كاجال ئاگاراۋال
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇ كەسپىي ھاياتىنى بوللىۋودتا باشلىغان بولۇپ، 2004-يىلى فىلىم «Kyun! Ho Gaya Na...»دە ئاشۋارىيە راينىڭ سىڭلىسىنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ بىر بوللىۋود فىلىمدىن كېيىنلا كاجال جەنۇبىي ھىندىستان فىلىمچىلىقىغا يۈرۈش قىلغان. 2007-يىلى ئۇ ئىشلىگەن تامىل تىلىدىكى فىلىم «Lakshmi Kalyanam» قويۇلغان، شۇ يىلى ئۇ رول ئالغان فىلىم «Chandamama» زور بېلەت كىرىمى مۇۋەپپەقىيىتى ياراتقان. ئۇ 2009-يىلى رام چاران بىلەن باش رولغان فىلىم «قەھرىمان » (Magadheera) غايەت زور بېلەت كىرىمى يارىتىپ تارىختىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى تېلېگۇ تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن كاجال ئاگاراۋالمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇلۇپ ھەقىقىي كىنو چولپىنىغا ئايلانغان. بۇ فىلىمدىن كېيىن كاجال يەنە بىر تۈركۈم زور سودا كىرىمى ياراتقان تېلېگۇ تىلىدىكى فىلىملەردە رول ئالغان.
كاجال يەنە تامىل تىلىدا فىلىم ئىشلەشكىمۇ قاتناشقان، ئۇ «قېرىنداشلار» (2012)، «قورال» (2012-يىلى )، «رايون» «2014-يىلى ) قاتارلىق فىلىملەر ئارقىلىق تامىل كىنو ساھەسىدىكىمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئايال ئارتىسىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ 2011-يىلى بوللىۋودقا قايتىپ كەلگەن، ئۇ ئاجەي دېۋگان بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «Singham»، ئاكشاي كۇمار بىلەن ئىشلىگەن فىلىم «ئالاھىدە 26» بېلەت كىرىمى مۇۋەپپەقىيىتى ياراتقان.
2015-يىلى كاجال باش رول ئالغان ئۈچ فىلىم قويۇلغان، ئۇ ماخېش بابۇ بىلەن ھەمكارلاشقان چوڭ فىلىم «Brahmotsavam» بۇ يىل 4-ئايدا قويۇلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.