كامچاتكا يېرىم ئارىلى
كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى 100 كىلومېتىردىن 450 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 370 مىڭ كۋدرات كىلومېتىر بولۇپ، روسىيىدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ھادىسىلەر مەۋجۇت: ئېگىز تاغ ئۆسۈملۈكلىرى دېڭىز بويلىرىدا ئۆسىدۇ؛ ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى بىلەن يانار تاغلار «تىنچلىقتا بىللە تۇرىدۇ» ؛ رۇخسىگۈل ئارىشاڭ يېنىدىكى قار دۆۋىسىدە ئېچىلىدۇ؛ چايكىلار بېلىق دۈمبىسىدە تۇرۇپ ئەركىن ئوزۇقلىنىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى: يېرىم ئارالدا «ھايۋانلار مازىرى» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ جىلغىسى بار، سەكرىشىپ ئويناپ يۈرگەن نۇرغۇن ھايۋانلار بۇ تاغ جىلغىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ قالىدۇ.
بۇ سىرلىق يېرىم ئارال ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدىكى روسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدۇر. «كامچاتكا» روس تىلىدا «ئىنتايىن يىراق يەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
كامچاتكا يېرىم ئارىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1200 كىلومېتىر، كەڭلىكى100 كىلومېتىردىن 450 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى370 مىڭ كۋدرات كىلومېتىر بولۇپ، روسىيىدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم ئارال ھېسابلىنىدۇ. بۇ يېرىم ئارالنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىگە يېقىن بولغاچقا، قىش پەسلى سوغۇق، ياز پەسلى سالقىن بولىدۇ، ئېگىز تاغلارغا كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇقلار جايلاشقان سوغۇق بىر دۇنيادۇر. بىراق يېرىم ئارالدا يەنە نۇرغۇنلىغان يانار تاغلار بىلەن ئارىشاڭلار بار. پەقەت ھەرىكەتتىكى يانار تاغدىنلا28 ى، ئارىشاڭ ۋە فونتان، بۇلاقتىن نەچچە 1000 ى بار. بەزى ئارىشاڭلارنىڭ سۈيى ئىنتايىن قىزىق بولۇپ، تۇخۇم ۋە ياڭيۇلارنى پىشۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك شارائىتى نۇرغۇن ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
«ھايۋانلار مازىرى» دەپ ئاتالغان جاي كىخپىنىچ يانار تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان، بۇ تاغ جىلغىسىدا ھەر خىل قۇشلار بىلەن تۈلكە، ئېيىق قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرى ۋە سۆڭەكلىرى دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ، ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن چىقارغان: بۇ تاغ جىلغىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تاغ قورشاپ تۇرىدۇ، پەقەت بىرلا تەرىپى سىرت بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تاغ جىلغىسىدا زەھەرلىك ھىدرو سۇلفىد گازى بار بولۇپ، سىرت بىلەن تۇتىشىدىغان يەردىن شامال كىرسە ھىدرو سۇلفىدنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەيدۇ، ھايۋانلارمۇ بۇ جىلغىغا كىرەلەيدۇ؛ شامال توختىشى بىلەنلا ھىدرو سۇلفىدنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى تېز ئېشىپ، ھايۋانلار كەينى-كەينىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.