جىبران خېلىل جىبران

جىبران خېلىل جىبران

جىبران خېلىل جىبران ئەرەبلەرنىڭ دۇنياغا تونۇلغان نەسرى شېئىر يازغۇچىسى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جىبران خېلىل جىبران
دۆلەت تەۋەلىكى لىۋان
يۇرتى لىۋاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق بشاررى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1931-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 纪伯伦
مىللىتى ئەرەب
تۇغۇلغان ۋاقتى 1882-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى
كەسپى شائىر، رەسسام

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىبران خېلىل جىبرانجىبران 1882-يىلى 4-يانۋار لىۋاننىڭ شىمالى قىسمىغا جايلاشقان كادىشا ۋادىسىكى بەششارە دېگەن يېزىدا خىرىستىئان دىنىنىڭ مالون مەزھىبىگە ئىشىنىدىغان ئەرەب دورىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ئاتىسى زومىگەر قىمارۋاز بولغاچقا ياخشىراق كۈن كۆرۈش مەقسىتىدە 1895-يىلى ئانىسى كامىلەگە ئەگىشىپ ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. 1898-يىلى لىۋانغا قايتىپ كېلىپ ئوتتۇرا مەكتەپنى بېيرۇتتا ئوقۇغان. 1902-يىلى بوستونغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانىسى كامىلەمۇ ۋاپات بولغان. قاتتىق ئازاپلانغان، يات ئەلدە يىگانە قالغان جىبران 1903-يىلى تۇنجى نەسرى شېئىرىنى ئېلان قىلغان. 1908-يىلى دوستى مارى ھاسكېلنىڭ ياردىمى بىلەن فرانسىيەگە كېلىپ ئىككى يىل رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. 1912-يىلىدىن باشلاپ نيۇيوركتا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆز تىلىدا ئېيتقىنىدەك«ئىنجىل، نېتزى ۋە ۋىلىيام بىلەكنىڭ ئىلھامى بىلەن» ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. جىبران خېلىل جىبران1931-يىلى10-ئاپرېل نيۇيوركتىكى دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتۈپ جەسىتى ئۆزىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن لىۋانغا يۆتكەپ كېلىنىپ ئۆزى تۇغۇلغان بەششارە يېزىسى يېنىدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسدە سۈزۈك سۇلىرى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇردىغان دەرياسى بار تاشلىق ئارالغا دەپنە قىلىنغان. يىلنىڭ ھەممىسدە بۇ مەشھۇر ئەدىبنى يوقلاپ كەلگەن زىيارەتچىلەر ئۈزۇلۈپ قالمايدۇ.

جىبراننىڭ ئامېرىكىدىكى ھاياتى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزى نامراتلار ياشايدىغان رايوندا ئولتۇراقلاشقان. ئۆزىنىڭ كىچىك سىڭلىسى ئىنىسىنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغاندا داۋالىتىش ئۈچۈن پۇلى يوق ئاخىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇنىڭ يېقىن دوستى كېيىنچە ئۇنىڭ سۆيگىنى مارى ھاسكال ئۆز قوينىغا ئېلىپ كۆڭۈل بۆلمىگەن بولسا ئۆزىنىڭمۇ رەھىمسىز يول ئارقىلىق دۇنيادىن خوشلىشدىغانلىقنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. جىبران فرانسىيىگە گۈزەل سەنئەت ئۆگۈنۈشكە بېرىشتىن ئىلگىرى يېقىن دوستى ئۇنىڭ سۆيگىنى مارى ھاسكال ئۇنىڭ تالانتىنى ھېس قىلىپ ئەدەبىيات يولىغا باشلاپ سەنئەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنىڭغا تونۇتىدۇ ھەم فرانسىيىگە بېرىپ قايتىپ كېلىشنى تاپىلايدۇ. ئۇ ئوقۇشنى تاماملاپ ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھىرىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇ چاغدىن باشلاپ ئۆزى تۇغۇلغان شەرق بولسۇن ياكى مۇھاجىر بولۇپ ياشىغان غەرب بولسۇن دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتىلىشقا باشلايدۇ. 

جىبراننىڭ ھاياتى ھەممىگە تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئۇنىڭ يېقىن دوستى مارى ھاسكالنىڭ ئەسلىمە خاتىرىلىرىنى ۋاراقلىماي جىبرانغا ئائىت سىرلارنى بىلىپ كېتەلمەيمىز، مارى ھاسكال جىبرانغا ئاخىرقى ھاياتىغا قەدەر ھەمرا بولغان ئۇنى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىردىن بىر ئايالى ئىدى.

جىبران «دانىشمەن» دېگەن نەسىرىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىدا يازغانلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇنىڭغا كۆرسىتەتتى، مارى جىبران ئەسەرلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمەنى، مۇھەررىرى، ئىلھاملاندۇرغۇچىسى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىگۈچىسى ئىدى، جىبران كېسەل ھالىتىدە ياتقاندىمۇ مارى ئۇنى يېزىشقا ئۈندەيتتى، جىبران سالامەتلىگى ياخشى بولمىغان شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ مارىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن قەلەمنى تاشلاپ قويمىغان، ئاتاقلىق تارىخچى ئالىكساندىر ناجار «قامۇستىكى قىياسچىلىك» دېگەن ئەسىرىدە جىبران ئوبرازىنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ «ئۇ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولۇپ روھلار بىلەن ئۈن-تىنسىز مۇڭدىشاتتى روھى جەھەتتىن پاكلىقنى ئىزدەيتتى. پىرسۇناژ ۋەقەلىرىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىر-بىرگە باغلايتتى. جىبراننىڭ بۇ دۇنياسى"دانىشمەن"دېگەن ئۆلمەس ئەسىردە مۇجەسسەملەنگەن » ئىدى.

جىبران خېلىل جىبران ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى لىۋاندىن يىراقتا ياشىغان بولسىمۇ، ئەرەب خەلقى ئەرەب ئەللىرى ئۈچۈن قەلىمى توختاپ قالمىدى. ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە چەتئەل جاھانگىرلىكىنى قامچىلاشنى توختاتمىدى. دىكتاتور مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.

جىبران بىر تالانتلىق يازغۇچى بولۇپلا قالماي، يېتىشكەن رەسسام ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيىچىسى ئىدى. ئۇ ئەرەبلەرنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتى بىر تۈركۈم ئەدىب، تارىخچى، پەيلاسوپ، شائىر، رەسسام، يازغۇچىلارنى يېتىشتۈردى، ئەرەب سەنئىتى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىنى ساقلاپ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماسلىق كېرەك دەپ قارايتتى.

جىبران خېلىل جىبرانمەشھۇر يازغۇچى دانىيال رۇندۇ جىبران خېلىل جىبران ھەققىدە« شەرق شاھزادىسى مەسىھ قوينىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ داۋالاندى» دېسە، ئەرەب خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى ئەدىينۇس «جىبران خېلىل جىبران يەنە بىر قۇياش ئوربىتا سىرتىدا ئايلىنىۋاتقان يۇلتۇز »دەپ باھا بەرگەن. 

جىبران خېلىل جىبران روھ بىلەن جەڭ قىلغۇچى ئىنقىلاۋى شائىر ئىدى، ئۇ ھەر دائىم ئىنجىل ئوقۇيتتى. شېكىسپىر رىۋايەتلىرىنى يادلايتتى، ئەھلى تەسەۋۋۇپ ئېتىقادچىلىردەك سۆزلەيتتى. ئىسلام دىنىغا ئاشىق خىرىستىئان ئىدى. ئۇ دائىم دىنلار ئارا شەرق غەربتىكى ئوخشاشمىغان كۆز قاراش ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا كۆۋرۈكلۈك رولنى ئويناشنى ئۈمىد قىلاتتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/3889.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#