ھوللىۋود
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ھوللىۋوددۇنيانىڭ كىنوچىلىق مەركىزى — ھوللىۋود ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز بويىدىكى كالفورنىيە ئشتاتى لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بىر جاي. ھوللوۋودنى ئەسلى مەنزىرە سۈرەت تارتماقچى بولغان فوتوگرافلار بايقىغان، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇ جاي نۇرغۇن فوتوگرافلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
كېيىنچە چوڭ شىركەتلەرنىڭ كونتىروللىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىچىك شىركەتلەر ۋە مۇستەقىل فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ، بىر كىنوچىلىق مەركىزىنى شەكىللەندۈرگەن.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، داۋىد گرايفىس، چارلىس چاپلىن قاتارلىق ئۇستاز سەنئەتكارلار ئامېرىكا كىنوچىلىقىنى دۇنياۋىي نوپۇزغا ئىگە قىلغان، ۋال كوچىسىدىكى پۇلدارلارمۇ كىنوچىلىق ساھەسىگە قول تىقىشقا باشلىغان. ھوللىۋود كىنو شەھىرى بۇنىڭ بىلەن قالتىس گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن. زور مەبلەغ، يۇقىرى تېخنىكا ئاساس قىلىنغان كىنولار ئامېرىكا ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھوللىۋودمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
ھوللىۋودقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ئوخشىمىغان سەۋىيە، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى رېژىسسور، سىنارىست، چولپانلار ۋە ئۈنۈمچىكلار توپلاشقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.