ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆلچەش - سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش چارىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 124-نومۇرلۇق پەرمانى«ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش چارىسى» 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 22-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىنغان.


نامى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش چارىسى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-ماددا ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆلچەش-سىزىش كەسپىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزاملارغا ئاساسەن، شەھىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ چارە تۈزۈلدى.

2-ماددا شەھىرىمىزنىڭ مەمۇرىي رايون دائىرىسى ئىچىدە ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى (ھەربىي ئىشلارنىڭ ئۆلچەش-سىزىش بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

3-ماددا شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھىرىمىزنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. شەھەر ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە تەسىس قىلغان ئاپپاراتلار بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە ئالاقىدار ئۆلچەش-سىزىش جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ناھىيە ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

ئىقتىساد-ئۇچۇر، تەرەققىيات-ئىسلاھات، شەھەر، يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش، مالىيە، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى، ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى لازىم.

4-ماددا شەھەر، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش ۋە ئۆلچەش بەلگىلىرىنى ئاسراش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش خىراجەتلىرىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

5-ماددا ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەش-سىزىش مىزانى ۋە ئۆلچەش-سىزىش سىستېمىسىنى قوللىنىش ياكى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان شەھىرىمىزنىڭ نىسبىي مۇستەقىل تەكشى كوردىنات سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ھەمدە دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەش-سىزىش تېخنىكىلىق قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىش لازىم.

6-ماددا شەھەر، ناھىيەنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش پىلانى ۋە ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش پىلانىنى تۈزۈپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىشى ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە قانۇن بويىچە ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن، يولغا قويۇشقا تەشكىللىشى لازىم.

ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزگەندە ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر كەسپىگە چېتىلسا، شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىشى لازىم.

7-ماددا شەھەر، ناھىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆز رايونىنىڭ ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش پىلانىغا ئاساسەن، ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىشنىڭ يىلىلىق پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماقنىڭ ئەنگە ئېلىشىغا يوللىشى لازىم.

8-ماددا شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مۇناسىپ ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش كاپالەت مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىن تەدبىرىنىڭ مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىسى ۋە جابدۇقلىرىنى سەپلەش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇش، ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنىڭ جىددىي ئەھۋالىنى ئۆلچەش-تۈزۈش ۋە يېڭىلاش.

9-ماددا شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تۆۋەندىكى ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ:

1) تەكشىلىكتىكى كونترول تورى، ئېگىزلىكتىكى كونترول تورى ۋە بوشلۇقتىكى ئورۇن بەلگىلەش تورىنى قۇرۇش ۋە قايتا ئۆلچەش؛

2) مەمۇرىي رايون دائىرىسى ئىچىدىكى 1:2000، 1:1000 بىلەن 1:500 ئاساسىي نىسبەتلىك يەر شەكلى خەرىتىسى، تەسۋىرلىك خەرىتىسى، رەقەملەشكەن مەھسۇلاتلارنى ئۆلچەش ۋە مۇناسىپ ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى توپلاش ۋە يېڭىلاش؛

3) ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە يېڭىلاش؛

4) ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ خەرىتىسىنى تۈزۈش؛

5) شۇ دەرىجىلىك مالىيە ئۈستىگە ئالغان ئايروفوتوگرافىيە بىلەن تېلېتېخنىكىلىق ئۆلچەش-سىزىش؛

6) ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن باشقا ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرى.

10-ماددا شەھىرىمىزدە ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىلىرىنى قەرەللىك يېڭىلاش تۈزۈمى تۇرغۇزۇلىدۇ.

تەكشىلىكتىكى كونترول تورى، ئېگىزلىكتىكى كونترول تورى ۋە بوشلۇقتىكى ئورۇن بەلگىلەش تورىنى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئاسراش ۋە يېڭىلاش؛ 1:1000 بىلەن 1:500 نىسبەتتىكى يەر شەكلى خەرىتىسىنى يېڭىلاش دەۋرى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، شەھەر پىلانلاش  قۇرۇلۇشى ۋە زور قۇرۇلۇشلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا يېڭىلىشى لازىم.

11-ماددا شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇشى، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە مالىيە مەبلىغىنى ئىشلەتكەن ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرى ۋە مالىيە مەبلىغىنى ئىشلەتكەن قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرى ئىشلەپچىقارغان ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتنى ۋاقتىدا يېڭىلىشى ھەمدە جۇغراپىيەلىك بوشلۇق رامكىسىنىڭ ئاساسىي سۇپىسىدا ئېلان قىلىشى لازىم.

12-ماددا مالىيە مەبلىغى سېلىنمىسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرغا چېتىشلىق ئالاقىدار كەسپىي ئۇچۇر سىستېمىسى شەھىرىمىزنىڭ ئاساسىي جۇغراپىيەلىك بوشلۇق رامكىسىنى ئاساسىي سۇپا قىلىشى ياكى ئۇنىڭغا جىپسىلاشتۇرۇلۇشى، بايلىق مەنبەسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.

باشقا جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسىنى قۇرغاندا، شەھىرىمىزنىڭ بىرتۇتاش بولغان ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى قوللىنىش لازىم.

13-ماددا شەھەر، ناھىيەنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرنى تايانچ قىلىپ، ئۆز رايون تەۋەسىدە جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەپ، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، شەھەر، يېزا پىلانىنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى جۇغراپىيەلىك دۆلەت ئەھۋالى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقا ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قوللىشى ۋە ماسلىشىشى لازىم.

14-ماددا ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار، قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى، سالاھىيەت كىنىشكىسىدا بېكىتىلگەن كەسپىي دائىرىسى ۋە مەشغۇلات چېكى بويىچە ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى دۆلەت بەلگىلىگەن كەسپىي سالاھىيەت شەرتىنى ھازىرلىشى لازىم. ئۆلچەش-سىزىش خادىملىرى  ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، دۆلەت بىر تۇتاش تارقاتقان ئۆلچەش-سىزىش مەشغۇلات كىنىشكىسى بولۇشى لازىم.

15-ماددا ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرى ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۇلار تاماملىغان ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى لازىم.

شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم.

16-ماددا چېگرا سىرتىدىكى تەشكىلات ياكى شەخسلەر تەستىق بىلەن شەھىرىمىزگە كېلىپ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، تۈر باشلىنىشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرى، شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا بېرىپ دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەستىقىي ھۆججىتىنى تەكشۈرتۈشى لازىم.

17-ماددا شەھىرىمىز ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرىغا قارىتا، ئىناۋەتلىك ئۇچۇر ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قەرەللىك ھالدا جەمئىيەتكە ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلايدۇ:

 1) ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيەت دەرىجىسى؛

 2) كەسپىي دائىرىسى؛

 3) ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى سۈپەت ئەھۋالى؛

 4) ئۆلچەش-سىزىش خادىملىرىنىڭ كەسپىي سالاھىيەت ئەھۋالى؛

 5) ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزام ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار؛

 6) باشقا ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر ئىشلار.

18-ماددا ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرىگە ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرىنى بېكىتىشتە قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش شەكلى قوللىنىلىدۇ.

دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق ئالاھىدە ئەھۋاللارغا قارىتا، خېرىدار چاقىرىشقا ماس كەلمەيدىغان ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرىگە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە خېرىدار چاقىرمىسىمۇ بولىدۇ.

19-ماددا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىدە قانۇن بويىچە ھەقسىز تاپشۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تاپشۇرۇش تەرتىپى ۋە ئۇسۇلى دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىدە قوشۇمچە نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش؛ باشقا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىدە مۇندەرىجىسىنى تاپشۇرۇش لازىم.

20-ماددا شەھەرنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى جامائەت نۇسخىدىكى ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى پىششىقلاش ۋە تۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىشى ھەمدە جامائەت نۇسخىدىكى ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

21-ماددا مالىيە مەبلىغىنى ئىشلەتكەن ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرى ۋە مالىيە مەبلىغىنى ئىشلەتكەن قۇرۇلۇش ئۆلچەش-سىزىش تۈرلىرىگە قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار تۈر تۇرغۇزۇشنى تەستىقلىتىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەسئۇل تارمىقىنىڭ يازمىچە  پىكرىنى ئېلىشى لازىم. ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، تەكرار ئۆلچەش-سىزىشتىن ساقلىنىش لازىم.

22-ماددا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلىتىش ۋە ساقلاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى ۋە ماتېرىيالىنى ئارخىپتا ساقلاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى باشقۇرۇشتا زامانىۋى تېخنىكىنى تەتبىق قىلىشى، ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

شەھەر، ناھىيەنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە چېتىشلىق باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم.

 23-ماددا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ھەقلىق  ئىشلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ:

1) ئاساسىي ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى ۋە مالىيە سېلىنمىسى بىلەن تاماملانغان باشقا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىرىغا ھەقسىز ئىشلىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ؛

2) ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەربىي قىسىملار، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جامائەت مەنپەئەتىگە ئېھتىياجلىق بولغانلىرى ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ.

24-ماددا ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى ساقلىغۇچى ئورۇنلار ۋە ھوقۇق ئىگىسى قانۇن بويىچە ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى ۋە ئىشلىتىشكە تەمىنلىشى؛ نىسبىي مۇستەقىل بولغان تەكشى كوردىنات سىستېمىسى نەتىجىسىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش-سىزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئورۇننىڭ ئىشلىتىشىگە تەمىنلىشى لازىم.

25-ماددا شەھەر، ناھىيەنىڭ ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۆلچەش بەلگىسى ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆلچەش بەلگىسىنى تەكشۈرۈش، ئاسراش خىزمىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇشى لازىم.

26-ماددا ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرى بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى  قىلمىشلاردىن بىرنى سادىر قىلسا، قانۇنسىز قىلمىشى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ. قانۇنسىز تاپاۋىتى ۋە ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئۆلچەش-سىزىش توختامىدا شەرتلەشكەن ھەقنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش ياكى سالاھىيەت دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرلىرىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيەت كىنىشكىسى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

1) سالاھىيەت دەرىجىسى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۆلچەش-سىزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

2) باشقا ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرىنىڭ نامىدا ئۆلچەش-سىزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار؛

3) باشقا ئورۇنلارنى ئۆز ئورنىنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۆلچەش-سىزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا رۇخسەت قىلغانلار.

27-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان، ئۆلچەش-سىزىش نەتىجىسى لاياقەتسىز بولغان ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرى ئۆلچەش-سىزىشنى تولۇقلاش ياكى قايتىدىن ئۆلچەپ-سىزىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرلىرى ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، سالاھىيەت دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ھەتتا ئۆلچەش-سىزىش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ ئابۇنىچىلارغا زىيان كەلتۈرگەنلىرى تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

28-ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان، جازا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان باشقا قىلمىشلار ئالاقىدار قانۇن، قائىدە-نىزام ۋە بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

29-ماددا ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەر ئۆلچەش-سىزىش، جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر باشقۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، نەپسانىيەتچىلىك قىلسا بىۋاسىتە مەسئۇل مەمۇرىي خادىمغا ياكى باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

30-ماددا بۇ چارە 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#