ئاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى

ئاياللارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى

ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا: ئاياللار ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا: ئاياللار ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا، ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا ھوقۇقلۇق؛ ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە؛ ئاياللارنىڭ تەنقىد، تەكلىپ بېرىش، ئەرز شىكايەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى باردەپ بەلگىلەنگەنئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى مەكتەپ، ئائىلە، ھۆكۈمەت قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ تەلىم تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەمگەك قانۇنى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىدا ئاياللارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى ئالاھىدە قوغداش بەلگىلەنگەن:

1. ئورۇنلار ئىشچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئاياللارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە تۈزۈشكە بولمايدۇ، 16 ياشقا توشمىغان قىزلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

2. ئەمگەك ھەققى ۋە ماددىي تەمىنات، پاراۋانلىق جەھەتتە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

3. ئاياللار ۋەزىپە، دەرىجە ئۆستۈرۈش، كەسىپ تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلىنىش ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛

4. ئاياللار ھەيز كۆرگەن، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە ئاسرىلىدۇ؛

5. ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلىشى، ھامىلىدار بولۇشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا ئېمىتىشىنى باھانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىگە، ئىشتىن بوشىتىۋېتىشىگە ۋە ئەمگەك توختامى، مۇلازىمەت كېلىشىمىنى بىكار قىلىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛

6. ئورۇنلار ئايال ئىشچى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ئۇلار بىلەن ئەمگەك توختامى، تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزگەندە ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى،پەرزەنت كۆرۈشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنلارنى بەلگىلىمەسلىكى كېرەك؛

7. ئاياللار دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاياللارنىڭ مال مۈلۈك ھوقۇق مەنپەئەتى قوغدىلىدۇ.

8. ئورتاق مال مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛

9. يېزىلاردا يەر ھۆددە ئېلىش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات پايدىسىنى تەقسىملەش، يەر ئېلىش ياكى يەردىن پايدىلىنىش تولۇقلىما ھەققىنى ئىشلىتىش، ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە؛

10. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاياللارنىڭ توي قىلغانلىقى،ئاجراشقانلىقى ۋە ئېرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ھوقۇق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ؛

11. توي قىلغان ياكى ئاجرىشىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك تىجارەت ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ؛

12. ئاياللار مال مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىشتا ئەرلەر بىلەن باراۋەرھوقۇققا ئىگە. ئاياللارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى قوغدىلىدۇ.

13. ئاياللارنى قانۇنسىز نەزەربەند قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېنىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

14. ئاياللارنى خورلاش، تاشلىۋېتىش، ناكارقىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

15. قىز بوۋاقلارنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تاشلىۋېتىش، ناكار قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

16. قىز تۇغقان ئاياللار ۋە تۇغماس ئاياللارنى كەمسىتىش، خورلاش مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

17. ئاياللارغا زورلۇق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛

18. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆرەلمىنىڭ جىنسىنى تەكشۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ؛ 

19. ئاياللارنىڭ نام ئاتاق ھوقۇقى، شان شەرەپ ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى ۋە ئادىمىيلىك ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ياردەم تورى

http://yardam.com/baike/view/87/

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#