بەش تاش ئويۇنى

بەش تاش ئويۇنى

بەش تاش ئويۇنى «تاشتەرمەك (چاكوم) ئويۇنى» — ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى بەش تاش ئويۇنى
باشقا نامى تاشتەرمەك ئويۇنى، چاكوم ئويۇنى
خەنزۇچە نامى 五石游戏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەش تاش ئويۇنىبەش تاش ئويۇنى «تاشتەرمەك (چاكوم) ئويۇنى» — ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى. بۇ ئويۇننى ئىككى-ئۈچ قىز سىلىقلىتىلغان بەش دانە شاپتۇل ئۈچكىسى ياكى بەش تاش بىلەن ئوينايدۇ. تاشلارنىڭ بىرى يوغانراق بولۇپ، ئۇ ئانىچۇق، كىچىكرەك تۆتى بالىچۇق بولىدۇ.

بەش تاش ئويۇنىبۇ ئويۇن باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. ئالدىنقى بەش باسقۇچتا تاشلارنى بىر قولىدا سىقىمداپ تۇرۇپ، ئانىچۇقنى بارماقنىڭ ئۇچى بىلەن يۇقىرى ئېتىپ بالىچۇق تاشلارنى يەرگە چاچىدۇ. يۇقىرى ئاتقان ئانىچۇق تاشنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇۋېلىش كېرەك. ئانىچۇق تاش يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ياكى بالىچۇق تاشنى يەردىن ئالغۇچە مىدىرلىتىۋەتسە، ياكى قولغا ئالغان بالىچۇق تاش ئانىچۇق تاشنى تۇتقىچە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئويناش نۆۋىتى باشقىلارغا ئالمىشىدۇ.

ئىككىنچى قېتىم نۆۋىتى كەلگەندە، توختاپ قالغان بىرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇندا ھەر بىر باسقۇچنىڭ ھەرىكەتكە ماسلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان قوشىقى بولىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچتا، بەش تاشنى ئوڭ قولىدا سىقىمداپ تۇرۇپ ئانىچۇق بارماق ئۇچى بىلەن يۇقىرى ئېتىپ تۆت بالىچۇقنى يەرگە چاچىدۇ ۋە ئانىچۇق تاشنى يۇقىرى ئېتىپ، چۈشكىچە بالىچۇق تاشتىن بىرنى يەردىن چىمدىپ ئېلىپ ئانىچۇق تاشنى يەرگە چۈشۈرمەي تۇتۇۋالىدۇ. باشقا تاشلارمۇ مۇشۇنداق ئوينىلىدۇ. بۇنىڭ قوشىقى مۇنداق: چاكۇم تاماكۇم، كىچىلىكى-كېلىنچىكى، كۇمىكى، كۇمۇچىكى. بۆلىكى بىلەزۈكى، ئىككىچنى باسقۇچتا بىرىنچى باسقۇچتەك باشلىنىپ، بالىچۇق تاش ئىككىدىن ئېلىندۇ ۋە بۇ ھەرىكەتكە قوشاق ئېيتىدۇ.

چوڭ ئۈۈم، چولپان ئۈزۈم. چوڭ خاتا قىلغان ئۆزۈم، چوڭ بولاي چوكان بولاي. ياخشى يارغا يار بولاي، ئۈچىنچى باسقۇچتا، يەرىدكى چېچىلغان تاشنى بىرىنچى قېتىم ئۈچنى، ئىككىنچى قېتىم ئاخىرقى بىرنى ئالىدۇ. بۇنىڭ قوشىقى مۇنداق: ئۈچ ئۈزۈم. ئۇچىنى مەن تولدۇرىمەن، ئۇچىنى مەن تولدۇرغۇچى. سىزىپ كېتەر قارا كۆشۈم.

تۆتىنچى باسقۇچتا، بالىچۇق تاشنى يەرگە توپ قويۇپ توپ ئالىدۇ. بۇنىڭ قوشىقى مۇنداق: توك - توك، قوش توك - توك، بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ، باشقىدىن ئويناشقا بولمايدۇ.

بەشىنچى باسقۇچتا، بەش تاشنى بىراقلا چاچىدۇ ۋە ئانىچۇق تاشنى ئايرىۋالىدۇ-دە، ئۇنى يۇقىرى ئاتىدۇ. چۈشكىچە بالىچۇق تاشتىن بىرنى سول قول ئاستىغا كىرگۈزۈۋالىدۇ-دە، ئانىچۇق تاشنى تۇتۇۋالىدۇ. سول قول ئاستىغا بىر تاشنى ئېلىش، باشقا تاشنى مىدىرلاتماسلىق شەرت. قالغان ئۈچ تاشمۇ سول قول ئاستىغا بىر-بىرلەپ كىرگۈزۈلىدۇ.

بۇنىڭ قوشىقى مۇنداق: ھويلا، ھويلا بىر ھويلا، ھويلا ھويلا ئىككى ھويلا، ھويلا، ھويلا ئۈچ ھويلا، ھويلا، ھويلا تۆت ھويلا دەپ تۆت تاشنى يەردىن سالامەت تېرىۋالىدۇ-دە، چىككا-چىككاڭ بىرشە (شەھەر) دەيدۇ. بۇ ئۇتقانلىق-شەھەر ئالغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالتىنچى باسقۇچ ئاياغلىشىدۇ.

تاشتەرمەك ئويۇنى بالىلارنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماستىن، چاققان ۋە پەم - پاراسەتلىك بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#