داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە

داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى

داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھيە مىنىستىرلىكى ۋە دۆلەت جۇڭيى دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە س د (2002)206-نۇمۇرلۇق بۇيرۇق بىلەن ئېلان قىلغان، 2002–يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. 


ئۇيغۇرچە نامى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2002-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى
ھۆججەت س د (2002)206-نۇمۇرلۇق بۇيرۇقى
خەنزۇچە نامى 医疗机构病历管理规定
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2002–يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كېسەل تارىخى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ،كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنىڭ چىن ۋە مۇكەممەل بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىدىدە « داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق قانۇن نىزاملارغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا كېسەل تارىخى تېببى خادىملارنىڭ داۋالاش پائالىيتى داۋامىدا شەكىللەنگەن يېزىق ،بەلگە ،رەسىم، شادۇۋگىرافىيە ،كېسىك قاتارلىق ماتىرياللارنىڭ يىغىندىسىنى، جۈملىدىن ئامبولاتۇرىيە (جىددى ئامبولاتۇرىيە)دىكى كېسەل تارىخى ۋە بالنىسادا يېتىش مەزگىلىدىكى كېسەل تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنۇتۇپ ، مەخسۇس تارماق قۇرۇپ ياكى مەخسۇس (قۇشۇمچە) خادىملارنى قۇيۇپ، ئۇنى شۇ ئاپپاراتنىڭ كېسەل تارىخى ۋە كېسەل ماتېرياللىرىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش كېرەك.

4-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل)دىياگىنۇز قۇيۇش كېسەل تارىخى ئارخىپى تۇرغۇزغان بولسا، كېسەل تارىخىنى ساقلاشقا داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇل بۇلىدۇ.داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل)تارىخى ئارخىپى تۇرغۇزمىغان بولسا، كېسەل تارىخىنى ساقلاشقا بىمارلار مەسئۇل بۇلىدۇ.

بالنىستا داۋالىنىش كېسەل تارىخىنى ساقلاشقا داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇل بۇلىدۇ.

5-ماددا داۋالاش ئاپپارتى كېسەل تارىخىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ھەرقانداق كىشىنىڭ كېسەل تارىخىنى ئۆزگەرتىشى، ياسىۋېلىشى، يۇشۇرشى، كۆيدۈرۋىتىشى، بۇلىشى ۋە ئوغۇرلىشىنى قەتئى مەنئى قىلىشى كېرەك.

6-ماددا بىمارلارنى داۋالايدىغان تېببى خادىملار ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپەت نازارەتچىلىك كونتىرول خادىملىرىدىن باشقا ھەر قانداق ئاپپپارات ۋە خادىملار بىمارلارنىڭ كېسەل تارىخىنى ئۆز مەيلىچە كۆرسە بولمايدۇ.

 پەن تەتقىقات ۋە ئۇقۇتۇش سەۋەبىدىن كېسەل تارىخىنى كۈرۈشكە توغرا كەلسە،بىمار كېسەل كۆرسەتكەن داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قۇشۇلغاندىن كېيىن كۈرۈشكە بۇلىدۇ.كۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قايتۇرۇش كېرەك.بىمارلارنىڭ شەخسى مەخپىيىتىنى ئاشكارلاشقا يول قۇيۇلمايدۇ.

7-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل) كېسەل تارىخى ۋە بالنىسادا ياتقان چاغدىكى كېسەل تارىخىغا نۇمۇر قۇيۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل) كېسەل تارىخى ئارخىبىغا بەت قۇيۇش كېرەك.

8-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئامبۇلاتۇرىيە كېسەل تارىخى ئارخىبى ئورناتقان ئارخىبلارنى داۋالاش ئاپپاراتى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ كېسەل بۇلۇمىگە ئاپىرىپ بىرىشى؛بىمارلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ بۈلۈمدە كېسەل كۆرسەتسە، داۋالاش ئاپپارتى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بۈلۈملەرگە ئاپىرىپ بېرىشى كېرەك.

بىمار ھەر قېتىم كېسەل كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىنكى 24سائەت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئامبۇلاتۇرىيە كېسەل تارىخىنى قايتۇرۇۋېلىش كېرەك.

9-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ئامبۇلاتۇرىيە بىمارلىرىنىڭ خىمىيىلىك تەكشۈرۈش تالۇنى(تەكشۈرۈش دوكىلاتى)،تېببىي شادۇۋگرافىيە تەكشۈرۈش ماتېريالى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى 24سائەت ئىچىدە ئامبۇلاتۇرىيە كېسەل تارىخى ئارخىبىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

10-ماددا بىنار بالنىسادا ياتقان مەزگىلدە، بالنىسادا يېتىش مەزگىلىدىكى كېسەل تارىخىنى كېسەل رايۇنى بىر تۇتاش ساقلاشقا مەسئۇل بۇلۇشى كېرەك.

كېسەل رايۇنى بالنىسادا ياتقان بىمارنىڭ خىميىلىك تەكشۈرۈش تالۇنى(تەكشۈرۈش دوكلاتى)، شادۇۋگرافىيەلىكتەكشۈرۈش ماتېريالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن 24سائەت ئىچىدە بالنىسادا كېسەل تارىخى ئارخىبىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

 بالنىسادا ياتقان مەزگىلدىكى كېسەل تارىخىنى ئۇلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن مەخسۇس تارماق ياكى مەخسۇس(قۇشۇمچە) خادىملار بىر تۇتاش ساقلىشى كېرەك.

11-ماددا بالنىسادا ياتقان چاغدىكى كېسەل تارىخىنى داۋالاش پائالىيىتى ياكى كۆپەيتىش قاتارلىق ئىھتىياج تۈپەيلىدىن كېسەل رايۇنىدىن ئاچىقماقچى بولغاندا، مەخسۇس خادىملار ئېلىپ بىرىشكە ۋە ساقلاشقا مەسئۇل بۇلۇشى كېرەك.

12-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ كېسەل تارىخى ماتېريالىنى كۆپەيتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك:

(1) بىمارنىڭ ئۆزى ياكى ۋاكالەتچىسى؛

(2) ئولگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى؛

(3) سۇغۇرتا ئاپپارتى.

13-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەتچىلىك كونتىرول تارمىقى ياكى مەخسۇس(قۇشۇمچە)خادىملار كېسەل تارىخى ماتېريالىنى كۆپەيتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلىشقا مەسئۇل بۇلىدۇ.قۇبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تۆۋەندىكى تەلەپ بۇيچە تۆۋەندىكى ئالاقىدار ماتېرياللارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچى بىمارنىڭ ئۆزى بولسا ئۇنۇملۇك كىملىكىنى بېرىشى كېرەك؛

(2) ئىلتىماس قىلغۇچى بىمارنىڭ ۋاكالەتچىسى بولسا بىمارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىك ئىسپاتى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن بىمار ۋاكالەتچىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق ماتېرياللارنى بېرىش كېرەك.

(3) ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققىنى بولسا، بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات ۋە يېقىن تۇققىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكى ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققىنى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى قانۇنلۇق ئىسپات ماتېريالنى بېرىشى كېرەك؛

(4) ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققىنىنىڭ ۋاكالەتچىسى بولسا، بىمارنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپات، ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققىنى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكى، ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق ماتېريالى، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى بىلەن بولغان ۋاكالەت مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇنلۇق ماتېريالنى بېرىشى كېرەك.

(5) ئىلتىماس قىلغۇچى سۇغۇرتا ئاپپاراتى بولسا،سۇغۇرتا توختىمىنىڭ كۆپەيتىلمىسى،بىجىرگۈچىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكى،بىمار ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى قۇشۇلغان ئىسپات ماتېريالىنى بېرىشى كېرەك؛بىمار ئۆلگەن بولسا سۇغۇرتا توختىمىنىڭ كۆپەيتىلمىسى،بىجىرگۈچىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىك ئىسپاتى، ئۆلگەن بىمارنىڭ يېقىن تۇققانلىرى ياكى ۋاكالەتچىسىنىڭ قۇشۇلغانلىقىغا دائىر قانۇنلۇق ئىسپات ماتېرياللىرىنى بېرىشى كېرەك.توختامدا ياكى قانۇندا باشقا بەلگىلمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

14-ماددا ج خ ئەدىليە ئورگانلىرى دىلو بېجىرىش داۋامىدا كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنى كۈرۈشكە ياكى كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ج خ ئەدىليە ئىسپات ئېلىشقا دائىر قانۇنلۇق ئىسپات ۋە ۋەزىپە ئۈتەشتىكى ئۈنۈملۈك كىملىكىنى چىقارغاندىن كېيىن ماسلىشىشى كېرەك.

15-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تۆۋەندىكى كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنى كۆپەيتىپ بەرسە بۇلىدۇ:

 ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل)كېسەل تارىخى، بالنىستتا يېتىش داۋامىدىكى كېسەل تارىخى ئىچىدىكى بالنىستتا يېتىش خاتىرسى(دوختۇرخانىغا كىرىش خاتىرسى)،تېمپۇراتۇرا ھۆججىتى، دوختۇرنىڭ تاپشۇرقى،خىميىلىك تەكشۈرۈش تالۇنى(تەكشۈرۈش دوكلاتى)،تېببى تەكشۈرۈش ماتېريالى، ئالاھىدە تەكشۈرۈش(داۋالاش)قا قۇشۇلۇش ھۆججىتى، ئوپېراتسىيە قىلىشقا قۇشۇلۇش ھۆججىتى، ئوپېراتسىيە ۋە ناركوز خاتىرسى، پاتولوگىيلىك دوكلات، پەرۋىش خاتىرسى ۋە بالنىسادىن چىقىش خاتىرسى.

16-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنى كۆپەيتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېين تېببى خادىملار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېسەل تارىخى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

17-ماددا داۋالاش ئاپپاراتى كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنى كۆپەيتىش ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپەت نازارەتچىلىك كونتىرول تارمىقى ياكى مەخسۇس(قۇشۇمچە)خادىملار ئامبۇلاتۇرىيە(جىددى كېسەل) كېسەل تارىخى ئارخىبىنى ساقلاشقا مەسئۇل تارماق (خادىم) ياكى كېسەل رايۇنىدا كۆپەيتىلىدىغان كېسەل تارىخى ماتېرياللىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بېكتىلگەن جايغا ئاپىرىپ بېرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالدىدا كۆپەيتىشى كېرەك.

كۆپەيتىلگەن كېسەل تارىخى ماتېريالىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تەكشۈرۈپ خاتا بولمىسا، داۋالاش ئاپپاراتى تامغا بېسىشى كېرەك.

18-ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن كېسەل تارىخى ماتېريالىنى كۆپەيتىپ بىرىدىغانلىرى بەلگىلمە بۇيچە ئىش ھەققى ئالسا بۇلىدۇ.

19-ماددا داۋالاش ھادىسسى تالاش تارتىشى كۆرۈلگەندە، داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپەت نازارەتچىلىك كونتىرول تارمىقى ياكى مەخسۇس (قۇشۇمچە) ۋەزىپىدىكى خادىملار بىمار ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ مۇھاكىمە خاتىرسى، ئاسان ساقايمايدىغان كېسەلنىڭ مۇھاكىمە خاتىرسى، يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش خاتىرسى، كوللىكتىپ تەكشۈرۈش پىكىرى، كېسەللىك جەريانى خاتىرسى قاتارلىقلارنى پېچەتلىشى كېرەك.

پېچەتلەنگەن كېسەللىك تارىخىنى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش تارمىقى ياكى ياكى مەخسۇس (قۇشۇمچە) ۋەزىپىدىكى خادىملار ساقلايدۇ.

پېچەتلەنگەن كېسەللىك تارىخى كۆپەيتمە نۇسخىسى بولسىمۇ بۇلىدۇ.

20-ماددا ئامبۇلاتورىيە (جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى)نىڭ كېسەللىك تارىخىنى ساقلاش ۋاقتى بىمار ئەڭ ئاخىرقى قېتىم داۋالانغان كۈندىن تارتىپ 15 يىلدىن ئاز بولمايدۇ.

21-ماددا كېسەللىك تارىخىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش، كۆپەيتىش مۇشۇ بەلگىلمە بۇيچە بۇلىدۇ.

22-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە سەھيە مىنىستىرلىقى مەسئۇل بۇلىدۇ.

23-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2002–يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#