شارشىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى
شارشىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئالاتاۋ تېغى شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، غەربىي جەنۇب ۋە جەنۇب تەرىپى خارتۈرگ ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، شىمالدا ئالاتاۋ تېغى تاغ ئومۇرتقىسىنى پاسىل قىلغان قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شارشىلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئالاتاۋ تېغى شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، غەربىي جەنۇب ۋە جەنۇب تەرىپى خارتۈرگ ئورمانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، شىمالدا ئالاتاۋ تېغى تاغ ئومۇرتقىسىنى پاسىل قىلغان قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. بۇ يەر ئەسلىدە جۇڭگو، قازاقىستان ئىككى دۆلەتتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايون بۇلۇپ، 1998-يىلى جۇڭگو قازاقىستان چېگرا قوشۇمچە بەلگىلىمىسدە دۆلىتىمىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ ۋەتەن قوينىغا يەنى جۇڭگونىڭ زېمىنىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇزاق مۇددەت تالاش–تارتىش بولۇۋاتقاندا ھەربىي رايونغا تەۋە بولغاچقا، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر پائالىيەت قىلغاچقا، بۇ يەردىكى تەبىئىي بايلىق مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان.
تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى ئىچىدىكى جىلغىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، يەر شەكلى مۇرەككەپ، مۇزلۇق، قارلىق تاغ، ئالپ چىملىقى، تاغ ئورمىنى ئېدىرلىق، چۆللۈك، چۆل - باياۋان، ۋادا، كۆل قاتارلىق يەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 310 مېتىردىن تاكى 3670 مېتىرغىچە ، چۈشۈش پەرقى 3360 مېتىر.
شارشىلى مۇھاپىزەت رايونىدا ياۋايى ھايۋان بايلىقى ئىنتايىن مول. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 179 خىلدىن قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ۋە قۇشلار مۇھاپىزەت رايونى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن 35 خىل، ئاساسلىقى يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، قوڭۇر ئېيىق، سۈلەيسۈن، بۇغا-مارال، ئارقار (چىشىسى)، قارىغۇجا، ئوتلاق بۈركۈتى، ئۇلار، بۈركۈت قاتارلىقلار.
قوغداش رايونىدا يالغۇز ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تەبىئىي تارقالغان رايون. ھەم جۇڭگو شىنجاڭ نىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بولغان قۇشلارنىڭ كۆچۈشى، قىشلايدىغان يەر بىلەن تەمىنلەيدىغان رايون، شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان جانلىقلارنىڭ گېن ئامبىرى بولۇپ قالغان.
قوغداش رايوندىكى قاڭشارلىق بۆكەن (سايگا بۆكىنى) ھەرىكىتى ئەڭ كۆپ تارقالغان رايون، بۇنداق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئىزىنىمۇ ئىزدەپ تاپماق تەس، ئېيتىشلارغا قارىغاندا قازاقىستان دا يەنە تەخمىنەن 200 مىڭچىسى ئوۋلانغان. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى بىئولوگىيە-تۇپراق -قۇملۇق تەتقىقاتچى، چوڭ تىپتىكى ھايۋانلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، گاۋ شىڭيىنىڭ تەشۋىقات قىلىپ دەپ بېرىشىچە سايگا بۆكىنى جۇڭگو-موڭغۇلىيە چېگراسى، جۇڭگو-قازاقىستان چېگرىسى بورتالا ۋادىسىدىكى يايلاقتا ئاز مىقداردا قالدۇقلىرى بار. مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈر توپىنىڭ ئەركىن كۆچۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ ، ئېلىمىزنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان سىنگار بۆكىنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەسلىي ماكانى ھېسابلىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.