شەن شەن كەلدى

شەنشەن كەلدى ، — يازغۇچى گۇ مەننىڭ «شەنشەن كەلدى » ناملىق  ھېكايىسىدىن ئۆزگەرتىپ سىنارىيىلەشتۈرۈلگەن ھازىرقى زامان شەھەر ياشلىرى تېما قىلىنغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى .، بۇنى جۇكۇ تارقاتقان ، تەيۋەنلىك رېژىسسور لۇجۈجې رېژىسسورلۇق قىلغان ، جاڭ خەن ، جاۋ لىيىڭ ، خۇاڭ مىڭ ، لى يۈەن ،جاڭ ياڭگو،بەي كىلى قاتارلىقلارئاساسلىق رول ئالغان . 

ئۇيغۇرچە نامى شەن شەن كەلدى
باش رولچى جاڭ خەن ، جاۋ لىيىڭ
باشقا نامى 杉杉来吃
ئىشلەنگەن ۋاقتى 2014-يىلى
ئىشلىگەن شىركەت شاڭخەي جۇكۇ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 杉杉来了
تۈرى سۆيگۈ، مەبۇد
قىسىم سانى 34
قويۇلغان ۋاقتى 2014.7.8
دىئالوگ تىلى خەنزۇچە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى پۈككەن، تىرىشچانلىقىغا ئارقىلىق چوڭ  ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئويلايدىغان ،  ئاق كۆڭۈل ،ساددا شەنشەن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپى سەۋەبىدىن فىڭ تىڭ شىركىتىگە كىرىدۇ. ھەمدە شەنشەن ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالماي  ئۇدا كۈرەش قىلىدۇ !قان تىپى سەۋەبلىك فېڭ تېڭنىڭ سىڭلىسىغا قان بېرىدۇ ھەم  كۈندە فېڭ تېڭ ئەتكۈزگەن جىگەر سېلىنغان تاماقلارنى يېيىش شەرىپىگەئېرىشىدۇ  ، ئاستا ئاستا شەن شەن  لېدىرنىڭ مەخسۇس كۆكتات  تاللايدىغان خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپ قالدۇ...

 

فېڭ تېڭ  

جاڭ خەن رولدا

فىڭ تىڭ

ئۇ سوغۇق قان ، ئەتراپلىق ئويلايدىغان ، ھەتتا ئازراق قاتمال دەپ ئويلىسىمۇ بولىدىغان خاراكتېرگە ئىگە . بۇ چوڭ خوجايىن ئاجايىپ -غارايىپ خىياللار قاتلىمىغا كىرىپ كەتكەن كىچىك ھاماقەت شۆ شەنشەن بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭ تولىمۇ ئوماقلىقىنى ،ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدىغانلىقىنى بايقايدۇ . شەنشەن بىلەن چىقىشىش جەريانىدائۇنىڭ ئادەم بوزەك قىلىشقا ئامراق ، ھىيلىگەر ،قۇۋلىقىدىن ئىبارەت  ماھىيەتلىرى  بارا - بارا ئاشكارلىنىشقا باشلايدۇ  ، ئەلۋەتتە« مۇز تاغ » ئېرىگەن كۈنلەرنىڭ  لەززىتى چەكسىز . . . . .

شۆ شەنشەن

 جاۋ لىيىڭ رولدا

شەنشەن

ئۇ تولىمۇ ئەمەلىيەتچىل ، ھەققانىيەت تۇيغۇسى توشۇپ تۇرىدۇ  ، قانتىپى ئاز ئۇچرايدىغان  RH مەنپىي قان . ھەمىشە « شەنشەن بىر كىچىك قۇياش ، پۈتۈن بەدىنى ئاكتىپ ئېنېرگىيە »دىگەن ناخشا ئارقىلىق  ئۆزىگەمەدەت بېرىدۇ  . چوڭ غوجايىنىڭ قىينىشى ئاستىدا بوش كەلمەيدۇ.

 ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بېكىتىلىشى يېقىشلىق ، زامانىۋى شەھەرلەردىكى ئاق ياقىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا يىقىن .تىپىك ۋەقەلىكلەر بار ،باش پېرسۇناژلار تولىمۇ كېلىشكەن ھەم چىرايلىق ، ئوبراز لاھىيىسىمۇ زامانغا باققان ، ياشلارغا ياقىدىغان سەھنە تېكسىتى ، كۆرۈرمەنلەرگە ئىللىق ،  چۈشتەك  سېزىم بېرىدۇ .گەرچە تىياتىر ۋەقەلىكىدە بەك كۆپ يېڭىلىق بولمىسىمۇ ، لېكىن ھازىر ئالقىشلىنىۋاتقان تىياتىرلارغا نىسبەتەن خېلى ياخشى سۈرەتكە  ئېلىنغان ھېسابلىنىپ ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قانائىتىدىن چىقالىغان . بۇ فىلىم جەمئىي 34قىسىم ، لېكىن فىلىمنىڭ كۆپتىن يېرىمىدا« ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىش » ئىپادىلەنگەن . 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#