ئاساسىي شەكىل، ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېموكراتىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ئورگان. 

ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى كارخانىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كومىتېتى، ئۇ ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.

52-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

(1) زاۋۇت باشلىقىنىڭ كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فاڭجېنى، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى، يىللىق پىلانى، ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھىسى، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش لايىھىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەربىيىلەش پىلانى، ئۆزىگە ئەپقالغان مەبلەغنى تەقسىم قىلىش ۋە ئىشلىتىش لايىھىسى، ھۆددىگە ۋە ئىجارىگە ئېلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى لايىھىسى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە قاراپ چىقىش، شۇ ھەقتە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش؛

(2) كارخانىنىڭ ئىش ھەققىنى تەڭشەش لايىھىسى، مۇكاپات پۇلىنى تەقسىم قىلىش لايىھىسى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى تەدبىرى، مۇكاپاتلاش- جازالاش چارىسى ۋە باشقا مۇھىم قائىدە-تۈزۈملەرنى تەكشۈرۈپ ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش؛

(3) ئىشچى-خىزمەتچىلەر پاراۋانلىق فوندىنى ئىشلىتىش لايىھىسى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆي تەقسىم قىلىش لايىھىسى ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىقىغا ئالاقىدار باشقا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قاراپ چىقىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛

(4) كارخانىنىڭ ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش، نازارەت قىلىش ھەم مۇكاپاتلاش-جازالاش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش؛

(5) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ قارارى بويىچە زاۋۇت باشلىقىنى سايلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقلىشىغا مەلۇم قىلىش.

53-ماددا سېخلاردا ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى گۇرۇپپىسى شەكلى ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن دېموكراتىك باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ؛ ئىشچىلار بەن-گۇرۇپپىلارنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ.

54-ماددا ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى زاۋۇت باشلىقىنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى قوللىشى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

6–باب كارخانا بىلەن ھۆكۈ مەتنىڭ مۇناسىۋىتى

55-ماددا ھۆكۈمەت ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كارخانىغا بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى بىر تۇتاش چۈشۈرىدۇ. كارخانىنىڭ بۇيرۇق خاراكتېرلىك پىلاننى ئورۇندىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، پىلانلىق تەمىنلەپ بېرىلىدىغان ماددىي ئەشيالارغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، كارخانا ئاساسىي قۇرۇلۇش، زور تېخنىكا ئۆزگەرتىش قاتارلىق جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان پىلاننى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ؛ زاۋۇت باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ، ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ. زاۋۇت باشلىقىنىڭ تەكلىپى بويىچە مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرىدۇ، مۇكاپاتلايدۇ ۋە جازالايدۇ، زاۋۇت دەرىجىلىك مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلارنى سىنايدۇ، تەربىيىلەيدۇ.

56-ماددا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەت بازارنى تەڭشەش، بازار كارخانىنى يېتەكلەش نىشانى بويىچە كارخانا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ ۋە كارخانىنى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بويىچە، قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.

(1) كەسىپكە دائىر سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە تەڭشەش كارخانىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ؛

(2) كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە تەدبىر كۆرۈشىنى مەسلىھەت ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؛

(3)كارخانا بىلەن باشقا ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرىدۇ؛

(4)كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى قوغدايدۇ، دۆلەتنىڭ كارخانا باشقۇرۇۋاتقان مۈلكىنى دەخلى - تەرۇزدىن ساقلايدۇ؛

(5)كارخانىغا ئالاقىدار جامائەت مۇئەسسەسەلىرىنى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

57-ماددا كارخانا جايلاشقان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەت كارخانىنى ئېھتىياجلىق بولغان، شۇ جاي پىلانلىق باشقۇرىدىغان ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلىشى، كارخانا بىلەن شۇ جايدىكى باشقا ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشى، كارخانىغا ئالاقىدار جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى تىرىشىپ ئوبدان يولغا قويۇشى كېرەك.

58-ماددا ھەرقانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ كارخانىنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كارخانىغا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى جەھەتلەردىن سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كارخانىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىغا ياكى ئاپپاراتنىڭ شتات سانىنى بەلگىلەپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

7–باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

59-ماددا بۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلاتماي ۋە سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا تىزىملاتماي تۇرۇپ كارخانا نامىدا ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئېلىپ بارغانلار بۇيرۇق بىلەن ئىشتىن توختىتىلىدۇ، ئۇنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

تىزىملىغۇچى ئورگانغا ساختىپەزلىك قىلىپ، ئەينەن ئەھۋالنى يوشۇرغان كارخانىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.

بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازانى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەيدۇ. ئالاقىدار تەرەپ جەرىمانە قويۇش، بۇيرۇق بىلەن ئىشتىن توختىتىش، قانۇنسىز تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىش، تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى قارارغا قايىل بولمىسا، جازا بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىدىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە ئەرز قىلمىسا ھەم قارارنى ئىجرا قىلمىسا، جازا بېرىشنى قارار قىلغان ئورگان ئۇلارغا قارارنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش ھەققىدە سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ.

60-ماددا سۈپىتى ئۆلچەمگە لايىق كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھادىسە تۇغدۇرۇپ، خېرىدارنى ۋە ئىستېمالچىلارنى مۈلۈك ۋە جىسمانىي جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتقان كارخانا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەنگەن بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئىقتىسادىي توختامدا پۈتۈشكەن شەرتكە توشقۇزمىغانلار توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 

61-ماددا ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ قارارى بۇ قانۇننىڭ 58-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كەلسە، كارخانا قارار چىقارغان ئورگاندىن ئۇنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ بىكار قىلىنمىسا، كارخانا قارار چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ رېۋىزىيە تارمىقىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەرزنى قوبۇل قىلغان ئورگان ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە كېسىم قىلىشى ۋە ئۇنى كارخانىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

62-ماددا كارخانا رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىرىدىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ئومۇمنىڭ نامىنى سېتىپ ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 146-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

63-ماددا كارخانىدىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، كارخانىغا ۋە دۆلەتكە چوڭراق زىيان يەتكۈزگەن بولسا، ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي جازا بېرىدۇ.

كارخانىدىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقىدىكى رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، كارخانىنىڭ مال-مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 187-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

64-ماددا كارخانىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە توسقۇنلۇق قىلغان، لېكىن زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانمىغانلارنى كارخانا جايلاشقان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە جازالاش نىزامى»نىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ؛ كارخانىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانۇن بويىچە ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 157-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

كارخانىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىغانلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە خىزمەتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن، لېكىن ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلارنى كارخانا جايلاشقان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش ئىشلىرى بويىچە جازالاش نىزامى»نىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئاقسىتىپ قويۇپ، ئېغىر زىيان سالغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 158-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8–باب قوشۇمچە پرىنسىپ

65-ماددا بۇ قانۇندىكى پرىنسىپلار ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى قاتناش-ترانسپورت، پوچتا-تېلېگراف، گېئولوگىيىلىك چارلاش، بىناكارلىق-قۇراشتۇرۇش، سودا، تاشقى سودا، ماددىي ئەشيا، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇ ئىشلىرى كارخانىلىرىغا تەتبىق قىلىنىدۇ.

66-ماددا كارخانىدا ھۆددىگە ئېلىپ ۋە ئىجارىگە ئېلىپ ئىگىلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىنغاندىن باشقا، ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ئالغۇچى تەرەپنىڭ ۋە ئىجارىگە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن ئالغۇچى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

بىرلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان كارخانىنىڭ، چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كارخانىنىڭ ۋە ھەسسىدارلىق كارخانىسىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

67-ماددا گوۋۇيۈەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

68-ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»دىكى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

69-ماددا بۇ قانۇن 1988-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/277500.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#