پۇشتۇلار

پۇشتۇ

پۇشتۇلار  يەنە پاتانلار، ئافغانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار، ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق مىللەت، شۇنداقلا پەنجاپ، سىندى، بەلۇجىلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىكى  تۆت ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى. 

ئۇيغۇرچە نامى پۇشتۇ
ئىنگىلىزچە نامى Pushtuns
تىلى پۇشتۇ تىلى
باشقىچە نامى پارىسچە ئافغان، ھىندىچە پاتان
خەنزۇچە نامى 普什图族
ياشايدىغان رايۇنى پاكىستاننىڭ غەربى، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبى
دىنى ئىسلام دىنى
نوپۇسى 40 مىليۇن (2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇشتۇلار  يەنە پاتانلار، ئافغانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار، ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق مىللەت، شۇنداقلا پەنجاپ، سىندى، بەلۇجىلار بىلەن بىرلىكتە پاكىستاندىكى  تۆت ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى. 

پۇشتۇلار ئافغانىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، 2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ئاھالىسى 40 مىلىيۇندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئافغانىستاننىڭ ھىندىقۇش تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاھالە تەخمىنەن 12 مىليون، ئافغانىستان ئاھالىسىنىڭ %50 نى ئىگىلەيدۇ. پاكىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى غەربى شىمال ئۆلكىسى ۋە ۋازىرىستان قاتارلىق قەبىلە رايونلىرىغا ئولتۇراقلاشقان ئاھالە تەخمىنەن 28 مىليون، پاكىستان ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %16 نى ئىگەللەيدۇ. پۇشتۇلار  تەخمىنەن 60 قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 400 مىڭ، ئىراندا 100 مىڭ، ئەنگىلىيەدە 100 مىڭ،  پۇشتۇ كۆچمەنلىرى ئولتۇراقلاشقان.

 پۇشتۇلار ياۋروپا ئىرقى پامىر تىپىغا تەۋە بولۇپ ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى، ئىران تىللىرى ئائىلىسى شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە پۇشتۇ تىلىنى قوللىنىدۇ، تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر ئېغىر، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ. 1936-يىلى ئافغانىستان پۇشتۇ تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن. 

پۇشتۇلار ساربانرى، پاتان، غەرغەشت، كارلاندىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنۈپ ئاساسەن قەبىلە بويىچە تولپىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئافغانىستان پۇشتۇلىرى ساربانرى ۋە غەرغەشتلەردىن شۇنداقلا پاتانلارنىڭ غىلزاي قەبىلىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ئىچىدىن يەنە قەبىلە ۋە قەبىلىلەر گورۇھىغا ئايرىلغان، قەبىلە باشلىقىنىڭ ئىمتىيازى ئىنتايىن چوڭقۇر. 

پاكىستاندىكى پۇشتۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پاتان ۋە كارلانرى قەبىلىسىگە تەۋە بولۇپ،  بۇ ئىكى قەبىلە ئۆز ئىچىدىن يەنە شىرۋان ، مەرۋات، يۈسۈفزاي، مۇھەممەدزاي،  مەخسۇد، ۋازىر، خاتتاك، ئافرىدى داۋار، زادران  ئون نەچچە ئوتتۇرا قەبىلىگە بۆلۈنۈپ  ئىنتايىن چوڭقۇر قەبىلە تۈزۈلمىسىنى ساقلاپ قالغان.

پۇشتۇلارمۇ ئاسىيادىكى باشقا ئارىيانلارغا ئوخشاش بالقان يېرىم ئارىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن، پۇشتۇلار بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى، تەخمىنەن 9-ئەسردە  سۈنئىي مەزھەپ دىنىي ئەقىدىسى تارقىلىشقا باشلىغان،كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى ئافغانىستاندا ئىسلام خاندانلىقىنى قۇرۇپ ، ئافغانىستاننى كېيىنكى جەنۇبى ئاسىياغا ئىسلام دىنى تارقىتىدىغان مۇھىم باز قىلىپ ئاساس سالدى. 15-ئەسردە ھىرات ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى، ئافغانىستاندىن كەلگەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى ھىندىستانغا بېسىپ كىرىپ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

    1747-يىلى ساربانرىلارنىڭ دۇرانى قەبىلىسىنىڭ ئاتامانى ئەھمەدشاھ دۇرانى دۇرانى پادىشاھلىقىنى قۇرغان ۋە بىرمەزگىل زور بولغان ھەربىي ئىشلار ئېمپىرىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ بۈگۈنكى ئافغانىستانغا ئاساس سالغان. كېيىن دۇرانلار ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

پۇشتۇئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن، پۇشتۇلار بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىغا ئىتىقاد قىلاتتى، تەخمىنەن 9-ئەسردە  سۈنئىي مەزھەپ دىنىي ئەقىدىسى تارقىلىشقا باشلىغان،ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى پۇشتۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىنىڭ ھەنەف فىقھىسىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. پۇشتۇلارنىڭ ئىسلام دىنى ئەقىدىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئىسلام دىنى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ئافغانىستاندا قانۇن چوقۇم ئىسلام دىنى قائىدىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك، پۈتۈن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئىسلام دىنى سوت كوللېگىيىسى قۇرۇلغان، پۇشتۇلار ئارىسىدا كۆپ ساندا دىنىي ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر بار، ئۇلار ئادەتتە ھەم دىن ئىشلىرىغا مەسئۇل ھەم دىنىي سوتنىڭ سوتچىسى ۋە دىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇنىڭدىن سىرت پۈتۈن دۆلەتتىكى 10000دىن ئارتۇق مەسچىدتە مۇلازىمەت قىلىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#