تۆگىقۇش
تۆگىقۇش ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئوتلاق ۋە قۇملۇق رايونلاردا ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يۇمران بىخ، ھاشارات قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۆگىقۇشنىڭ بېشى كىچىك، كەڭ ھەم ياپىلاق، بوينى ئۇزۇن ھەم جانلىق، بويۇن ۋە پۇت ئادەتتە سۇس ھال رەڭ ؛ تۇمشۇقى تۈز ھەم قىسقا، ئۇچى يۇمىلاق شەكىللىك؛
تۆگىقۇش ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئوتلاق ۋە قۇملۇق رايونلاردا ياشايدۇ . ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يۇمران بىخ ، ھاشارات قاتارلىقلارنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇ. ئۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بەدەن قۇرۇلىشى ئەڭ چوڭ ، ئۇچالمايغان قۇش. ئالاھىدىلىكى بولسا، بوينى ئۇزۇن، ئەمما پېيى بولمايدۇ. پۇتى ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك بولۇپ، مېڭىشقا ۋە يۈگۈرۈشكە ماسلاشقان. تۆگىقۇش توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، پۇراش ۋە ئاڭلاش سېزىمى ئىنتايىن كۈچلۈك.
تۆگىقۇش كەڭ كەتكەن ئافرىقا يايلاقلىرىدا ياشايدۇ. ئۇ گەرچە قۇش تۈرىگە تەۋە بولسىمۇ، بىراق باشقا قۇشلاردەك قانات قېقىپ ئۇچالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ، ئەك بۇرۇنقى تۆگىقۇشلار ئۇچالايتتى، ئۇلار ئۇززاق مۇددەت بىپايان ئوتلاق رايونىدا ياشاپ، يۇمران ئوت -چۆپلارنى، بەزىدە يەنە كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ۋە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار يەيدىغان بولغاچىقا، ئۇچۇش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولۇپ، قانىتىمۇ چېكىنىپ بارغانچە كىچىكلەپ، ئاستا-ئاستا ئۇچۇش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆگىقۇش بەك چوڭ بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن ئارتۇق، ئىگىزلىكى ئىككى مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئېغىر بەدەن بىلەن ئۇچۇشمۇ تەس. تۆگىقۇش گەرچە ئۇچالمىسىمۇ، لېكىن بويى ئېگىز، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولغاچقا، كۈشەندىسىدىن ناھايىتى تېز قېچىپ قۇتۇلالايدۇ .
تۆگىقۇش گەرچە ئۇچالمىسىمۇ ، لېكىن ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ ، خەتەرگە يۇلۇققاندا ، سائىتىگە 72 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن قاچىدۇ . بۇ سۈرئەت بەيگە ئېتىنىڭكىدىنمۇ تېز .[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.