ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا-ئۇزۇن ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى، «ما ئائىلىسى قوشۇنى» نىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى ۋاڭ جۈنشيا 1994-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپ مۇكاپاتى − ئوۋېنىس مۇكاپاتىنى ئالدى. ئۇ ئوۋېنىس مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان بۇ شەرەپكە ئىگە بولغان تۇنجى ئاسىيالىقتۇر.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى يوللانغان
لاڭ پىڭ 80-يىللاردىكى دۇنيا ئاياللار ۋالىبولىدىكى ئۈچ چوڭ توپكا ئۇرغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ، «تۆمۈر مۇشت» دەپ نام ئالغان. دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسىنىڭ شان-شەرىپىنى قولغا كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە كۆپ قېتىم شەخسىي مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئۇدا ئالتە يىل مەملىكەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى» نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 26-كۈنى يوللانغان
شې جۈن بېيجىڭدىكى بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان خەلقئارا شاھمات چېمپىيونى.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى يوللانغان
گروئوس 1964-يىلى تۇغۇلغان، بالىلىق چاغلىرىنى فېدېراتىپ گېرمانىيە نىڭ «خۇرۇم شەھىرى» ئوففېنباختا ئۆتكۈزگەن. ئۇ يالغۇز بالا بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا بەكلا كۆيۈنەتتى. جىمىغۇر گروئوس سۇ ئۈزۈشنى تاللىغان چېغىدا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ تاللىشىغا قوشۇلىدۇ.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللانغان
جۇڭگو 1928-يىلى 9-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقاندىن بۇيان، زادىلا ئالتۇن مېدال ئېلىپ باقمىغانىدى. 1984-يىلىغا كەلگەندىلا 23-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شۈي خەيفېڭ 566 ھالقىلىق نەتىجە بىلەن ئەرلەرنى...
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللانغان
چېن شاۋشيا 1978-يىلىدىن 1981-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خەلقئارا سۇغا سەكرەش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، «سۇغا سەكرەش ئايال پادىشاھى» دەپ ئاتالغان. ئۇ 1962-يىلى گۇاڭجۇدا تۇغۇلۇپ، 12 يېشىدا ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، تۆت يىلدىن كېيىن دۆلەتلىك كوماندىغا كىرگەن.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى يوللانغان
چېن جىڭكەي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ توققۇز قېتىم ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، جۇڭگو ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدە بىرىنچى قەدەمنى باسقان.ئۇ 1935-يىلى گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭۋەن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان (ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچىلەر ماكانى).
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى يوللانغان
رۇڭ گوتۇەن 1959-يىلى 25-نۆۋەتلىك دۇنيا تىكتاك توپ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ يەككە ئوينىشى بويىچە چېمپىيون بولۇپ، جۇڭگونىڭ تۇنجى دۇنيا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەزىمىتى بولۇپ قالدى.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى يوللانغان
جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئاسىيادىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنىش سەپىرىدە رۇڭ جىخاڭ جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشۇپ، «دۆلەت ماھىرى» نامىغا ئىگە بولغان.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 20-كۈنى يوللانغان
1988-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىسى ياڭ ۋېنيى 24 سېكۇنت 8.9 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن رومىنىيە تەنھەرىكەتچىسى كوستاكېي ساقلاپ كېلىۋاتقان 25 سېكۇنت 8.2 دەقىقىلىق ئاياللارنىڭ 50 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
شەخسلەر »تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر »تەنھەرىكەتچى بۇ يازما 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان