ئېۋلېر

ئېۋلېر 1707-يىلى تۇغۇلغان. شىۋېتسارىيەلىك ماتېماتىك ۋە فىزىك. ئۇ ئەڭ مول ھوسۇللۇق ئالىم، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ تارقىلىپ، گېئومېترىيىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئەمەلىي قوللىنىشقا ئېرىشكەن. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئېۋلېر
باشقا نامى Leonhard Euler
تۇغۇلغان ۋاقتى 1707-يىلى
كەسپى ماتېماتىك، فىزىك
خەنزۇچە ئىسمى 莱昂哈德·欧拉
دۆلەت تەۋەلىكى شىۋېتسارىيە
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1783-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېۋلېرئېۋلېر شىۋېتسارىيىلىك ماتېماتىك ۋە فىزىك. ئۇ ئەڭ مول ھوسۇللۇق ئالىم، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ تارقىلىپ، گېئومېترىيىنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئەمەلىي قوللىنىشقا ئېرىشكەن. 

ئېۋلېرنىڭ ماتېماتىكا ۋە فىزىكىغا ئائىت ئەسەرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ 32 ئەسىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى كۆپ توملۇق كىتابلاردىن ئىبارەت، ئۇ يەنە ماتېماتىكا ۋە فىزىكىغا ئائىت نەچچە يۈز پارچە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. بارلىق ئەسەرلىرىنى يىغقاندا 70 تومغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ ماتېماتىكىدىكى تالانتى ماتېماتىكىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ. ماتېماتىكا ۋە فىزىكىلىق ئەمەلىي قوللىنىشى جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. 

ئېۋلېرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى نيۇتوننىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى بايقىغان مېخانىكا قانۇنلىرىنى قانداق قىلىپ فىزىكىلىق مەلۇم ساھەسىدە قوللىنىش ئىدى. 

مەسىلەن، ئېۋلېر نيۇتون قانۇنىنى سۇيۇق جىسىملارغا تەتبىق قىلىپ، سۇيۇق جىسىملار مېخانىكىلىق تەڭلىمىسىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ يەنە قاتتىق جىسىملار ھەرىكتى ھەققىدىكى قىسمەن تەڭلىمىلەرنى ئىجاد قىلغان. جىسىملارنىڭ ھەممىسى قاتتىق جىسىم بولمىغانلىقتىن، ئېلاستىكىلىق نەزەرىيىسى ۋە ئېلاستىك جىسىملار نەزەرىيىسىنى ئىجاد قىلىپ، جىسملار سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا قانداق شەكىل ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. 

ئېۋلېر يەنە ئۆز قابىلىيىتىنى ئاسترونومىيىلىك مەسىلىلەرنىڭ ماتېماتىكىلىق ئانالىزىدا ئىشقا سالغان، بولۇپمۇ ئۈچ ئاسمان جىسمى ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇياش، يەر شارى، ئاي شارىنىڭ ھەرىكەت قىلىش جەريانىدىكى ئۆز ئارا تارتىشىش كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 

ئۈچ ئاسمان جىسمى ھەرىكىتى مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنمىغان مەسىلە بولۇپ، 21-ئەسىردە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇلغان. 

ئېۋلېر 18-ئەسىردىكى ئوپتىكا دولقۇن نەزەرىيىسىنى قوللىغان بىردىنبىر ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەت ئۇنىڭ قوللىنىشىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. 

ئېۋلېرنىڭ ماتېماتىكىدىكى بىر قاتار كەشپىياتلىرى نۇرغۇن ماتېماتىكىلارنى مەشھۇر كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان. مەسىلەن، فرانسىيە فىزىكا ئالىمى لاگرانژى ئۇ ئىجاد قىلغان بىر قاتار تەڭلىمىلەر(لاگرانژى تەلىماتلىرى دەپ ئاتىلىدۇ) ناھايىتى مۇھىم نەزەرىيىۋى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، مېخانىكىدىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى تەڭلىمە ئېۋلېرنىڭ قولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، ئادەتتە «ئېۋلېر-لاگرانژى تەڭلىمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. فورىئېر ئىسىملىك يەنە بىر فرانسىيىلىك ماتېماتىك «فورىئېىر ئانالىزى» ناملىق ماتېماتىكىلىق قورالنى ئىجاد قىلغان؛ ئۇ «ئانالىز» دا قوللانغان ئاساسىي تەڭلىمىنىمۇ ئالدى بىلەن ئېۋلېر كەشىپ قىلغان.

ئېۋلېرئېۋلېر ئۆزىنىڭ «چەكسىز كىچىك مىقدارلار ئانالىز ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە ماتېماتىكا ئانالىزدىكى فۇنكىسىيە چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەمدە چەڭسىز كىچىك مىقدار ۋە چەكسىز چوڭ مىقدارنىڭ قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ يېقىنقى زامان ئانالىتىك گېئومېترىيىگە ۋە ترىگونومېترىيىسىگە قوشقان تۆھپىسى ئېۋكلىدنىڭ قەدىمىي زامان گېئومېترىيىسىگە قوشقان تۆھپىسىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇ تۇنجى بولۇپ ترىگونومېترىك فۇنكىسىيىنى سانلىق مىقدارلارنىڭ نىسبەت قىممىتى قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان، ھەمدە ئېۋلېر فورمۇلىسى دەپ ئاتالغان فورمۇلا(e = coso + isino) دىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى كومپلېكس سانلار بىلەن بىرلەشتۈرگەن. ئۇ يەنە مەنپى سانلارنىڭ مەۋھۇم لوگارىفمىسىنى بايقىغان، ھەمدە ھەر بىر كومپلېكس سان چەكسىز كۆپ لوگارىفىما قىممىتىگە ئىگە دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ «دىففېرېنسىئال پرىنسىپى» ۋە «ئىنتېگرال پرىنسىپى» ناملىق كىتابلىرى دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال دەرسلىكىنىڭ نەمۇنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تا بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن، بۇلار نامايەندە خاراكتېرلىك ئەسەرلەر دەپ تەرىپلىنىدۇ. 

ئېۋلېر يەنە ئانالىتىك گېئومېترىيە دەرسلىكىنى يېزىپ، بوشلۇقتىكى گېئومېتريە ۋە تەكشىلىكتىكى گېئومېترىيىنىڭ بىر قانچە نەزەرىيىسىنى ياراتقان. ئۇ توپوگرافىيىگە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ ماتېماتىكىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، بىر نەرسىنىڭ ئىككىنچى بىر نەرسە بىلەن بولغان نىسپىي ئورنىنى كۆرسىتىدۇ(ئارىلىق ۋە ھەجىمنى كۆرسەتمەيدۇ) . بۇ پەن 20-ئەسىردە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى نامايەن قىلغان. 

ئېۋلېرنىڭ ماتېماتىكىلىق بەلگىلەر جەھەتتىكى تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك. ئۇ r چەمبەر تۇراقلىقىغا ۋەكىل قىلىپ، تەقرىبىي قىممىتىنىڭ 7 / 22 بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنداقلا(يىغىندى) ، e (تەبىئىي لوگارىفىما ئاساسى) ، f (فۇنكىسيە) ۋە i (مەۋھۇم سان) قاتارلىق دائىم قوللىنىلىدىغان دائىم قوللىنىلىدىغان ماتېماتىكىلىق بەلگىلەرنى كىرگۈزگەن. 

ئېۋلېر 1707-يىلى شىۋېتسارىيە باردا تۇغۇلغان. 1720-يىلى، 13 يېشىدا بار ئۇنۋېرسىتېتىگە كىرىپ، دەسلەپتە تېئولوگىيە ئۆگەنگەن، ئارقىدىن ماتېماتىكا ئۆگىنىپ 17 يېشىدا ماتېماتىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 20 ياش ۋاقتىدا روسىيە ئايال يېكاتېرىنا Ⅰ نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پېتېربۇرگ پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە بېرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان. ئەمما ئۇ قەيسەر ئىرادە بىلەن داۋاملىق خىزمەت قىلىپ، ئەقىل-پاراسىتىنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

ئېۋلېر تاكى 1783-يىلى پېتېربۇرگدا 76 يېشىدا ۋاپات بولغىچە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك كۆڭۈلدىكىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. شۇ يىلى ئۇ ئالىي ماتېماتىكىغا ئائىت نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. 

ئېۋلېر ئىككى قېتىم نىكاھلىنىپ 13 پەرزەنت كۆرگەن، ئۇلاردىن سەككىزى ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#