ئەڭ دەسلەپكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى باشتا قەدىمكى يۇناننىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ئولىمپىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئولىمپىيە ئىلاھلار توپلاشقان جاي ئىكەن. 

ئەڭ دەسلەپ ئۆتكۈزۈلگەن قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلار تارقىلىپ كەلگەن بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قەدىمكى پىسا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئېينومېنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كىبودامى ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىكەن. باخشىنىڭ بىشارىتى بويىچە، ئەگەر كىبودامى ياتلىق قىلىنسا، ئېينومې ئاسمانغا چىقىپ تەڭرى بىلەن كۆرىشىدىكەن. شۇڭا ئېينومې قىزىنى ئالماقچى بولغان كىشىگە جەڭ ھارۋىسىغا چۈشۈپ ئۆزى بىلەن مۇسابىقىلىشىش تەلىپىنى قويۇپتۇ. ئېينومې ئۇچقاندەك چاپىدىغان ئارغىماققا مىنىپ قوغلايدىكەن، ئەگەر يېتىشىۋالسا نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرىدىكەن. كېيىن پېلوپۇس دېگەن بىر يىگىت ئېينومې بىلەن مۇسابىقىلەشمەكچى بولۇپتۇ. نەتىجىدە، پېلوپۇس غەلىبە قىلىپتۇ. پېلوپۇس ئۆز غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئولىمپىيىدە مۇسابىقە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ. ئەڭ قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەنە شۇ ئىكەن. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق قەھرىمان يىگىت پېلوپۇسنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە يىغىنىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئولىمپىيىدە قەدىمكى 1-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. بۇلار رىۋايەتلەردىن ئىبارەت، ئەلۋەتتە. 

تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ئەڭ قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مىلادىدىن ئىلگىرى 776-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئورنى ئولىمپىيىە بولغان. ئۇ چاغدا مۇسابىقە تۈرى بىرلا تۈر، يەنى 180 مېتىرغا يۈگۈرۈش بولغان. ئۇنىڭدا كروبوس دېئېرىس دېگەن تەنھەرىكەتچى چىمپىيون بولغان. دېمەك ئۇ دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تۇنجى چىمپىيونى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىشىنى مىلادى 394-يىلى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى دىئودور تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانغا قەدەر ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىنگەن. 

قەدىمكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئارىلىقتا خېلى ئۇزاق ئۈزۈلۈپ قالغان. 1888-يىلىغا كەلگەندە، فرانسىيىلىك مائارىپچى بارون پېئىر دىگوبايدان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ پىكرىنى نۇرغۇن كىشىلەر قوللىغان، 1894-يىلى پارىژدا 1-قېتىملىق خەلقئارا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، بۇ يىغىنغا 12 دۆلەتتىن 79 ۋەكىل قاتناشقان. يىغىندا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپى بىر ئېغىزدىن ماقۇللانغان. شۇنىڭ بىلەن يېقىنقى زاماننىڭ ھەقىقىي خەلقئارا كۆلەملىك ئەڭ دەسلەپكى زاماننىڭ تەنھەرىكەت يىغىنى 1896-يىلى 6-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە گرېتسىيىنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىنغا 13 دۆلەتتىن 285 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يىنىك ئاتلىتكا، گىمناستىكا، قىلىچۋازلىق، ئوق ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، كېمە ھەيدەش، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ۋېلىسپىت، چەۋەندازلىق، تور توپ قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان. 

بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى كىشىلەرنى راسا قىزىقتۇرغان. ئافىنانى ئالساق، شۇ چاغدا ئافىنادا ئاران 126 مىڭ ئاھالە بار ئىكەن، مۇسابىقىنى كۆرگۈچىلەر 70 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ، ئەينى زاماندا دۇنيادا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش بولغان. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#