ئانار پوستى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئانار پوستى بولسا ئانار مېۋىسىنى كۈزدە پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئانار دانىلىرىنى ئايرىۋەتكەندىن كېيىنكى قۇرۇتۇلغان پوستىدىن ئىبارەت بولۇپ، «ئانار پوستى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. پوستى خىرومدەك قېلىن، رەڭگى قىزىل ياكى سېرىق رەڭدە، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ .كۈزدە مېۋىسى پىشقاندا، يىغىۋېلىنىپ، ئانار دانىلىرىنى ئايرىۋېتىپ قالغان ئانار پوستى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ.
فارماكولوگىيىلىك تەسىرى
(1) قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە، ئانار پوستى ئىشقارى (Pelletierine) نىڭ قۇرت ئۆلتۈرۈش تەسىرى خېلى كۈچلۈك . (2) باكتېرىيىگە قارشى تەسىرى بار: بەدەن سىرتىدىكى تەجرىبە ئارقىلىق ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتېرىيىسى، خولېرا تاياقچە باكتېرىيىسى، تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى، پاراتىف تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۆزگىرىشچان تاياقچە باكتېرىيىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى ھەمدە سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تورمۇزلاش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭ مۇشۇنداق باكتېرىيىلەرنى تورمۇزلاش رولىنىڭ بولغانلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۇتقان تاننىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش مۇمكىن. (3) قورۇش رولى بار: كۆپ مىقداردىكى تاننىن ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شىللىق پەردە ۋە يارا يۈزى بىلەن تېگىشكەندىن كېيىن ئاقسىلنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش ياكى ئويۇشىنى پەيدا قىلىپ، سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت قوغداش قەۋىتى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يارا يۈزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى يەرلىك ئورۇننىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىنى توسىدۇ.
1. ئاچچىق ئانار پوستى 10 گرام، تاباشىردىن10گرامنى ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ 7 مىللىلىتىر، تۆمۈر داغمال سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىدىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ. 2. ئاقاقىيا، بۇغا مۈڭگۈزى، ئەنجىباھار، ئانار پوستى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىنى10 گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ جاراھەت بار ئورۇنغا سەپسە جاراھەتنى پۈتتۈرىدۇ. 3. ئانار پوستىدىن 100 گرام، فۇفەلدىن 20 گرام ئېلىپ، ئابزەن قىلىپ بەرسە مەقئەت چىقۇقى، ئاق خۇن كۆپىيىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 4. ئانار پوستىدىن 3 گرامنى 9 گرام سەرخىس بىلەن قاينىتىپ ئىچكۈزۈلسە تۆتۈ قۇرتىنى چۈشۈرىدۇ. 1 كلوگرام ئانار پوستىنى 6 گرام تازىلانغان شور بىلەن قاينىتىپ سۈيىگە شېكەر قوشۇپ ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچكۈزۈلسە ئۈچەيدىكى سازاڭسىمان قۇرتنى چۈشۈرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.