- كالىزىرە ()
- كالىزىرە (خام دورا)
كالىزىرە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كالىزىرە دورا قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭلىك ھەب بولۇپ، تەمى ئاچچىق.غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش،قاننى جانلاندۇرۇپ، تېرىگە رەڭ بېرىش تەسىرىگە ئىگە. بەرەس(ئاق كېسەل)، بەھەق كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ياسالما شەكلى
ھەب
1) بۇ دورىدىن 15g ئېلىپ،ئېزىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 30ml سۇ قوشۇپ قۇچۇپ ئارىلاشتۇرۇپ،سۈزۈۋېتىپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىگە ئېتىل ئېفىر قوشۇپ 2 قېتىم چەككىلەيمىز،ھەر قېتىمدا 20ml قوشۇمىز،ئېفىر قىسمىنى بىرلەشتۈرۈپ،پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا 1ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. ئاندىن قىزىل گۈل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 2g ئېلىپ،ئېتىل ئېفىردىن 5ml قوشۇپ، 30 مىنۇت چايقاپ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى پارلاندۇرۇپ قۇرۇتۇپ،قالدۇقىغا 1ml ئېتىل ئېفىر قوشۇپ ئېرىتىپ ،سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ.نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويۇچە يۇقۇرقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن ئايرىم ھالدا 10µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (17:3) سىكلو ھېكسان-ئېتىل ئاتسىتاتنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ، شامالدىتىپ قۇرتۇپ، ئۈستىگە %5 لىك ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ، داغ توچكىلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك نۇرلۇق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ. 2) بۇ دورىدىن 20g ئېلىپ،ئېزىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى دىئاتومىد بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، 40ml ئېتانول قوشۇپ ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىدا 20 مىنۇت بىر تەرەپ قىلىپ سۈزۈپ، سۈزۈلگەن ئېرىتمىنى قۇرۇتۇپ قالدۇغىغا 1ml مېنتانول قوشۇپ ئېرىتىپ سىناق ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. ئاندىن زەنجىۋىل سېلىشتۇرما دورىسىدىن 1g ئېلىپ يۇقۇرىقىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا، سېلىشتۇرما ئېرىتمىسى تەييارلىنىدۇ. نېپىز قەۋەتلىك رەڭ سىپېكتىر ئۇسۇلى جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل (قوشۇمچە Ⅵ B) سىنىقى بويىچە يۇقۇرىقى ئىككى خىل سىناق ئېرىتمىسىدىن ئايرىم ھالدا 5µl شۈمۈرۈپ ئېلىپ، نېپىز قەۋەتلىك سىلىكاگىل G لىق تاختا ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم نوختا تېمىتىپ (1:1) سىكلو ھېكسان-ئېتىل ئېفىرنى يېيىلدۇرغۇچى قىلىپ يېيىلدۇرۇپ،شامالدىتىپ قۇرتۇپ ۋانىللىن سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى پۈركۈپ،داغ توچكىلىرىنىڭ رەڭگى ئېنىق كۈرۈنگۈچە ℃ 105 لىق ھارارەتتە قاقلىنىدۇ. سىناق قىلىنغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردا، سېلىشتۇرۇلغۇچى دورىنىڭ رەڭ سىپىكتىردىكى مۇناسىپ ئورۇندا ئوخشاش رەڭلىك نۇرلۇق داغ توچكىلىرى كۆرۈنىدۇ.
بۇ دورا ھەب ياسالمىسىغا ئالاقىدار ھەر خىل بەلگىلىمىلەر (جوڭگو دورا قامۇسى بىرىنچى بۆلۈم 2010-يىل،قوشۇمچە I A) گە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.