مەزى بېزى چوڭىيىپ قېلىش
مەزى بېزى چوڭىيىش 50 ياشتىن ئاشقانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يەنى ياللۇغلىنىش، زەربە تېگىش، خىلىتلار تەڭپۇڭسزلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مەزى بېزى ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ چوڭىيىپ، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۈچەپ سىيىمسە سۈيدۈك چىقىماسلىق، سۈيدۈك تامچىلاپ كېلىش. سۈيدۈك بېسىمى تۆۋەنلەش. سۈيدۈك تولا قىستاش. قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يۇقۇملىنىش ۋە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىپ تولۇق ساقايماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش، سۈيدۈك قىستاش، لېكىن دەرھال سىيمەسلىك، تەدرىجىي ئېغىرلاپ ئارىلاپ سىيىش، ئاخىرقى باسقۇچقا بارغاندا تامچىلاپ سىيىش، دوۋساقنىڭ بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن سۈيدۈك تۇتالماسلىق، ئاخىر بېرىپ تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: جەدۋارچىنى، تۆشۈكسىز مەرۋايىت، ئۇزۇن پىلپىل، ساپ كەھرىۋا تۆت گىرامدىن، قارىمۇچ، زەنجىۋىل، خولىنجان، نېپىز دارچىن، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۇد قىمارى، ئۇدخام، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن سەككىز گىرامدىن، سۆئلەپ، شاقاقۇل، بادرەنجى بۇيا ئۇرۇقى 12 گىرامدىن، زەپەر ئىككى گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: چىلغوزا مېغىزى 90 گىرام، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، رەۋەن، ئىزخىر، ھەببى بىلسان، رۇمبەدىيان، قېلىن دارچىن، زەپەر، دارچىن، تاغ چىڭسىيى ئۇرۇقى، ئاسارۇن، كامادەرىيوس توققۇز گىرامدىن، قۇرۇق پىننە ئىككى گىرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئۈچ ۋاخ، ئالتە گىرامدىن بېرىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.