لوكخېد مارتىن شىركىتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
لوكخېد مارتىن شىركىتىلوكخېد مارتىن شىركىتى، تولۇق نامى لوكخېد مارتىن بوشلۇق سىستېمىسى شىركىتى (ئىنگىلىزچە نامى: Martin Space Company)، دەسلەپكى نامى لوكخېد شىركىتى، 1912-يىلى قۇرۇلغان ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى كارخانىسى. بۇ شىركەت 1995-يىلى مارتىن مارىئېتتا شىركىتى بىلەن قوشۇلۇپ نامى لوكخېد مارتىن شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن. لوكخېد مارتىن شىركىتى تىجارەت سوممىسى جەھەتتە پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھۆددىگىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 2005-يىلىغا قەدەر لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ تىجارەت سوممىسىنىڭ %95 ى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن، قالغانلىرى بولسا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاپپاراتلىرى ۋە چەت ئەل ھەربىي تارماقلىرىدىن كەلگەن.
لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بېتېسدا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ بىر يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە ئالەم بوشلۇقى شىركىتى، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 97 مىڭ نەپەر خىزمەتچىسى بار، ئاساسلىقى ئىلغار تېخنىكا سىستېمىسىغا تەۋە مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت، لايىھە، ئېچىش، ياسىمىچىلىق، توپلاشتۇرۇش ۋە قوغداش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
پۈتۈن يەرشارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاۋىياتسىيە ئالەم بوشلۇقى تېخنېكىسى شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ كۆپ قىسىم كەسىپلىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاپپاراتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ شىركەت يەنە ئامېرىكا قوراللىق قىسىمنىڭ بەش تارمىقى ۋە 40 دۆلەتتىكى ھەربىي مۇلازىمەت ۋە سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى ھەربىيچە ۋە ئايلانما قاناتلىق ئايروپىلان تەمىنلەيدۇ.
لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ تىجارەت ئاپپاراتلىرى ناھايىتى كەڭ كەسىپ دائىرىسىنى تەشكىللەپ چىققان.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىباشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى، 2016-يىللىق سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 6 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۈملىدىن تېرمىنال يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدىكى مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بولسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پىلان.
روتور (پىرقىرىما قانات) ۋە ۋەزىپە سىستېمىسى شىركىتى
روتور (پىرقىرىما قانات) ۋە ۋەزىپە سىستېمىسى شىركىتىروتور (پىرقىرىما قانات) ۋە ۋەزىپە سىستېمىسى شىركىتى، 2016-يىللىق سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 13 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، بۇ تارماق ھەربىي ۋە سودىدا ئىشلىتىلىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان، دېڭىز ئارمىيە سىستېمىسى، سۇپا توپلاشتۇرۇش، تەقلىد قىلىش ۋە تەربىيەلەش شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە پىلانى كەسپىي لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسى شىركىتى
ئالەم بوشلۇقى سىستېمىسى شىركىتى، 2016 ـ يىللىق سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 9 مىليارد 400 مىليون دوللىرى بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقۇ قويۇپ بېرىش، سودا سۈنئىي ھەمراھى، ھۆكۈمەت سۈنئىي ھەمراھى ۋە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كەسپىي لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىدىن، كۈچ ئىلاھى C-130 ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى، لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ C-5 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى، C-141 تىپلىق توشۇغۇچى يۇلتۇز ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىك رېئاكتىپ تىرانسپورت ئايروپىلانى، سامانيولى C 5 تىپلىق ئېغىر تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى قاتارلىقلار بار.
كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىدىن، F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى، چۇغۇندەك ناملىق F-117 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان، F-22 يىرتقۇچ قۇش ناملىق كۈرەشچى ئايروپىلان، 35 F-كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى، P38 چاقماق شەكىللىك كۈرەشچى ئايروپىلانى قاتارلىقلار بار.
راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەھسۇلاتلىرىدىن، ئاسمان ئىلاھى، كۈچ ئىلاھى، سۈنئىي ھەمراھ، DSCS-3، A2100، مارتىن مارىئېتتا 3000، مارتىن مارىئېتتا 4000، مارتىن 8000 مارىئېتتا، مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى، ھەربىي تەكشۈرۈش ئايروپىلانى، A-12/SR-71 تىپلىق قارا قۇش رازۋېدكا ئايروپىلانى قاتارلىقلار بار.
يۇمشاق دېتال
يۇمشاق دېتاللوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ ھەر يىلى تۈزىدىغان يۇمشاق دېتال كود سانى ھەتتا مىكروسوفت شىركىتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىكروسوفت شىركىتى بىلەن لوكخېد مارتىن شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مۇداپىئە تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىدۇ، مەسىلەن: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد يادرو ئاۋىئاماتكىسىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى سىستېمىسى قاتارلىقلار، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە ياردەملىشىپ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مەلۇم چوڭ تىپتىكى بوشلۇق قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ تېخنىكا مۇلازىمىتى بازىرىنى ئورتاق ئېچىپ تەڭ پايدىلىنىدۇ.
سېسىق كۈزەن زاۋۇتى
لوكخېد مارتىن شىركىتىنىڭ مەخپىي «سېسىق كۈزەن زاۋۇتى» 1943-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بىر پارچە تۈزلەڭلىككە يوشۇرۇنچە سېلىنغان، ئۇنىڭ زاۋۇت سېخىلىرى ۋورت دېسنىي شىركىتىنىڭ ياردىمىدە ئاھالىلەر مەھەللىسى شەكلىدە قۇرۇلغان.
«سېسىق كۈزەن زاۋۇتى» (SkunkWorks) كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە رازۋېدكا ئايروپىلانى تەتقىق قىلىپ ياساش بىلەن داڭلىق، بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن F-117 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلىدىغان ئاۋىياتسىيە تەتقىقات پىلانىنى قاتارلىقلار بار، مەسىلەن 2-U، قاتارلىقلار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.