مارسېل

فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھەم چوڭ پورتى. شۇڭا بۇ شەھەر مارسېل-رۇنا قانىلى ئارقىلىق رۇنا دەرياسىغا، رۇنا دەرياسىدىن گارونىنا دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللار ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بېسكەي قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ.

نامى مارسېل
دۆلىتى فرانسىيە
نوپۇسى 1,623,720 (2008-يىلى)
مەمۇرىي رايون تۈرى شەھەر
خەنزۇچە نامى 马赛
يەر مەيدانى 240.62 كۋادرات كىلومېتىر
چەتئەلچە نامى Marseille
جۇغراپىيىلىك ئورنى فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مارسېلفرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھەم چوڭ پورتى. شۇڭا بۇ شەھەر مارسېل-رۇنا قانىلى ئارقىلىق رۇنا دەرياسىغا، رۇنا دەرياسىدىن گارونىنا دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇلغان قاناللار ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ بېسكەي قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ. رۇنا دەرياسىغا تۇتاشتۇرۇلغان قانال ئارقىلىق شىمالدىكى گېرمانىيە، گوللاندىيە، بېلگىيىلەر بىلەنمۇ باغلىنىپ تۇرىدۇ.

 مارسېلنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ فرانسىيە بويىچە مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى. شەھەردە نېفىت ئايرىش، كېمىسازلىق، ماشىنىسازلىق، نېفىت خىمىيە، يېمەك-ئىچمەك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار.

مارسېل يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر يېنىدىكى فوس قولتۇقى يېنىدا چوڭ تىپتىكى پولات زاۋۇتى قۇرۇلدى. مارسېل پورتى ئارقىلىق نېفىت، تەبىئىي گاز، ئىمپورت قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن فرانسىيە بويىچە شۇ خىل مەھسۇلاتلار ئومۇمىي ئىمپورتنىڭ 2/3 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇلاردىن باشقا مايلىق دان، كوفى، پاختا، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىمپورت قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسى بىر مىليون 161 مىڭدىن ئاشىدۇ(1980) ، شەھەردە ئاتاقلىق ساياھەت ئورۇنلىرى، كۆپلىگەن ھەيۋەتلىك چېركاۋلار، مۇزېيخانىلار، ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار. مارسېل شەھىرىدىكى يەر ئاستى تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 9 كېلىدۇ. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#