گۈل

گۈل ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

مەيلى قانداقلا گۈل بولسۇن، بىر تال مۇكەممەل گۈل گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گۈل
تەۋەلىكى ئۈسۈملۈكلەر سۇنياسى
خەنزۇچە ئىسمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گۈل ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

مەيلى قانداقلا گۈل بولسۇن، بىر تال مۇكەممەل گۈل گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. 

 گۈل تاجىسى

  بىر تال مۇكەممەل گۈل گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن ۋە شەكىل ئۆزگىرىشلىرى ئەڭ زور بولىدىغىنى گۈل تاجىسىدىن ئىبارەت. مەسلەن قىچا، تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ كرېست شەكىللىك گۈل تاجىسى؛ پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ كېپىنەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئاپتاپپەرەس، جۇخارگۈل قاتارلىقلارنىڭ نەيسىمان(كانايسىمان) گۈل تاجىسى؛ گۈل بوغۇم، زەرۋىچ(زۇلقا) قاتارلىقلارنىڭ كالپۇكسىمان گۈل تاجىسى؛ گۈلەمبىر، تاغ دېنى قاتارلىقلارنىڭ دوخرەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەشقىپىچەك، ئىتياڭىقى(بەڭگى دىۋانە) قاتارلىقلارنىڭ ۋارونكىسىمان(سۇنايسىمان) گۈل تاجىسى ۋە باشقىلار. گۈل تاجىلىرىنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولۇپ، گۈلنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرىنى قوغداش، چاڭلاشتۇرىدىغان ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىش رولىغا ئىگە. 

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن گۈل ئوقىغا ئوخشىمىغان شەكىلدە تىزىلىپ رېتى بويىچە ئېچىلىدۇ، مانا بۇ «گۈل رېتى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ئومۇم گۈل رېتى

 قىچا، قىزىلپېلەك(ۋىستېرىيە پېلىكى) قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىدە تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى گۈل ساپلىرى بولۇپ، ئۇزۇن بىر گۈل ئوقىدا ئۆسىدىغان بولغاچقا، ئومۇم گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ شال، سېرىنگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتىنىڭ سىرتقى شەكلى سەل يۇمىلاقراق كونۇسسىمان بولغاچقا، كونۇسسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛

 كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى

 مېھرىگىياھ، پىياز قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى ئەتراپقا چېچىلىپ جايلاشقان بولۇپ، كېرىلگەن كۈنلۈككە ئوخشايدىغان بولغاچقا، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ 

 باشاقسىمان گۈل رېتى 

پاقا يوپۇرمىقى، تىزماگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ ياكى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، گۈل ئوقىغا زىچ تىزىلىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشاقسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ 

باشسىمان گۈل رېتى

جۇخارگۈل، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى باشسىمان ياكى تەخسە شەكىللىك ئومۇم گۈل تەگلىكىدە توپلىشىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ. 

بەزىلەر 4000 خىلدىن ئارتۇق گۈللەرنىڭ رەڭگىنى ستاتىستىكىلاپ، ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك، سۆسىن، يېشىل، قىزغۇچ سېرىق، قارامتۇل قوڭۇر ۋە قارا رەڭدىن ئىبارەت توققۇز خىل رەڭدىن چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ رەڭگى گۈل تاجى ياپراقچىسى تەركىبىدىكى پىگمېنتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قىزىل، كۆك، سۆسىن گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىنلار بولۇپ، ئۇلار رەڭ ئۆزگەرتىدىغان» سېھىرگەر «لەردۇر. يەنى كىسلاتالىق ماددىلارغا يولۇققاندا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىشقارلىق ماددىلارغا يولۇققاندا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. سېرىق، قىزغۇچ سېرىق گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە كاروتېن بولىدۇ، ئاق رەڭلىك گۈللەردە بولسا پىگمېنت بولمايدۇ. ھەربىر گۈل تەركىبىدىكى پىگمېنتلار بىلەن كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولماسلىقى ھەمدە سۇ، تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق قاتارلىق مۇھىت شارائىتى جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ بولۇشى تۈپەيلىدىن بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى قېنىق، بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى سۇس بولىدۇ.

گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى خۇش پۇراقلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ستاتىستىكىلىشىچە، خۇش پۇراقلىق گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئاق، سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكىلىرى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئاق رەڭلىك گۈللەرنى «خۇش پۇراقلىق گۈللەردىكى ئەڭ» دېيىشكە بولىدىكەن. گۈللەرنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلارنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب، گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە خىمىيە سانائەت زاۋۇتى − ماي ھۈجەيرىلىرى بولغانلىقىدىندۇر. بۇ ھۈجەيرىلەر ئاروماتىك مايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇراقلارنى تارقىتىدۇ. بەزى گۈللەرنىڭ ھۈجەيرىسى تەركىبىدە گلۇكوزىدلار بار بولۇپ، ئۇلار ئېنزىملارنىڭ پارچىلىشى بىلەن ئوخشاشلا خۇش پۇراق تارقىتالايدۇ.

 گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى ئىنسانلار تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈش، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. 

گۈللەرنىڭ چىرايلىق رەڭلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى ۋە ھەسەل بەزلىرى ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ چاڭلاشتۇرۇش، مېۋىلەتكۈزۈش ۋە ئەۋلاد قالدۇرغۇزۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ خىل گۈللەرنى «ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر» دەپ ئاتىشىدۇ.

ئۇلاردىن باشقا يەنە شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، تېرەك ۋە قارىغاي قاتارلىق گۈللىرىدە گۈل تاجىلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى، ھەسەل بەزلىرى بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار پەقەت شامالنىڭ ياردىمى بىلەنلا چاڭلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى «شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر» دەپ ئاتىشىدۇ. 

ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ،مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش ،سوغاتلىق قىلىپ بەخىت تىلەش 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#