چىلغۇزە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چىلغۇزە بولسا دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ سەنۇبەر ( قارىغاي) ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك مايلىق قارىغاي (Pinus tabulaeformis Carr )، جۇڭگو قىزىل قارىغىيى ( Pirus Massoniana lamb) ۋە يۈننەن قارىغىيىنىڭ (Pinus yunna nesis Franch) ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، مېۋىسى ئۇيغۇر تېبابىتىدە «چىلغۇزە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىىدۇ. رەڭگى قىزغۇچ قوڭۇر، ئىچىدىن ئاق رەڭلىك مېغىزى چىقىدۇ. مېغىزنىڭ نېپىز بىر قەۋەت پوستى بار. تەمى تاتلىق، پۇرىقى سۇس كېلىدۇ. مەملىكىتىزنىڭ لياۋنىڭ، جىلىن، خېبىي، شەندۇڭ، سەنشى، گەنسۇ،ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، چىڭخەي، خېنەن، ئەنخۇي، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خۇنەن، سىچۈەن، گۈيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدىن، ھەمدە چياۋشەن، ئافغانىستان، ياپونىيە قاتارلىق مەملىكەتلەردىن چىقىدۇ.
باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈت مەنى كۆپەيتىش، بەدەننى ۋە ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل پەسەيتىش، بەلغەمنى سۈرۈپ چىقىرىش،بەدەننى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
قېرىلىققا قارشى تۇرۇش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، تىنىچلاندۇرۇش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۈچەينى سىلىقلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.
1. كاناي ياللۇغى، يۆتەل، دەم سىقىش داۋالاش ئۈچۈن، بادام مېغىزىدىن 20 گرام، چىلغۇزىدىن 30 گرام، زۇپادىن 15 گرام، بېھى ئۇرۇقىدىن 10 گرام، پىرسىياۋشاندىن 20 گرام، قەنتتىن 30 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە لوئوق تەييارلاپ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق 10 گرامدىن ئىچسە بولىدۇ.
2. باھنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن، چىلغۇزە مېغىزىدىن 30 گرام، ئاقىرقەرھادىن 10 گرام، كاۋاۋىچىندىن 10 گرام، سۆئلەپتىن 20 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سۇپۇپ تەييارلاپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3. ئاۋازنى ياخشىلاش ئۈچۈن چىلغۇزە مېغىزى بىلەن شېكەرنى بىرلەشتۈرۈپ سوقۇپ ئىچسە بولىدۇ.
لوئوقى چىلغۇزە، لوئوقى سەرپىستان، لوئوقى بادام، لوئوقى خەشخاش.
مېغىزىنىڭ تەركىبىدە %79.9 ياغلىق ماي بولۇپ، ئاساسىي تەركىبى ئولېئىن (oleine)، لىنولئېن linoleine))، پالماتىن (palmatin)، ئاقسىل، كۈل ماددىلىرى، كاربۇن سۇ بىرىكمىلىرى، سېترون، ۋىتامىن، ئانا ئورگانىك تۇز، تۇز، فوسفۇرلۇق ماددا مىكرو ئېلمېنت، تالاش ماددا قاتارلىق تەركىبلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.