ئاشقازان ياللۇغى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاشقازان ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، زەھەرلىنىش ياكى يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كۆپىنچە تاماقنى كۆڭلى تارتماسلىق، تاماق يېسە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازان ئاغرىش، بەزىدە بەلغەمدەك، بەزىدە ياغدەك، بەزىدە قان ئارىلاش شىلىمشىق ماددىلارنى ياندۇرۇش، ئاشقازان ئۇدۇلى كۆيۈپ قالغاندەك سېزىم بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ھەزىم قىلىش بۇزۇلۇپ، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: سەبرە سۇقۇترى 64 گرام، قارىمۇچ 48 گرام، تەنكار سەككىز گرام، ئاق بەزرۇلبەنجى 10 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ناشتىدا ئۈچ تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ(بالىلار ۋە بۇۋاقلارغا ئازايتىلىدۇ) .
2-رېتسېپ
تەركىبى: چىلان 20 تال، ياڭاق مېغىزى مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق شېكەر 200 گرام، قارا شېكەر 200 گرام، ھەسەل 100 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: چىلاننى كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرۈلگەن چىلان ئېتى بىلەن ياڭاقنى قورۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، شېكەر، ھەسەللەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: قارىمۇچ، ئاقمۇچ، ئاق بەزرۇلبەنجى 80 گرامدىن، ئەپيۈن 40 گرام، زەپەر 20 گرام، سۇمبۇل، ئاقىرقەرھا، پەرپىيۇن، لىسانىل ئاساپىر تۆت گرامدىن، ھەسەل 900 گرام.
ئاشقازان ياللۇغىتەييارلاش ئۇسۇلى: زەپەر بىلەن ئەپيۈندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل سوۋۇغاندىن كېيىن زەپەرنى سېلىپ، ئارقىدىن ئەپيۈننى سېلىپ، كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. زەپەر بىلەن ئەپيۈن ئايرىم سوقۇلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 3.0 ~ 5.0 گرام ئىستېمال قىلىنىدۇ(10 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا بولمايدۇ) .
داۋالاش ئۇسۇلى
1) ئارپىبەدىيان، رۇمبەدىيان، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، چىڭسەي ئۇرۇقى، چىڭسەي يىلتىزى، گاۋزىبان، ئۈسىقۇددۇس، بادرەنجىبۇيا، پەمىدۇر، قوغۇن ئۇرۇقى،، كاسىنە ئۇرۇقى، جۇۋىنە، ئېگىر، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ، 2 لىتىر سۇ بىلەن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، 1لىتىر قالغاندا ئوتنى توختىتىپ، سېرىق ئوت رەۋەنلەردىن ئازراق سېلىپ، يېرىم سائەت دۈملىگەندىن كېيىن سۈزۈۋېلىپ، 150 گىرام شېكەر سېلىپ، كۈنىگە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىمېتىردىن تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشكە بېرىلىدۇ. بۇ قايناتما 2-3 قېتىم بېرىلسە بىر نەچچە يىل داۋاملاشقان ئاشقازان ياللۇغى ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاشقازان ياللۇغى 2) بىمار ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ. ئاسان سېڭىدىغان، قۇۋۋەتلىك غىزالاردىن توخۇ شورپىسى، قىيمىلىق شورپا، تۇخۇم شورپىسى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. ھوردا پىشقان تاماقلار چەكلىنىدۇ. نېپىز ياققان ھەمەك نان يېيىش بۇيرۇلىدۇ. تامىقىغا دارچىن، پىلپىل، زىرە قاتارلىقلار سېلىنىدۇ.
3) خولىنجان، پىلپىل، زەنجىۋىل، دارچىن، قەلەمپۇر قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلاردىن باراۋەر مىقداردا ئىلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تۇخۇم سېرىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەيدە سىرتىدىن چېپىش ياكى سوقۇلغان دورىلارنى نېپىز خالتىغا ئېلىپ مەيدە سىرتىدىن تېڭىپ تەسىر قىلدۇرۇش بۇيرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى .
http:// دىن بhttp://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=40&id=254اشلانسۇن
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.